ئارمان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 19-ئاۋغۇست
ۋولت كوچىسى گېزىتى (WSJ) نىڭ 19-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا بايدىن ھۆكۈمىتى تالىباننىڭ بىرقانچە مىليارد دوللارلىق ئاساسلىق چەتئەل مەبلەغ زەنجىرىنى ئۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە ئامېرىكا تەرەپ بۇ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن لازىملىق بولغان تەييارلىقلارنى پۈتتۈرۈپ بولغان بولۇپ، ئاساسلىق نىشانى تالىباننىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە فوندى تەشكىلاتى(IMF) دىكى ئافغانىستاننىڭ نەچچە ئون مىليارد دوللارلىق دۆلەت زاپىسىنى ئىشلىتىشنى توڭلىتىش شۇنداقلا دۇنيا بانكىسى ۋە باشقا ئىئانە قىلغۇچى ئورگانلارنىڭ ياردەم مەنبەسىنى ئۈزۈش قاتارلىقلار ئىكەن. بۇ ھەقتە IMFنىڭ بىر ئەمەلدارى چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا ئافغانىستاننىڭ مەزكۇر تەشكىلاتتىكى ساقلىنىۋاتقان زاپاس پۇلىنىڭ ۋاقتىنچە توڭلىتىلغانلىقىنى دەلىللىگەن.
رېتىر ئاگېنتلىقىنىڭ (Reuters) بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە فوندى تەشكىلاتى(IMF) نىڭ بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن : «ئافغانىستاندا تالىبان ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، نۆۋەتتىكى تۇراقسىز ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، تەشكىلاتىمىز ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ ئافغانىستاننىڭ بىزدىكى زاپاس بايلىقنى ئېلىشىنى ۋاقىتلىق توختاتتۇق. بۇ تەخمىنەن 440 مىليون دوللار قىممىتىدىكى يېڭى پۇل زاپىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»
ئامېرىكا ۋە ئافغانىستاننىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئافغانىستان مەركىزى بانكىسىنىڭ 10مىليارد دوللارغا يېقىن مەبلىغىنىڭ ناھايىتى زور بىر قىسمى چەتئەللەردە ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، يۇقىرىدىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا تالىباننىڭ بۇ مەبلەغلەرنى تاپشۇرۇپ ئېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە: ئافغانىستان مەركىزى بانكىسى (Da Afghanistan Bank,DAB) نىڭ لېدىرى ئەجمال ئەخمىدى (Ajmal Ahmady) ئۆزىنىڭ تۋىتتېرىدا تارقاتقان ئۇچۇرىدا ئافغانىستان مەركىزى بانكىسىنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپاس مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 9 مىليارد دوللار ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ پۇللارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ چەتئەل بانكىلىرىدا ساقلىنىۋاتقانلىقىنى، تالىبانلارنىڭ بۇ پۇللارنى ئالالمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپىسى كېڭىشى (Fed) نىڭمۇ 7 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئافغانىستاننىڭ زاپاس بايلىقىنى ساقلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 1.2مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئالتۇن بارلىقىنىمۇ بايان قىلغان. ئالاقىدار ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى 16-ئاۋغۇست فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىدە، ئافغانىستاننىڭ ئامېرىكىدىكى ھەرقانداق بايلىقلىرىنى تالىباننىڭ ئالالمايدىغانلىقىنى ئېنىق قىلىپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارا پۇل يۆتكەش سۇپىسى Western Union بۈگۈن ئافغانىستاندىكى پۇل يۆتكەش مۇلازىمىتىنى ۋاقىتلىق توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.