بىر ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بارلىق ئۇيغۇرلار باش قوشتى! ئامېرىكا ئەسقاتتى!

2019-يىلى 3-ئاۋغۇست، ۋاشىنگىتون

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

ئىلاۋە: ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى باشقا ھەر قانداق بىر تۈركۈم ئ‍ىنسانلارنىڭ ھاياتىدىن قەدىرسىز ھايات ئەمەس، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇش مۈشكۈل بولسىمۇ تىرىشىۋاتىمىز. چەتئەلدە بولسا خەلقئارا تەشكىلاتلار، تاراتقۇلار ۋە مۇناسۋەتلىك ئەھدىنامىلەرنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، قىيىنچىلىقتا قالغان ئۇيغۇرلارنى جىددى قۇتقۇزۇش ئىمكانىمىز بار! كۈلپەتتىكى ئۇيغۇر ئۈچۈن يىغىلاش ئەمەس، ھەرىكەت لازىم ، جاسارەت ۋە مۇھەببەت لازىم. ئۇيغۇر-ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇش بىلەن جانلىنىدۇ، ھاياجانلىنىدۇ، قېنى ئۇرغۇيدۇ، بۇ قېتىم مۇھاجىرەت ئۇيغۇرلىرى تەشكىلات ۋە گۇرۇپپا ئايرىماي تۇرۇپ بىر ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاكتىپ ئاتلاندى، باش قوشتى! ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، تاراتقۇلار ۋە ئ‍ادوۋكاتلار كۈچىدى، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى بۇ قېتىم ماسلاشتۇرغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان بارلىق تەرەپلەر، شەخسلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ! بۇ قېتملىق بىر ئ‍ۇيغۇرنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى جىددى بولدى، كۆپ قاتلاملىق بولدى. خۇشاللىنارلىق يېرى شۇكى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار خەتەرگە يولۇققان ھەر قانداق ئۇيغۇر ھەققىدە سەزگۈرلەشتى ۋە تەدبىر ئۆگەنمەكتە. مۇھاجىرەت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇرغا ھەقىقى كۆڭۇل بۆلىدىغان دەۋرى قايتا باشلاندى!

يېقىنقى ئەھۋال:

ئامېرىكا تاشقى ئ‍شلار مىنىستىرلىكىدىن ئالغان ئەڭ يېڭى خەۋەر: ئابلىكىم يۈسۈپ قاتاردىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن قۇتۇلدى. ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئ‍ىنسانى ھوقۇق ئادوۋكاتى، تاراتقۇلار ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئارلىشىشى نەتىجىسىدە خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن ۋاقتىنچە قۇتۇلۇپ قالدى.

خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە ئاساسەن قاتاردىن يەنە يەتتە كۈنگىچە ئىككىنچى بىر دۆلەتكە يۆتكىلىشىنى ساقلاش ھوقۇقى بار.

ئاساسى ۋەقە:

ئ‍ابلىكىم يۈسۈپ، ئ‍ەر، ئۇيغۇر، 53 ياش، خوتەن ۋىلايىتىدىن بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل پاكىستاندا ياشىغان. يېقىنقى مەزگىللەردە پاكىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئەنسىرلىكلەر سەۋەبلىك پاكىستاندىن ئۆزلۈكىدىن ئايرىلغان بولۇپ، 31-ئىيۇل بوسنىيە پايتەختى سارايىۋغا چۈشكەن. بوسنىيە ئۇنى كىرگۈزمىگەندىن كېيىن قاتار ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايرۇپىلانى بىلەن قاتار پايتەختى دوھاغا قايتۇرۇلغان .ئايرۇدۇرۇم ئۇنىڭغا قاتار ۋاقتى 3-ئاۋغۇست سەھەر 11:00 دە قاتار ئايرۇپىلانى بىلەن بېيجىڭغا قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن جىددىيلىشىپ مەسىنجىر ئارقىلىق ئىككى نەپەر تونۇشىغا خەت يازغان، بۇلاردىن بىرى ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئ‍ىستانبۇلدىكى تۈركچە قانال مەسئۇلى بولۇپ، بۇ 2-ئاۋغۇست كەچ سائەت 5:00 لەر ئىدى.

