ب د ت دا قۇرۇلتاي رەئىسى بىلەن خىتاي دېپلوماتلىرى ئارىسىدا كەسكىن تالاش–تارتىش يۈز بەرگەن

3 -ئاينىڭ 6–كۈنى، د ۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ب د ت دا جازا لاگىرلىرى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىگەن. خىتاي دېپلوماتلىرى ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قارشى چىقىپ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-03-06

3 -ئاينىڭ 6–كۈنى، د ۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ب د ت دا جازا لاگىرلىرى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىگەن. خىتاي دېپلوماتلىرى ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قارشى چىقىپ، «تېررورىست دولقۇن ئەيسا يالغان سۆزلەۋاتىدۇ، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى بار، ئۇنىڭ ب د ت غا كىرىشى خاتا بولغان، ب د ت يىغىنلىرىدا سۆزلىشى تېخىمۇ خاتا، ئۇنىڭ بۇنداق مۇنبەرلەردە سۆز قىلىش سالاھىيىتى يوق، شىنجاڭدا جازا لاگىرى يوق، تەربىيەلەش مەركىزى بار» دەپ دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ پىكىرلىرىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان. بۇنىڭ بىلەن دولقۇن ئەيسا ۋە غەرب دۆلەتلىرى بىر تەرەپ، خىتاي بىر تەرەپ بولۇپ كەسكىن مۇنازىرە باشلىنىپ كەتكەن. نەتىجە ئىتىبارى بىلەن، دولقۇن ئەيسا ھەم غەرب ئەللىرى خىتاي ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن. خىتاي ھاكىمىيىتى ب د ت دا يۈزلىگەن دۆلەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ئالدىدا يەنە بىر قېتىم قاتتىق رەسۋا بولغان.

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئەنگلىيەلىك داڭلىق تارىخچى: ئامېرىكا بىلەن خىتاي «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى 2.0» گە قاراپ كېتىۋاتىدۇ

پە مارت 7 , 2019
ئەنگلىيەلىك داڭلىق تارىخچى نىئال فېرگۇسۇننىڭ (Niall Ferguson) ئاگاھلاندۇرۇشىچە، خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولۇشنى تالىشىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيا يېڭى بىر سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا كىرىۋېتىپتۇ.

You May Like