بېيجىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئايفۇن ئۇچۇرىنى قانداق ئوغرىلايدۇ؟

15- ماي «فرانسۇز كۆزەتكۈچى» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ تور بېتىدە «خىتاي قانداق قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئايفونىنى ئوغرىلىقچە كۆزىتىدۇ؟» سەرلەۋھەلىك ماقالە بېسىلغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:

بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 18- ماي

 

15- ماي «فرانسۇز كۆزەتكۈچى» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ تور بېتىدە «خىتاي قانداق قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئايفونىنى ئوغرىلىقچە كۆزىتىدۇ؟» سەرلەۋھەلىك ماقالە بېسىلغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:

 

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى مەخپىي ھالدا بىر قېتىملىق خاككېرلار مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرغان. مۇكاپات سوممىسى 200 مىڭ دوللار بولغان بۇ مۇسابىقىنىڭ مەقسىدى بولسا ئايفوننىڭ ئوغرىلىقچە كۆزەتكىلى بولىدىغان يوچۇقىنى تېپىش بولۇپ، 2018- يىلى نويابىردا، بىر خىتاي خاككېر غەلبىلىك ھالدا ئايفون ئۇچۇرىغا يىراقتىن ئېرىشىشنىڭ ئۇسۇلىنى تېپىپ چىققان. ئامېرىكا ماسساچۇسېتس سانائەت ئىنىستىتۇتىنىڭ پەن – تېخنىكا ژۇرنىلىغا 6- ماي بىر پارچە ماقالە بېسىلغان بولۇپ، يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى تەپسىلىي بايان قىلغان. ماقالىدە دېيىلىشىچە، 2018- يىلىدىن باشلاپ، خىتاي خاككېرلىرى ھەر يىلى كانادا ۋانكۇۋېردا ئۆتكۈزىلىدىغان خەلقئارالىق كاككېرلار مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغان بولغان. بۇ مۇسابىقە خەلقئارالىق كومپيۇتېر بىخەتەرلىك  يىغىنى ئېلىپ بارغان مۇسابىقە بولۇپ، روشەنكى بېيجىڭ خىتاي خاككېرلار چوقۇم خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك دەپ قارىغان. بېيجىڭ 2018- يىلىدىن باشلاپ «تىيەنفۇن لوڭىقىسى – خىتاي خاككېرلىرى مۇسابىقىسى» نامىدا مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، جاۋ چىشۈن (招啟汛) ئىسىملىك بىر خاككېر ئايفوننىڭ ئۇچۇر يوچۇقىنى ئېچىپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈن، تۇنجى قېتىم بۇ لوڭقىغا ئېرىشكەن. ئۇ بۇ بايقىشىنى «يادرو يوچۇقى» (内核漏洞، Chaos) دەپ ئاتىغان بولۇپ، خىتاي تاراتقۇلىرى بۇنى «ئايفوننى يىراق ئارىلىقتا مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش» دەپ ئاتىغان، ئەمما ئىككى ئايدىن كېيىن ئالما شىركىتى بۇ يوچۇقنى جىمجىتقىنا يېپىپ تاشلىغان. ھالبۇكى بۇ ئىككى ئاي جەريانىدا، خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بارلىق ئايفونلارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئايفونلىرىنى كۆزەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە گۇگىل گۇرۇھىنىڭ تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، خىتاي خاككېرلىرىنىڭ يۇقىرقى بايقىشى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە كۆزىتىشى ئۈچۈن غايەت زور ياردىمى بولغان ئىكەن.

 

مەنبە: فرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

«ئائىلە پىلانى: شىنجاڭدىكى يەرلىكلەرنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى مەجبۇرىي تۆۋەنلىتىش ھەرىكىتى»

سە ماي 18 , 2021
مەنبە: ئاۋىستىرالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى دوكلاتى

You May Like