بالىڭىزنى ھېچكىم ھۆرمەتلىمىگەن تەقدىردىمۇ سىز چوقۇم ھۆرمەتلەڭ

بالىڭىزنى ھېچكىم ھۆرمەتلىمىگەن تەقدىردىمۇ سىز چوقۇم ھۆرمەتلەڭ

«بالىمىزنى جاھاندىكى ھەممە ئادەم كۆزگە ئىلمىغان تەقدىردىمۇ، ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز ئۇلارنى ھۆرمەتلىشىمىز، ئۇلارنى باغرىمىزغا بېسىشىمىز، ئۇلارغا مەدھىيە ئوقۇشىمىز، ئۇلاردىن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك، مانا بۇ ھەر بىر بالىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنىڭ ئاساسى». بۇ بىر گاس دادىنىڭ قىزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى داۋامىدا توپلىغانلىرى.   ختتاي داڭلىق مائارىپچىسى تاۋ شىڭجى  بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر بۇرۇنلا چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: بالا تەربىيەلەشنىڭ بارلىق سىرى بالىغا ئىشىنىش ۋە بالىنى ئازاد قىلىش. بالىغا ئىشىنىش ۋە بالىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بالىلارنى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، ھۆرمەت بولمايدىكەن، تەربىيەمۇ بولمايدۇ.   ئەمما، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا قانچىلىك ئانا ئۆزىنىڭ بالىسىنى چىن كۆڭلىدىن ھۆرمەت قىلىدۇ؟ بىر قېتىم مەن تەكلىپكە بىنائەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «كەپسىز بالىلارنى قانداق تەربىيەلەش كېرەك» دېگەن تېمىدىكى مۇلاھىزىسىگە قاتناشتىم، قارىماققا ئانچە كەپسىز كۆرۈنمەيدىغان بىر نەچچە ئوغۇل بالا ئۇ يەردە «سالپىيىپ» ئولتۇرۇشاتتى. بۇ چاغدا مەن ئەسلىدىكى تېما ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلالماسلىقىمدىن ئەنسىرەپ قالغان ئىدىم. ئەمما كىم بىلسۇن، سۈرەتكە ئېلىنىش باشلىنىشى بىلەنلا «سالپىيىپ» ئولتۇرۇشقان بۇ بالىلار ناھايىتى روھلىنىپ كېتىشتى، ئارىدىن بىرى مۇنداق دېدى: «دادام ھەر قېتىم مېنى تەنقىدلىگەن ۋاقىتتا مۇنداق دەيدۇ: قارا خەقنىڭ بالىسىغا نېمىدېگەن ياخشى، سەن نېمانچە كەپسىز، خەقنىڭ بالىسى نېمىدېگەن ئەقىللىق، سەن نېمانچە دۆت . . . مەن كۆڭلۈمدە ھەرگىزمۇ قايىل بولمايمەن، مەن دائىم مۇنداق ئويلايمەن، سەن باشقىلارنىڭ بالىسىنى ياخشى كۆرسەڭ شۇنىڭغا دادا بولساڭلا بولمىدىمۇ؟ يەنە نېمىشقا ماڭا دادا بولىسەن؟» بۇ ۋاقىتتا مەن ئۇنىڭ دادىسىغا قارىسام، ئۇنىڭ دادىسى كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، ئېغىزىنى پۈرۈشتۈرۈپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالماي ئولتۇرۇپتۇ. سۈرەتكە ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ بالىنىڭ دادىسى مېنى ئىزدەپ كېلىپ كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن بىر شوپۇر، مېنىڭ مۇشۇ بىرلا ئوغلۇم بار، مەن ئۇنىڭغا شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىمەن، جاپادا پۇل تېپىشىم ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ نېمىشقا ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟» مەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېدىم: «سىز بالىڭىزنى ياخشى كۆرىسىز، لېكىن بالىڭىز بۇنى بىلمەيدۇ. سىز ئۇنىڭغا مۇھەببىتىڭىزنى ھەمدە ھۆرمىتىڭىزنى ئىپادىلەپ باقمىدىڭىز، سىز پەقەت باشقىلارنىڭ بالىلىرىنى ھۆرمەت