دوپپا بايرىمى كۈنىدە بېنگالدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

دوپپا بايرىمى كۈنىدە بېنگالدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

دوپپا بايرىمى كۈنىدە بېنگالدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 6-ماي

ئارمان

5-ماي «خەلقئارالىق ئۇيغۇر دوپپا» بايرىمى كۈنىدە بېنگالدا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ ھەقتە خەۋەر تارقاتقان بېنگالدىكى يەرلىك تاراتقۇلار مۇنداق دەپ يازىدۇ: « 5-ماي كۈنىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ دوپپا كۈنىنى تەبرىكلىشىدۇ، دوپپا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن بىرى بولغان ئەنئەنىۋى باش كىيىمى.»

خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، بېنگالدىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرى بۇ كۈندە بىر قانچە شەھەردە نامايىش تەشكىللەپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىشقان. بېنگالدىكى تەسىر دائىرىسى بىر قەدەر زور بولغان ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان BBSS جەمئىيىتى ۋېلىسىپىتلىك يۈرۈش نامايىشىنى تەشكىللىگەن بولۇپ، مەزكۇر نامايىشقا شۇ جايدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى، ژۇرنالىستلار، ھۆكۈمەت تەرەپ ۋەكىللىرى بىرلىكتە ئىشتىراك قىلغان. نامايىشچىلار ۋېلىسىپىتلىرىگە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلغان ۋىۋىسكىلارنى ئېسىپ شەھەر كوچىلىرىنى ئايلانغاندىن كېيىن شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان «ساقچى مەيدانى»دا يىغىلىپ نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. بېنگالدىكى بىر قانچە چوڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىرى، تەشكىلات ۋەكىللىرى، ژۇرنالىستلار سۆزگە چىقىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان. 

يەنە بىر  ئاممىۋى تەشكىلات ODB(ئوچۇق دىئالوگ بېنگال) دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبى بىناسىنىڭ ئالدىدا كىچىك تىپتىكى تىياتىر تەشكىللەپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنى سەھنىلەشتۈرۈپ نۇرغۇنلىغان يەرلىك خەلقنىڭ دىققىتىنى تارتقان. تىياتىر ئاخىرىدا سەنئەتكارلار ئۇيغۇر دوپپىلىرىنى تاماشىبىنلارغا ھەقسىز تارقاتقان.

 بېنگالدىكى Muktijoddha Sangsad ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشكىلاتى ئوخشىمىغان شەھەرلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېت، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، خىتاي مەبلىغىدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتى قاتارلىق جايلارنىڭ ئالدىدا نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇلار يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈپ تەشكىلاتىغا ئەرز مەكتۇپى سۇنۇپ خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

مۇھاجىرەت ئۇيغۇرلىرى ئۇيغۇرلۇق كۈنى 2022-يىللىق دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلىدى

جۈ ماي 6 , 2022
مۇھاجىرەت ئۇيغۇرلىرى ئۇيغۇرلۇق كۈنى 2022-يىللىق دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلىدى

You May Like