بەشىكتاش مەيدانىدا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەپ ئېسىلغان لوزۇنكىلار نارازىلىق قوزغىدى

بەشىكتاش مەيدانىدا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەپ ئېسىلغان لوزۇنكىلار نارازىلىق قوزغىدى

 بەشىكتاش مەيدانىدا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەپ ئېسىلغان لوزۇنكىلار نارازىلىق قوزغىدى

ئامىنە ۋايىت/ سەدەف

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 5-ئۆكتەبىر

2-ئۆكتەبىر ئىستانبۇلنىڭ بەشىكتاش رايونىغا جايلاشقان «ۋودافۇن» مەيدانىدا تۈركىيەدىكى داڭلىق پۇتبول كۇلۇبلىرىدىن بەشىكتاش ۋە فەنەر باغچە كوماندىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلغان. مۇسابىقە جەريانىدا مەيدانغا ئېسىلغان خىتاي دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 73- يىللىقىنى تەبرىكلەش  لوزۇنكىلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار شۇنداقلا ئۇيغۇر داۋاسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاممىۋى تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. 

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقان پەيتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ 2– ۋەتىنى دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان تۈركىيەدەك بىر دۆلەتتە بۇنداق چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىدە خىتايلارغا كۆرسەتكەن دوستانە مۇئامىلىسى ئۆز قېرىندىشى ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان بىر ھاقارەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كىشىلەر سوتسىيال مېدىيالاردا ھەرخىل ئۇسۇلدا بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە «مىللىي» گېزىتنىڭ 3- ئۆكتەبىردىكى سانىدا : « خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقى ئىستانبۇلدا تەبرىكلەندى»  ماۋزۇسىدا خەۋەر يېزىلدى. « تۈرك ئوجاكلىرى»، «تۈمياد ياردەملەشمە دەرنىكى» قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۆزلىرىنىڭ سوتسىيال تور ھېسابلىرىدا: « شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقاندا بۇ قايسى خۇشاللىقنىڭ تەبرىكى؟…خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، خىتاينى تەبرىكلىگەنلەرگە لەنەتلەر بولسۇن…» دېگەندەك يازمىلار بىلەن مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرغان تەرەپنى ئەيىبلىدى. 

داڭلىق ژۇرنالىست ، يازغۇچى ۋە تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى مۇرات بارداكچىنىڭ تىۋىتېر ھېسابىدا يوللىغان نارازىلىق يازمىسى نەچچە يۈز كىشى تەرىپىدىن تارقىتىلدى ۋە قوللاشقا ئېرىشىلدى. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

پروفېسسور دوكتور، شائىر سۇلتان مەھمۇد قەشقەرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئېلىپ بېرىلدى

چا ئۆكتەبىر 5 , 2022
پروفېسسور دوكتور، شائىر سۇلتان مەھمۇد قەشقەرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئېلىپ بېرىلدى

You May Like