بېيجىڭدىن تۈرك پۇقرالىرغا ۋىزا ئۈچۈن خىتاي ۋاكسىنىسى شەرتى

بېيجىڭدىن تۈرك پۇقرالىرغا ۋىزا ئۈچۈن خىتاي ۋاكسىنىسى شەرتى

تەرجىمە قىلغۇچى : ئىدىقۇت
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى17- مارت

 

خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى قاتتىق تەدبىرلەر يولغا قويغان خىتاي، چەتئەللىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئىشىكلىرنى ئېچىشقا باشلىدى، ئەمما ساياھەتچىلەر ۋىزا ئۈچۈن خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاكسىنىنى ئەملەتكەن بولۇشى كېرەك.

 

خىتاينىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىلىكنىڭ رەسمىي ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا، 2021- يىلى 15- مارتتىن باشلاپ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنىنى ئەملەتكەن ۋە تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىكنىڭ ۋاكسىنا ئەملەنگەنلىك بەلگىسىنى ئالغان كىشىلەرخىتاي ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، دەپ چۈشەندۈرۈلگەن.

 

ئەمما ۋىزا ئىلتماسى ئۈچۈن بەزى شەرتلەر تەلەپ قىلىنىدۇ. خىزمەت ياكى تىجارەت ئۈچۈن خىتايغا بارماقچى بولغانلار ۋە يا ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك سەۋەپلەر تۈپەيلى باردىغانلار( جىددىي ئىنسانىي ئېھتىياجلار) ۋىزىغا ئىلتىماس قىلالايدۇ.

 

قانداقلا تۈردىكى ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئىلتىماس قىلغۇچى چوقۇم خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاكسىنىنى ئەملەتكەن بولۇشى كېرەك.

 

خىتاينىڭ ئامېرىكا، ئىتاليە ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئەلچىلىكلىرىمۇ يۇقىرقى كۆرسىتىلگەن ئۇقتۇرۇشنى تارقاتقان. پەقەت خېلى كۆپ دۆلەتلەردە خىتاي ۋاكسىنىسىغا قارىتا، شۇ دۆلەتلەرنىڭ  سەھىيە تارماقلىرى  تەرىپىدىن تېخى ئىشلىتىش رۇخسىتى بېرىلمىگەن.

 

مەنبە: https://tr.euronews.com/2021/03/16/pekin-den-turk-vatandaslar-na-vize-icin-cin-as-s-sart

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

بىلىنكېن ۋە ئوستىن ئاسيا ئىتتپاقداشلىقىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ياپونىيەدە

پە مارت 18 , 2021
بىلىنكېن ۋە ئوستىن ئاسيا ئىتتپاقداشلىقىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ياپونىيەدە

You May Like