كەچ سائەت 7:00 لەر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى بۇ كىشىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن ئىنگىلىزچە خەۋەر قانىلى ئارقىلىق دەرھال ئېنگىلىزچە بىر مۇراجىئەتنامە چىقىرىپ، توردا ئېلان قىلدى،ئېنگىلىزچە ،ئەرەبچە مۇراجىئەتنامە ئىشلەپ سوتسىيال تاراتقۇلاردا ئورتاقلاشتى، بۇ تۇنجى رەسمى ماتېريال بولدى. بۇ ماتېرىيالنى مەخسۇس ئورگانلارغا ئەۋەتتى، بارلىق تەشكىلات گۇرۇپپىلىرىغا بۇ كىشىگە ئائىت خەۋەرلەرنى ئەۋەتتى.

ئارقىدىن «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا فوكۇس-ئاخباراتچىلار كۇلۇبى«دىن باز فىد مۇخبىرى مىگاھ خانىم  ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئ‍نسانى ھوقۇق ئادوۋكاتى كىمبىرلەيىن مەتولىس خانىمنى تونۇشتۇردى، مەزكۇر خانىم ھەقسىز ئادوۋكات بولۇشقا قوشۇلدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەرىكەتكە كەلدى.

كەچ سائەت 10:00 (ۋاشنگىتون)

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنى ھەرىكەتلەندۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان «ئامېرىكا ئۇيغۇر مۇنبىرى »

ئۆمەر قانات ئەپەندىم، گۇلچېھرە خانىم، مۇرات ئاتامان ئەپەندىم قاتارلىقلار تاشقى ئ‍ىشلار مىنىستىرلىكى ۋە ئاق سارايدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئارقىلىق قاتارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىغا مەزكۇر شەخسنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۇسۇلى ھەققىدە جىددى مەلۇمات بەردى ۋە تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جىددى ھەرىكەتتە

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار جۈملىدىن ئۇيغۇر ئ‍ىنسانى ھوقۇق پىروجەكتى ۋە  ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بىلەن ئاكتىپ ئالاقە قىلدى. بۇ چاغقىچە ئالاقىدار ئۇچۇرلار ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا كەڭرى تارقالدى. خەۋەر تاپقان ئارسلان ھېدايەت ئابلىكىم ئاكىمىز چىقارغان مۇراجىئەتنامە ۋىدىئوسىنى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى. مەمتىمىن ئەلا تېۋىتتىردا تۇنجى جىددى ئىنگىلىزچە چاقىرىق تارقاتتى، شەرقى تۈركىستان مىللى ئويغىنىش ھەرىكىتىدىن سالىھ خۇدايار كەچ بولسمۇ دادىسى بىلەن قاتارنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، قاتار ئەلچىخانىسدىن ئابلىكىم يۈسۈپنى ئۆتكۇزۇپ بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكىدىن  يەنە تۇمارس خانىم ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىپ ئۇچۇرلارنى ياخشى ماسلاشتۇردى ۋە كېيىنكى تەييارلىقى ئۈچۈن ياردەم خىزمىتىنى داۋام قىلماقتا. بەھرام، فۇرقەت قاتارلىقلارمۇ يېرىم كىچىگىچە ئۇيقۇسىز ھالدا جىددى ئالاقە ۋە ماسلاشتۇرۇشتا بولدى.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى -ئابلىكىم يۈسۈپ ئەپەندى بىلەن ئادوۋكات ۋە مېدىيا، تەشكىلاتلار، ھۆكۈمەت ئوتتۇرسىدا ماسلاشتۇرغۇچى بولدى ۋە ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.

كېچە سائەت 1:00

ئادۋوكات كىمبىرلەيىن -ئامېرىكىنىڭ بارلىق تاشقى ياردەم ئورگانلىرىغا خەت يازدى، جۈملىدىن ( USAID)، تاراتقۇلاردىن ئەنگىليەنىڭ مۇھاپىزەتچى قاتارلىقلار بىلەن ئالاقىلاشتى.

كېچە سائەت 1:30

مەن ئادوۋكاتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ئىنگىلىزچە :«بۇ كىشىنى قايتۇرۋېتىشكە  بولمايدۇ، بۇ كىشىنى قايتىشنى خالىمىغان ئەھۋالدا قايتۇرۋېتىشى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ، بۇنىڭ خەلقئارالىق ۋە ئىچكى مەسئۇلىيتىگە ئىگە بولسلەر» نامىدا بىر ئاۋازلىق خەت ۋە يازما خەت ئەۋەتتىم، ساقچىلار: «ئۆزى خالىمىسا قايتۇرمايمىز» دەپ جاۋاپ قايتۇردى.

