ب ب س: كانادانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

كانادانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جون مەككالىم (John McCallum) باش مىنىستىر تىرودونىڭ تەلىپى بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى.

ب ب س خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان  ۋاقتى: 2019- يىلى 28- يانۋار

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئەردەم

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-01-28

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

   

 كانادانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جون مەككالىم (John McCallum) باش مىنىستىر تىرودونىڭ تەلىپى بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى.

25- يانۋار، مەككالىم :‹‹ ئەگەر ئامرىكا خۇاۋىي شىركىتى رەھبەرلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بىرىشنى تەلەپ قىلمىغان بولسا، كاناداغا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى ئىش بولاتتى›› دىگەن. مەككالىمنىڭ بۇ سۆزىنى كۆپلىگەن تاراتقۇلار خەۋەر قىلغان. خىتاي يەرشارى گىزىتى:‹‹ باش ئەلچىنىڭ سۆزى تولىمۇ سەمىمىي سۆز بولدى›› دىگەن. مەككالىم يەنە خۇاۋىي شىركىتى مۇئاۋىن لىدىرى مىڭ ۋەنجوۋنى ئامرىكا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىكنىڭ بىر نەچچە ئاساسلىرىنى سۆزلەپ ئۆتۈپ، كانادانىڭ ئامرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدا قىسىلىپ قىلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ بۇ سۆزى خەۋەرلەرنى بىر ئالغاندىن كىيىن، كانادا خەلقى قارشىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ‹‹سىياسەت قانۇنغا چات كىرىش›› خاھىشىنى ئەيىبلىگەن.

كىيىن مەككالىم ئۆزىنىڭ خاتا سۆزلەپ قويغانلىقىنى ئىتراپ قىلغان. 26- يانۋار، كانادا باش مىنىستىرى تىرودو مەككالىمنىڭ ئىستىپا بىرىشىنى تەلەپ قىلغان ۋە مۇئاۋىن باش ئەلچى جىم نىكىلنىڭ ۋاقىتلىق باش ئەلچى بولىدىغانلىقىنى ئىيىتقان. مەككالىمنىڭ ئىستىپا بىرىشى ئۇزاقراق ۋاقىتتا ئەمەلىيلىشىش بىلەن بىرگە كانادا- خىتاي مۇناسىۋىتى، كانادالىق ئىككى پۇقرانىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن بوشىنىشىغا پايدىسى بولىشى ناتايىن دەپ قارالماقتا.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقۇقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

 

مەنبە:

https://www.bbc.com/zhongwen/simp/world-47017941

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

يەر شارى پوچتا گېزىتى: خىتاي مېڭ ۋەنجوۋ ماجراسى بىلەن دۇنياغا ھەقىقىي يۈزىنى كۆرسەتتى

سە يانۋار 29 , 2019
مېڭ ۋەنجوۋنىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن باشلانغان كانادا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ماجرا كانادادا كۆپىنچە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىنلا تەھلىل قىلىندى. بۇ ناھايىتى ئورۇنلۇق، چۈنكى بۇ مەسىلە دۆلەت ئىچىدە كۆپلىگەن سوئاللارنى پەيدا قىلىدۇ.

You May Like