قىلىسىز، شۇڭا سىزنىڭ بالىڭىز سىزنى ئۆزىنى ياخشى كۆرمەيدۇ دەپ قارايدۇ.» بۇ خىل باش ئاغرىقى بار بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ سانى ئاز ئەمەس. چۈنكى، ھازىر نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەشتىكى روھىي ھالىتى خاتا، ئۇلار ئۆز بالىلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى كۆزىتىپ ئۇلارغا ئىلھام بېرىشنىڭ ئورنىغا بالىلىرىنىڭ ئەيىبىنى تۇتۇۋېلىپ ئۇلارنى ئەيىبلەيدۇ. ئەڭ قورقۇنچلۇق بولغىنى، باشقىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى تۇتۇۋېلىپ ئۆز بالىلىرىنىڭ كەمچىلىكى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ، سېلىشتۇرغانسېرى ئۆزىنىڭ بالىسىنى باشقىلارنىڭ بالىسىغا يەتمەيدىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سىز بالىڭىزنى باشقىلارنىڭ بالىسىغا سېلىشتۇرۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت سىزنىڭ بالىڭىزدا بۈگۈن تۈنۈگۈنگە قارىغاندا ئىلگىرىلەش بار بولسىلا سىز ئۇنى تەبرىكلىشىڭىز كېرەك، مانا بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزىنىڭ بالىلىرىغا بولغان ھۆرمىتىنىڭ ئىپادىلىنىشى. قارىغۇلارچە سېلىشتۇرۇش نۇرغۇن يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ، سىز بالىڭىزنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى نابۇت قىلىۋاتىسىز، شۇنىڭ بىلەن بالا خاتا ھالدا مۇنداق دەپ قارايدۇ: ئۇنىڭغا كەلگەن بۇ «ئاپەت» لەرنى ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئېلىپ كەلگەن، شۇڭا ئۇ ھەمراھلىرىدىن ئۆگىنىشنى خالىمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلارغا ئاداۋەت تۇتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشتا باشقىلاردىن ئۆگىنىشتىن بىزار بولۇپ چوڭ بولىدۇ. مائارىپ تارىخىدىكى كوپېرنىك دەپ تەرىپلەنگەن چېخ پېداگوكى كومېنسكىي مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: «بالىلارنى خۇددى ئۇلۇغلارنى ھۆرمەت قىلغانغا ئوخشاش ھۆرمەت قىلىش كېرەك.» ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ئېھتىياج دەل ھۆرمەتكە ئېرىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەنىۋى تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ ھەر بىر كىچىك ھاياتلىق گويا ھۆرمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ دۇنياغا كەلگەن، بەلكى ھېچكىممۇ ھاقارەتلىنىش ئۈچۈن كەلگەن ئەمەس. قۇرامىغا يەتمىگەن كىچىك بالىلارلا ئەمەس، بىز چوڭلارمۇ رەھبەرلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشنى ئويلايمىز، خىزمەتداشلىرىمىز بىلەن ئۆز ئارا ھۆرمەتلىشىپ بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى ئويلايمىز، ھېچكىممۇ كۈن بويى باشقىلار بىلەن تەتۈر قارىشىپ ئۆتۈشنى، ئۇنداق غەلىتە ئادەملەر بىلەن بىللە ئىشلەشنى خالىمايدۇ. بالا بىلەن چوڭلار ئوخشىمايدۇ. چوڭلار بۇ خىزمەت ئورنىدا ھۆرمەتكە ئېرىشەلمىسە، كۆڭلى سۇ ئىچمىسە، يەنە بىر خىزمەت ئورنىغا ئالمىشىپ خىزمەت قىلسا بولىدۇ، بىراق بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمىسە بارىدىغان يېرى يوق. شۇڭلاشقا ھۆرمەتلەشنى ئۆگىنىش بولسا ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپى. «بىزنىڭ بالىمىزنى جاھاندىكى