پرېزىدېنت بايدېن كابۇل ئايرۇپورتىدىكى پارتلاش ۋەقەسى توغرىسىدا بايانات بەردى

پرېزىدېنت بايدېن كابۇل ئايرۇپورتىدىكى پارتلاش ۋەقەسى توغرىسىدا بايانات بەردى

 

 

ئارمان 

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى27-ئاۋغۇست

2021-يىلى 26-ئاۋغۇست ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى خەلقئارا ئايروپورتنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 90 ئافغانىستانلىق ۋە 13 ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلگەن بولۇپ، بۇ يېقىنقى 10 يىل ئىچىدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندا دۇچ كەلگەن ئەڭ پاجىئەلىك ۋەقەسى ھېسابلىنىدىكەن.

شۇ جاي ۋاقتى 26-ئاۋغۇست پەيشەنبە ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدېن تېلېۋىزىيە نۇتقى قىلىپ بۇ قېتىملىق ۋەقەنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇ سۆزىدە كەسكىنلىك بىلەن مۇنداق دېگەن: » بۇ قېتىملىق ھۇجۇمنى تەشكىللىگۈچىلەر شۇنداقلا ئامېرىكا پۇقرالىرىغا زىيانكەشلىك قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلار، شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، بىز سىلەرنى ھەرگىز كەچۈرمەيمىز! بىز بولدى قىلمايمىز، سىلەرنى چوقۇم تۇتۇپ كېلىپ بەدەل تۆلەتكۈزىمىز!».

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن «شام ئىسلام تەشكىلاتى» سوسىيال مېدىئا تېلېگرامدا بايانات بېرىپ بۇ قېتىملىق ئۆزىنى پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تارمىقى بولغان » ئىسلام دۆلىتى -خۇراسان ئۆلكىسى»تەشكىلاتىنىڭ ئىجرا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بايدېن يەنە كونكرېت ھەرىكەت پىلانلىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ مۇنداق دېدى: » مەن قوماندانلىرىمىزغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۇلارنىڭ تېزدىن ھەرىكەت پىلانى تۈزۈپ » شام ئىسلام تەشكىلاتى-خۇراسان تارمىقى» غا ئەجەللىك زەربە بېرىشىنى، ئۇلارنىڭ كاتتىۋاشلىرى، ئەسلىھەلىرى، ۋە مەبلەغلىرىنى ۋەيران قىلىشىنى تەلەپ قىلدىم. بىز چوقۇم ۋاقىت ۋە ئورۇننى تاللاپ ئۇلارغا كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز!».

پرېزىدېنت باياناتىدىن كېيىن ئاق ساراي ئاخبارات كاتىپى Jen Psaki بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى : «بىز بۇ تېررورچى ئۇنسۇرلارنى چوقۇم تۇتۇپ كېلىمىز، ئۇلارنىڭ قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنى چوقۇم ئۆلتۈرىمىز».

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن پرېزىدېنت بايدېننىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىكى قوللاش نىسبىتى يەنە بىر بالداق تۆۋەنلىگەن. بىر قانچە نەپەر جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى بىرلەشمە بايانات بېرىپ بايدېننىڭ بۇ قېتىملىق ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئۆلۈشىگە باش سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ھەمدە ئۇنىڭدىن دەرھال ئىستېپا بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

Uyghur Reporter

Next Post

شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە-سەپىرىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق سەپىرى ئوسمانىيە ۋە گازەنتەپە پائالىيەتلىرى بىلەن مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

دۈ ئاۋغۇست 30 , 2021
شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە-سەپىرىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق سەپىرى ئوسمانىيە ۋە گازەنتەپە پائالىيەتلىرى بىلەن مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

You May Like