كىچە سائەت2:00

ئالاقە ئۇزۇلدى، تاڭ ئاتقاندا بۇ كىشىنىڭ قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى ئۆمەر قانات ئەپەندىم  ۋە گۇلچىھرە خانىم تاشقى ئ‍شلار مىنىستىرلىكىنىڭ كاپالەت قىلغانلىقىنى، بۇ كىشىنىڭ قاتاردىن باشقا جايغا كەتكۈچە يەتتە كۇن تۇرسا بولىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۇرۇپ، ئامېرىكا-ئۇيغۇر مۇنبىرىگە خەۋەر بەردى. بۇ بىز بىلگەن خاتىرجەملىك ۋە جەزىملەشتۈرۈلگەن ئېنىق خەۋەردىن ئىبارەت.

ئابلىكىم يۈسۈپ ئەپەندى جىددى خەتەردىن قۇتۇلدى!

ئەمما ئىككىنچى بىخەتەر دۆلەتكە تېخى يۆتكەلگىنى يوق، ئابلىكىم يۈسۈپ ئەپەندىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭغا كېتىدىغان ئىقتىسادى چىقىمنى ھەل قىلىش خىزمىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ قېتملىق بىر ئ‍ۇيغۇرنى قۇتقۇزۇش ھەركىتى جىددى بولدى، كۆپ قاتلاملىق بولدى!

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئ‍شتا ھالقىلىق مۇھىم رول ئوينىدى

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئ‍نسانى ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن: ئ‍ىنسانى ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتىدىن سوفىيە رىچاردسون قاتار ھۆكۈمىتى ۋە قاتار ئايرۇپورتىغا تېۋېتتىر ئارقىلىق ئۆتكۇزۇپ بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى.

جەمئى يەتتە چوڭ مېىدىيا بۇ ھەقتە خەۋەر بەردى: باز فىد، ئاۋستىرالىيە خەۋەرلىرى، ئەنگىلىيە مۇھاپىزەتچى خەۋەرلىرىدىن ئىبارەت.

ئابدۇغەنى سابىت ۋە ئارسلان ھىدايەت قاتارلىقلار ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا كۆپ تارقىتىپ ئىجتمائى تەسىر قوزغىدى.

ھىچقانداق بىر ئۇيغۇر بۇ ئ‍شنى مەن قىلدىم دەپ داۋراڭ سالمىدى ۋە داۋاملىق خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.

خۇشاللىنارلىق يېرى شۇكى، ئۇيغۇر خەلقى ئويغاندى، ئۇيغۇر ئۇيغۇرغا ھەقىقى كۆڭۇل بۆلىدىغان دەۋر باشلاندى!

ئابلىكىم يۈسۈپ ئەپەندى جىددى خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالدى!

ئەمما ئىككىنچى بىخەتەر دۆلەتكە تېخى يۆتكەلگىنى يوق، ئابلىكىم يۈسۈپ ئەپەندىنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

" ج ك پ " غا  كەلگۈسىدە كىلىدىغان ئەڭ چوڭ خىرىس پارچىلانغان ئىچكى زىددىيەتتىن بولىدۇ

يە ئاۋغۇست 4 , 2019
ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى فرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىدىن ئېممىي تەرجىمە قىلغۇچى: ئەرتىكىن 2019-8-4   جېن پېررىي كەبېستان- فىرانسىيەلىك داڭلىق جەمىيەتشۇناس، سىياسىيون ۋە يىراق شەرق سىياسەتچىسى. ئۇ ھازىر خوڭكوڭ بابتىس ئۇنىۋېرسىتى سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى. ئۇزۇندىن بۇيان خىتتاينىڭ سىياسەت ۋە ئىجتىمائي ئىقتىساد مەسىلىلىرىنى كۆزىتىپ كەلمەكتە. 2018-يىلى ئۇنىڭ يېڭى ئەسىرى <خىتتاينىڭ كەلگۈسى: دېموكراتىيە […]

You May Like