ھەممە ئادەم كۆزگە ئىلمىغان تەقدىردىمۇ، ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز ئۇلارنى ھۆرمەتلىشىمىز، ئۇلارنى باغرىمىزغا بېسىشىمىز، ئۇلارغا مەدھىيە ئوقۇشىمىز، ئۇلاردىن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك، مانا بۇ ھەر بىر بالىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنىڭ ئاساسى.» بۇ بىر گاس دادىنىڭ قىزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى داۋامىدا توپلىغانلىرى. بىز ئاتا-ئانىلارنى ھەر قانداق بىر سەۋەب بىلەن بالىلار ئۈمىدسىزلىنىدىغان گەپلەرنى قىلىشقا ئاساسىمىز يوق، چۈنكى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى يول خۇددى مۇسابىقە مەيدانىغا ئوخشايدۇ، ئۇلار ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى كۆزىشىگە ماھىر بولۇشىغا شۇنچىلىك تەشنا، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن توۋلاپ مەدەت بېرىشىگە شۇنچىلىك ئېھتىياجلىق، ناۋادا بالىلار مىڭ قېتىم يىقىلىپ چۈشسىمۇ يەنە شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىش كېرەككى، ئۇلار مىڭ بىرىنچى قېتىم ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كىشىلىك ھايات يولىنى نۇرلاندۇرالايدۇ. بالىلارنى ھۆرمەتلەپ تەربىيەلەش بولسا بىر خىل سەنئەت. شۇڭا بالا تەربىيەلەشتە ئۆز بالىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە پىسخىكىسىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى بىر قانچە پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىش كېرەك. 1. بالىلارنى ۋاقتىدا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك بالىدا ياخشى بولغان ئىش-ھەرىكەتلەر كۆرۈلگەن ھامان چوقۇم ۋاقتىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك، قانچە تېز بولسا ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. خۇددى بالىلارغا تەنقىد-تەربىيە بەرگەنگە ئوخشاشلا، بالا چوقۇم مەلۇم تەسىراتقا ئىگە ۋاقتىدا بولۇشى كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندىلا ئۇلارنىڭ رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكىنى ئەستە ساقلاش ۋە ھېس قىلىشىغا پايدىسى كۆپ. ماختاش كونكرېت بولۇشى كېرەك، بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قۇرۇق گەپلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. مەسىلەن، بالىڭىز دوستى بىلەن بىللە ئويناپ يىقىلىپ چۈشسە ھەمدە دوستىنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويسا، سىز كېلىپ «سەن بۈگۈن بەك ياخشى قىلدىڭ ھە !» دېسىڭىز بولمايدۇ، بۇ گەپنىڭ يۆنىلىشچانلىق كۈچلۈك ئەمەس، سىز مۇنداق دېيىشىڭىز كېرەك، «سەن بۈگۈن دوستۇڭنى يۆلەپ قويۇپ بەك ياخشى قىلدىڭ، ئاپاڭ ئاڭلىسا چوقۇم بەك خۇشال بولىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ چوقۇم مۇشۇنداق قىلغىن، دوستلار ئۆز-ئارا كۆڭۈل بۆلۈپ بىر-بىرىگە ياردەم بېرىپ ياخشى ئۆتۈشى كېرەك.» مۇشۇنىڭغا ئوخشاش گەپلەر بىلەن بالىلارغا نېمە ئۈچۈن مۇكاپاتلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش كېرەك. 2. رىغبەتلەندۈرۈشتىكى پوزىتسىيە ۋە سۆزگە دىققەت قىلىش كېرەك، بالىلاردا قانائەت تۇيغۇسى پەيدا قىلىش كېرەك «سەن بۇ ئىشنى قىلغۇچە چوقۇم نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھنىنى سەرپ قىلغانسەن، ياخشى قىپسەن !»