ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنىڭ ھازىرغىچە تەستىقلانماسلىقىدا بايدىن ھۆكۈمىتى سەۋەبلىكمۇ؟

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى خەۋىرى: ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى مەخسۇس سەھىپىسىنىڭ يازغۇچىسى جوش روگىنJosh Rogin بۈگۈن ماقالە ئېلان قىلىپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنى كەينىگە سۈرۈشنىڭ سەۋەبلىرىنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە ئامېرىكىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن نەپ ئېلىۋاتقان كارخانىلارنىڭ لوبىچىلىرى، شۇنداقلا دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىق كۈچلەرنىڭ توسقۇنلۇقى، ۋە بايدىن ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئاستىرتىن پارلامېنت ئەزالىرىدىن قانۇن لايىھە قەدەم باسقۇچلىرىنى ئاستىلىتىشىنى تەلەپ قىلىشى سەۋەبلىك بۇ قانۇن لايىھە تا بۈگۈنگىچە ئەمەلىيلەشمىگەن ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى2021-يىلى03-دېكابىر

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى خەۋىرى: ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى مەخسۇس سەھىپىسىنىڭ يازغۇچىسى جوش روگىنJosh Rogin بۈگۈن ماقالە ئېلان قىلىپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنى كەينىگە سۈرۈشنىڭ سەۋەبلىرىنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە ئامېرىكىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن نەپ ئېلىۋاتقان كارخانىلارنىڭ لوبىچىلىرى، شۇنداقلا دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىق كۈچلەرنىڭ توسقۇنلۇقى، ۋە بايدىن ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئاستىرتىن پارلامېنت ئەزالىرىدىن قانۇن لايىھە قەدەم باسقۇچلىرىنى ئاستىلىتىشىنى تەلەپ قىلىشى سەۋەبلىك بۇ قانۇن لايىھە تا بۈگۈنگىچە ئەمەلىيلەشمىگەن ئىكەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» دا ئېلان قىلىنغان « ھازىر دۆلەت مەجلىسى شى جىنپىڭنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى كېرەك» دېگەن تېمىدىكى ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن:« بۇ ھەپتە مەركىزى ئەنگلىيەدىكى مەلۇم بىر خۇسۇسى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخپىي ھۆججىتىنى ئاشكارىلىغان. بۇ ھۆججەتلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدىكى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ شەخسەن ئۆزى شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان.ت) دىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىستېمىلىق، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىگە ئاساس سېلىپ بەرگەن. ھازىر ئاشكارا بولغان ئىنتايىن كۆپ دەلىللەردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، مەجبۇرىي نوپۇس كۆچۈرۈش، ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىش، مەدەنىيەتنى يوقىتىش قاتارلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ بولسا بىر مىللەتنى، شۇنداقلا ئىرقىي ياكى دىنى گۇرۇپپىلارنى پۈتۈنلەي ياكى نىسبەتەن يوق قىلىۋېتىشنى مەقسەت قىلغان جىنايەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ…ئۇنداقتا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى نېمىشقا ئاددىي بولغان بىر قانۇننىمۇ تەستىقتىن ئۆتكۈزمەيدۇ؟ نېمىشقا  بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكىدىكى ئائىلە ۋە شىركەتلەردىن يوقىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ؟…»

مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى جوش روگىننىڭ قارىشىچە، دېموكراتچىلار رەھبەرلىك قىلىۋاتقان دۆلەت مەجلىسىدە بۇ يىل 7-ئايدا ئاللىبۇرۇن تەستىقلىنىپ بولۇنغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ پرېزىدېنت جو بايدىننىڭ ئۈستىلىگە ئېلىپ كېلىشى ئىنتايىن تەس ئىكەن. دۆلەت مەجلىسىدىكى كېڭەش پالاتاسى بىلەن ئاۋام پالاتاسىدىكى دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن كەلگەن رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەر تەرتىپ مەسىلىسى ۋە كەلگۈسىدىكى ھەرىكەت ۋەدىلىرىنى باھانە قىلىپ ئىككى پارلامېنتتا ئاللىبۇرۇن ماقۇللىنىپ بولۇنغان قانۇن لايىھىسىنى تا بۈگۈنگىچە سوزۇپ كەلگەن ئىكەن. ئەمما ئۇلار بۇرۇن ئوچۇق ھالدا بۇ قانۇن لايىھىسىنى قوللايدىغىنىنى ئېلانمۇ قىلغان ئىكەن.

چارشەنبە كۈنى مەزكۇر قانۇننىڭ ئاۋام پالاتا نۇسخىسىنى تۈزگۈچىلىرىدىن بىرى بولغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن كەلگەن ماركو رۇبىيو بۇ قانۇننىڭ «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى» قانۇنىغا تۈزۈتۈش لايىھىسى بولۇپ كىرگۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلغان، چۈنكى «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى» قانۇنى مەجبۇرىي تەستىقلىنىدىغان قانۇن ئىكەن. ئەمما كېڭەش پالاتاسىدىكى دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن كەلگەن ئەزالار » تۈزۈتۈش قانۇنىغا مەبلەغ جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىش تەرتىپ قائىدىسىگە خىلاپ» دېگەن باھانە بىلەن بۇنىڭغا قارشى تۇرغان. ماركو رۇبىيونىڭ قارىشىچە بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشتىكى ۋاسىتىسى ئىكەن.  

ماركو رۇبىيونىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن نەپ ئېلىۋاتقان ئامېرىكىدىكى «ئالما»، «نايكى» غا ئوخشاش شىركەتلەرنىڭ لوبىچىلىرى ئىزچىل تۈردە مەجلىس ئىچىدە لوبىچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئاۋام پالاتاسىنىڭ دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن كەلگەن رەئىسى نانسى پلوسىمۇ بۇ قانۇننىڭ ئاۋام پالاتادىن ئۆتۈشىنى خالىمايدىكەن. ئەمما نانسى پلوسى پەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ رۇبىيونىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلغان شۇنداقلا ئاۋام پالاتاسىدىكى Jim McGovern ئوتتۇرىغا قويغان قانۇن نۇسخىسىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ۋەدە بەرگەن. بۇ قانۇننىڭ ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىدا ئوخشىمىغان ئىككى نۇسخىسىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى شۇنداقلا بۇ ئىككى خىل نۇسخىنى كېلىشتۈرۈش لايىھىسىنىڭ يوقلۇقىمۇ بۇ قانۇننىڭ تەستىقلانماي كەلگەن سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. 

جوش روگىن بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئاستىرتىن بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەرتىپ ئىشلىرىنى ئاستىلىتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق يازغان: «بايدىن ھۆكۈمىتىدىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ دەلىللىشىچە، مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى Wendy R. Sherman بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسىJeff Merkley بۇ يىل 10-ئايدا تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بارغان، سۆھبەتتە شېرمان ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ قاراتمىلىقى بولغان نۇقتىلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ قايسى مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىماقچى بولۇشتەك پىلانىنىڭ بارلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ئىشنى ھەل قىلىشتا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنىڭ تاق تەرەپلىك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشتىن ئەۋزەللىكىنى ئېيتقان.»

مەنبە: فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى تورى

تەييارلىغۇچى: ئارمان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

بىر نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز بېلگراد ئايروپورتىدا تۇتۇپ قېلىنغان، خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى بار

جۈ دېكابىر 3 , 2021
بىر نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز بېلگراد ئايروپورتىدا تۇتۇپ قېلىنغان، خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى بار

You May Like