تۇرغۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 10-فېۋرال
ئامېرىكا پرېزدېنتى جوۋ بايدىن 10- فېۋرال چۈشتىن كېيىن ئۆزىنىڭ بەش بۈرجەكلىك بىنادا مەخسۇس خىتايغا قارشى ئىستىراتېگىيەلىك ۋە ھەربىي جەھەتتىن تاقابىل تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇ خىتاي-ئامېرىكا مۇناسۋىتىنىڭ ئادەتتىكى رىقابەتچى مەسىلىسىدىن جوۋ بايدىن ئېلان قىلغان «ئەڭ قاتتىق رىقابەت» باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكىنىڭ بەلگىسى دەپ قارالماقتا.