، «يارايسەن بالام، مۇشۇنداق تەس ئىشنىمۇ قىلالاپسەن، ناھايىتى ياخشى»، «سېنىڭ تالانتىڭ باركەن، كېلەر قېتىم چوقۇم تېخىمۇ ياخشى قىلغىن». بالىلارنىڭ قەلبى ئەمەلىيەتتە ناھايىتى سەزگۈر بولىدۇ، رىغبەتلەندۈرۈشتە پوزىتسىيە سەمىمىي بولغاندىلا ئاندىن بالىغا قوبۇل قىلدۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. رىغبەتلەندۈرگەن ۋاقىتتا پاسسىپ باھا بېرىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋالماسلىق كېرەك. 3. رىغبەتلەندۈرۈشتە بالىنىڭ مىجەز-خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئىش كۆرۈش كېرەك ئوچۇق مىجەزلىك بالىلارنى بەك كۆپ ماختاپ كەتمەسلىك كېرەك، بولمىسا ئۇلار مەغرۇر ۋە شۆھرەتپەرەسلىك بولۇپ قالىدۇ، ئەمما ئىچ مىجەزلىك بالىلارنى بولسا ئۆز ۋاقتىدا ھەمدە تولۇق رىغبەتلەندۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى قوزغاش كېرەك. مۇكاپاتلاش مەنىۋى جەھەتتىن ياكى ماددىي جەھەتتىن بولسىمۇ بولۇۋېرىدۇ، بالىنىڭ نېمىگە ئەڭ قىزىقىدىغانلىقى، نېمىگە ئېرىشىشنى ئەڭ ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بايقاش كېرەك. 4. پەقەتلا مۇكاپاتلاپ تەربىيە بولمىسا يەنە بولمايدۇ، مۇكاپاتلاش چوقۇم تەربىيە بېرىش ۋە يېتەكلەش بىلەن بىلەن بىر يولدا بولۇشى كېرەك ھېسسىيات جەھەتتە ھەممە ئادەم تەقدىرلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشكە موھتاج، بولۇپمۇ بالىلار ئاتا-ئانىسى ۋە مۇئەللىمنىڭ تەقدىرلىشى ۋە ئىلھام بېرىشىگە ئېرىشكەندە چوقۇم جاسارىتى زور دەرىجىدە ئېشىپ بارىدۇ، ئىجادىي كۈچى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلارنى قاتتىق باشقۇرۇشنى ياخشى چارە دەپ ئويلاپ قالىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇسۇل خاتا، چۈنكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دائىم پاسسىپ ھالەتتە تۇرۇۋېرىشنى خالىمايدۇ. «بالىلارنىڭ قانداق ئادەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، بالىڭىزنىڭ ئۆزىنى شۇنداق ئادەم ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرەلىشىڭىز كېرەك»، ھۆرمەتلەش بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تەربىيە خۇددى مايسىغا چۈشكەن قۇياش نۇرىغا ئوخشايدۇ، بالىلارغا كۆپرەك قۇياش نۇرى ئاتا قىلايلى. قۇياش نۇرى ئاستىدا چوڭ بولغان بالا چوقۇم ئەقىل-ئىدراك بىلەن ساغلام خۇشال چوڭ بولىدۇ. رىغبەتلەندۈرۈش بالىلارغىلا ئۈنۈملۈك بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە ھەرقانداق ياشتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگىلا ماس كېلىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەممەيلەن ئەتراپتىكى ئادەم ۋە شەيئىلەرگە ھۆرمەت بىلەن باقايلى، تۇرمۇشىمىزدا باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىنىۋالساق بىزمۇ چوقۇم نۇرغۇن كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقلارغا ئېرىشىپ، دۇنيانىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايمىز

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

47 تۈرلۈك غەلىتە پىسخىلوگىيە قانۇنىيىتى

چا ئاپرېل 25 , 2018
47 تۈرلۈك غەلىتە پىسخىلوگىيە قانۇنىيىتى

You May Like