باتۇر قاراخانلىنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ھۆكۈمىتىگە يازغان خېتى

ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكىمىتىگە: مەن باتۇر قاراخانلې ( Batur KARAHANLI) شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇر. ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتىمەن. مېنىڭ ئائىلەمدىن مەندىن باشقىلار ئانا يۇرتۇم شەرقى تۈركىستاندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئاتا – ئانام، ئىككى ئىنىم ۋە بىر سىڭلىم بىلەن 2017 – يىلى 6 – ئاينىڭ 25 – كۈنىدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئالاقىلىشالمىدىم.

  ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكىمىتىگە:   مەن باتۇر قاراخانلې (  Batur KARAHANLI) شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇر. ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتىمەن. مېنىڭ ئائىلەمدىن مەندىن باشقىلار ئانا يۇرتۇم شەرقى تۈركىستاندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئاتا – ئانام، ئىككى ئىنىم ۋە بىر سىڭلىم بىلەن 2017 – يىلى 6 – ئاينىڭ 25 – كۈنىدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئالاقىلىشالمىدىم. ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن ھېچقانداق مەلۇماتىم يوق. ئۇچۇر ئالاقە تەرەققىي قىلىپ، پەرقلىق قىتئەلەردىكى كىشىلەر ئىنتىرنىت تور ئالاقىسى بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش شارائىتىغا ئىگە بولغان دەۋرىمىزدە، مەن ئاتا – ئانام ۋە ئۇرۇق – تۇققانلىرىمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشتىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقۇمدىن مەھرۇم ياشاۋاتىمەن. بۇ پەقەت مەندىنلا ئىبارەت بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەمەس، بەلكى شەرقى تۈركىستانلىق بارلىق ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلىك قىسمەت. كىشىلىك ھوقۇق دائىرىسى كۈنسېرى كېڭىيىۋاتقان، كىشىلەر تېخىمۇ كەڭ ساھەدە كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمان بولىۋاتقان، كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك، دىموكراتىيە يەرشارىدا ئومۇمىيلىشىۋاتقان كۈنىمىزدە، تاجاۋۇزچى خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستاندا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلماقتا. تاجاۋۇزچى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستان ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسيا، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ۋە ياۋروپاغا كېڭەيمىچىلىك قىلىش ۋە بۇ كېڭەيمىچىلىكىنى مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بۇ كېڭەيمىچىلىككە قارشى قورغان رولىنى ئويناۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنى قارانىيىتىگە قۇربان قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا مەدەنىيەت غەزىنىسىگە ئون ئىككى مۇقامدىن ئىبارەت سەنئەت ئەسىرىنى قوشقان، سىياسەت تارىخىغا « قۇتادغۇبىلىك »تەك ئۆلمەس ئەسەرنى سوۋغا قىلغان مەدەنىيەتلىك بىر مىللەتكە قارىتا شەرقى تۈركىستاندا ئېرقى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىپ، دۆلەت تېرورى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر مىللىتى مانا مۇشۇنداق مىللىي مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، پىرزېدېنت دونالت ترامپ يېتەكچىلىكىدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەر جەھەتتىن ئاۋازى بوغۇلغان، يېتىم قالدۇرلۇپ يالغۇز تاشلىۋېتىلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازغا ئاۋاز بولۇپ، ئۇلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى دۇنياغا جاكارلىدى. دۇنيادا ئىنسانلىقنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى نامايەن قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ساھىپ چىقتى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق، دىموكراتىيە ھامىيسى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. 2018 – يىلى 25 – سېنتەبىردە پىرزېدېنت دونالت ترامپنىڭ ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا پۈتۈن دۇنيانى ئىنسانىيەتكە بالايى – ئاپەت ئېلىپ كەلگەن كوممۇنىزمغا قارشى كۆرەشكە چاقىرغانلىقىنى ئاڭلاپ خۇرسەن بولدۇم. بۈگۈن شەرقى تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق خەلقلەر كۇممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا جان تالاشماقتا. شۇنداق، كوممۇنىزم ئىنسانىيەتكە بالايى – ئاپەتتىن باشقا نەرسە ئېلىپ كەلمىدى. شۇڭا كوممۇنىزمنىڭ قالدۇقى بولغان ج ك پ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تارىخ سەھپىسىدىن سۈپۈرۈپ تاشلىنىشى كېرەك. ھالاكەت گىرداۋىغا بېرىپ قالغان ئۇيغۇر خەلقىنى يالغۇز تاشلاپ قويمىغان پىرزېدېنت دونالت تىرامپ، مۇئاۋىن پىرزېدېنت پەنس، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپىيو، سەناتور ماركۇ روبىئوغا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بىر شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇر بولۇش سۈپتىم بىلەن رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇيغۇر خەلقى سىلەرنىڭ بۇ ياردىمىڭلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ، سىلەرنى ھەر دائىم ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىدۇ. ھۆرمەت بىلەن باتۇر قاراخانلې ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى مەزكۇر خەتنى ئىنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ يەتكۇزۇشكە قولايلىق يارىتىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 11

Next Post

خىتاينىڭ ئىقتىسادى تاجاۋۇزچىلىقى ئاستىدىكى ئامېرىكىلىقلار ۋە ئۇيغۇرلار: « تاغلىقلارنىڭ ماتەم ناخشىسى»(Hillbilly Elegy) دىن تەسىراتىم

جۈ ئۆكتەبىر 12 , 2018
بۇ يىلقى ئەڭ قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان «ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى» غا ھەممەيلەن دىققەت قىلىۋاتقان بولۇشى مۈمكىن. بۇ يىلقى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى يىغىندا ئامېرىكا خىتاينى «ئىستىراتېگىيەلىك رەقىب» ى دەپ بېكىتكەن، يەنى خىتاي ئامېرىكىغا نىسبەتەن «تېرورىزىم» دىنمۇ چوڭ تەھدىت دېيىلگەن[1]

You May Like