بېلگىيەدىكى ختاي رېستوران خوجايىنىنى بۇلىغان 6 ئۇيغۇرغا ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان

بېلگىيەدىكى رېستوران خوجايىنىنى بۇلىغان 6 كىشىگە ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان

 

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 23-ئاۋغۇست

ئارمان

يېقىندىن بېرى فەيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا تارقالغان بېلگىيەدىكى خىتاي رېستوران خوجايىنىنى بۇلىغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى دەلىللەش ئۈچۈن توردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشتۇق. بۇ ھەقتە بېلگىيەدىكى نېدىرلاند تىلىدا چىقىدىغان nieuwsblad تور گېزىتىنىڭ 2021-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:

» زوئېرسېل(ZOERSELبېلگىيەنىڭ شىمالىدىكى بىر شەھەر)-ئانتۋېرپېن(Antwerpen) شەھەرلىك جىنايى ئىشلار سوتى 2020-يىلى 3-ئايدا يۈز بەرگەن زوئېرسېلدىكى خىتاي رېستورانى Wok Halle خوجايىنىنىڭ ئۆيىگە رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇپ كىرگەنلىك ۋەقەسىدىكى يەتتە نەپەر ئۇيغۇرغا ئايرىم- ئايرىم ھالدا بەش ۋە ئالتە يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدى. ئۆيدىكى رېستوران خوجايىنى ۋە بالىلىرى قورال بىلەن تەھدىت سېلىنغان بولۇپ ھۇجۇم قىلغۇچىلار 4.00 دوللار (ئەسلى مەنبەدە شۇنداق ئېلىنغان، بەلكىم ساندا خاتالىق بولۇشى مۇمكىن) پۇلنى ئوغرىلاپ كەتكەن.

بۇلتۇر 3-ئايدا زوئېرسېلدىكى  Eikenlaan غا جايلاشقان بىر خىتايچە رېستوراننىڭ خوجايىنى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. رېستورانغا يېقىن يەردىكى ئۆيىدە رېستوران خوجايىنى ۋە بالىلىرى قوراللىق تەھدىتكە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۇت- قوللىرى رېزىنكە بەلۋاغ ۋە لېنتىلار بىلەن باغلانغان، ئاتا- ئانىلىرىنى ئايرىم ئۆيگە قۇلۇپلاپ قويۇپ ئۇرغان.

فېدېراتىپ ئەدلىيە ساقچىلىرىنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە بىر قانچە نەپەر جىنايەت گۇماندارلىرى مۇقىملاشتۇرۇلغان. بىرىنچى كىشىDeurne دىن كەلگەن 25 ياشلىق بىرى بولۇپ، ئۇ قولغا ئېلىنغاندا يانفونىدىن باشقا شېرىكلىرىنىڭ ئىزلىرى بايقالغان. ئۇلار مۇشۇ يىپ ئۇچى ئارقىلىق 7نەپەر جىنايەت گۇماندارلىرىنى تولۇق قولغا چۈشۈرگەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بېلگىيە ۋە گوللاندىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن ئىكەن.

بىر نەپەر جىنايەت گۇماندارىنىڭ يانفونىدىن قورقۇپ كەتكەن خىتاي ئايالنىڭ سۈرىتى تېپىلغان بولۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئايالنىڭ ئانتېرۋېرپىندىكى Gemeentestraat دېگەن يەردە ئۈچ ئەر تەرىپىدىن بۇلانغانلىقى ئېنىقلانغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى زوئېرسېلدىكى بۇلاڭچىلىققا قاتناشقان ئىكەن. سوتتا ئەيىبلىگۈچى تەرەپ يەتتە نەپەر(25ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان) جاۋابكارغا 5يىلدىن 6 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلغان، ئۇلارنىڭ قىسمەن ئىقرارلىرى ئارقىسىدا سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگەن ئاساستا ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئۇلارغا 5 يىلدىن 6يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان.»

خەۋەر مەنبەسى:

https://www.nieuwsblad.be/cnt/dmf20210622_93592775

 

Uyghur Reporter

Next Post

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: تالىباننىڭ تۈگىمەس بايلىقى-ئۇيغۇرلار

دۈ ئاۋغۇست 23 , 2021
ئابدۇۋەلى ئايۇبنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان سىياسى ئوبزورى

You May Like