ئايخان مائارىپى يېڭى ھەرىكەت پىلانى ئېلان قىلدى

ئىلاۋە: بۇ پىلانغا ئەسلىدە باشقا مەنبەلەردىن ياردەم سوراشنى ئويلاشقان بولساقمۇ، ھازىرقىدەك بىر ياقىدىن باش چىقىرىشىمىز لازىم بولغان ئەھۋالدا پۇلى بارلار پۇلىنى،

تەييارلىغۇچى: ئايخان مائارىپى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-05-21

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

ئىلاۋە: بۇ پىلانغا ئەسلىدە باشقا مەنبەلەردىن ياردەم سوراشنى ئويلاشقان بولساقمۇ، ھازىرقىدەك بىر ياقىدىن باش چىقىرىشىمىز لازىم بولغان ئەھۋالدا پۇلى بارلار پۇلىنى، كۈچى بارلار كۈچىنى چىقىرالايدىغىنىغا ئىشىنىپ، ئۆز قېرىنداشلىرىمىزغا سۇنۇش نىيىتىگە كەلدۇق. پىلانىمىز بويىچە تۇنجى يىللىق مەبلەغ ئۈچۈن ياردەم چىقسىلا، كېيىنكى يىللاردىكى چىقىملىرىمىز ئۆز كىرىمىمىز بىلەن ھەل بولىدۇ. ھەپتە ئاخىرىدىكى ئانا تىل كۇرسلىرىدىن تەرەققىي قىلىپ، قانۇنلۇق ئۇيغۇر يەسلى، ئۇيغۇر مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشى، ۋە ئۇشبۇ مائارىپ ئورۇنلىرىدىن يېتىم بالىلىرىمىزنىڭ ھەقسىز بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن ئاساس سېلىنىدۇ.

 

«ئايخان مائارىپى» پىلانى

نۆۋەتتىكى رېئاللىقتا چەتئەلدىكى ۋە شۇ قاتاردا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆز تىلىدىن بارا-بارا يىراقلىشىۋاتقانلىقى، بۇ سەۋەبتىن كەلگۈسىدە ئۆز خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلالايدىغان، ۋەتىنى ئۈچۈن غەم يېيەلەيدىغان ئەۋلادلارنىڭ ئازىيىپ كېتىش خەۋپى كۆزدە تۇتۇلۇپ، «ئايخان مائارىپى» نامىدا دەسلەپكى قۇرۇلۇش مەبلىغىدىن كېيىنكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ئۆز كۈچىمىز بىلەن ھەل قىلالايدىغان ئۇيغۇر تىلىدىكى سىستېمىلىق دىنىي ۋە مىللىي مائارىپىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئاساسى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن بۇ پىلان تۈزۈپ چىقىلدى. پىلاننى ئوتتۇرىغا قويغۇچى: مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد (خەندان) WhatsApp: +90 534 709 0068

پىلان ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلەر ۋە ئوبيېكتلىرى: 1. يەكشەنبىلىك ئانا تىل سىنىپلىرى: پەقەت ماتېرىيال ھەققى ئېلىنىدۇ، ئىستانبۇلدىكى 5- 12 ياشقىچە بارلىق ئۇيغۇر بالىلىرى ئوبيېكت قىلىنىدۇ. بالىلارنىڭ ياش ۋە سەۋىيە پەرقىگە ئاساسەن تىل چىقىرىش، ساۋات چىقىرىش، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەت دەرسلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. 2. بالىلار كۇتۇپخانىسى ۋە ئۇيغۇر بالىلار مەدەنىيەت مەركىزى: ھەقسىز پائالىيەت مەركىزى سۈپىتىدە، ئۇيغۇر تىلىدىكى بالىلار كىتابلىرى ۋە مەدەنىي مىراسلىرىمىز ئايرىم بىر خانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ساۋاتى چىقىپ بولغان بالىلارنىڭ ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ۋە دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. 3. چەتئەل تىلى كۇرسلىرى: ھەقلىق، ئىنگلىزتىلى، تۈرك تىلى ۋە باشقا چەتئەل تىللىرىنى ئۆگىنىش ئارزۇسىدىكى تۈرك ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنىدۇ. 4. نەشرىياتچىلىق: ئۇيغۇر، تۈرك ۋە ئىنگلىز تىلىدىكى گېزىت، ژۇرنال ۋە كىتابلارنى نەشر قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوقۇرمەنلەرگە ھەقلىق يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

پىلاننىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە: 1– تۈر ھەققىدە: ئىستانبۇل شەھەر ئىچىدە سىستېمىلىق، پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان، مۇئەللىملەرنىڭ ئانا تىلدىكى سەۋىيەسى ۋە ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدىغان، يەسلى مائارىپى يېشىدىكى بالىلارغا ئانا تىل بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن تۈركىيە مائارىپىنىڭ سەۋىيەسىگە ماس قەدەمدىكى ئوقۇتۇش ۋۇجۇدقا كەلگىنى يوق. ھەقلىق ۋە ھەقسىز ئوقۇتۇشلارنىڭ ھەممىسىدە مەيلى تەشكىللىگەن ئورۇن ياكى شەخسلەر بولسۇن مەيلى ئاتا-ئانىلار بولسۇن ئىقتىسادىي بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە. بۇ ئەھۋالدا بۇ خىل ئوقۇتۇشلارنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئېھتىمالدىن يىراق. ئىستانبۇل شەھەر ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن چاپا، زەيتىنبۇرنۇ ۋە سافاكۆي ئەتراپىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، بالىلارنىڭ سانى خېلىلا كۆپ. بۇ بالىلارنىڭ بىر قىسمى تۈرك مەكتەپلىرىگە كىرىپ ئوقۇۋاتىدۇ، بىر قىسمى شەخسىي كۇرسلار ياكى قۇرئان كۇرسلىرىدا تەلىم ئېلىۋاتىدۇ، لېكىن يەنە بىر قىسىم بالىلار پۈتۈنلەي تەلىم-تەربىيە سىرتىدا. ئەگەر بۇ بالىلار كىچىك ۋاقتىدىلا ئانا تىلىدىكى ئوقۇتۇشتىن مەھرۇم قالسا، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ئانا تىلى ئۇلار ئۈچۈن ئىككىنچى چەتئەل تىلىغا ئايلىنىدۇ، ۋە ئۆز تىلىدىن ئايرىلىشنىڭ ئاقىۋىتى ئۆز مەدەنىيىتى، ۋەتەن ۋە خەلقىگە خىزمەت قىلىش تۇيغۇسى قاتارلىقلاردىن ئايرىپ قېلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەيلى مەكتەپتىكى بالىلارنىڭ نۇقتىسىدىن بولسۇن مەيلى ئائىلىسىنى قامداش ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ نۇقتىسىدىن بولسۇن ،ھەپتە ئاخىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئانا تىل مائارىپ مەركىزىنىڭ بولۇشى زۆرۈر ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇندۇر. 3– تۈر ھەققىدە: بۇ پىلاننىڭ يۈرگۈزۈلۈشى داۋاملىق تۈردە سىرتتىن كېلىدىغان مەبلەغ بىلەن ھەل بولۇپ كېتەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەقلىق چەتئەل تىلى كۇرسلىرى ۋە نەشرىيات تۈرىدىن ئايرىۋېلىنغان «ئايخان فوندى» ئانا تىل مائارىپىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئىستانبۇلدا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن يەرلىكلەر ۋە چەتئەللىكلەردە ئوخشاشلا تىل ئۆگىنىشكە بولغان ئېھتىياج تېخىمۇ كۈچەيمەكتە. شۇ ۋەجىدىن ئۇزۇن مۇددەت چەتئەل تىلى ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللانغان، تىل مەركەزلىرىدە مۇئەللىم ۋە ئوقۇتۇش پىلانلىغۇچىسى بولۇش بىلەن بىرگە بىر تور مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچى مەسئۇلى بولۇپ مائارىپ باشقۇرۇش جەھەتتە يېتەرلىك تەجرىبە توپلىغان باشقۇرغۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بۇ پىلانغا ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسى قىلىپ قوشۇلغان چەتئەل تىلى كۇرسلىرىنىڭ تەڭ قەدەمدە تەرەققىي قىلالىشىغا يېتەرلىك ئىشەنچ باردۇر. 4– تۈر ھەققىدە: ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇغان زىيالىيلار. لېكىن ۋەتەن سىرتىدا تەستىقلانغان نەشرىياتىمىز يوق دېيەرلىك، بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش، ھەرقايسى تىللاردا يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىنى قانۇنلۇق نەشردىن چىقىرىپ كىتاب ھالىتىدە تارقىتىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، بۇ خىزمەتنىڭ مېۋىسىنى ئەۋلادلارنىڭ ئوقۇتۇشى ئۈچۈن ھەسسە قىلىش، ۋە شۇنداقلا مۇسۇلمانلارغا بىرلىك ۋە ئۆملۈك زۆرۈر بولۇۋاتقان شارائىتتا ئىلمىي ئەمگەك بىلەن كەڭ كۆلەملىك ئويغىنىشقا بىر تامچە بولۇش ئۈچۈن يەنە نەشرىيات پىلانى قوشۇلدى.

پىلاننىڭ مەقسەتلىرى: ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك، سىستېمىلىق ۋە پىلانلىق تەربىيەلەش؛  چەتئەل تىلى ئوقۇتۇش پىلانى ۋە نەشرىيات پىلانى ئارقىلىق تۈركىيە دۆلىتىگە باج تاپشۇرىدىغان رەسمىي بىر ئورۇن سۈپىتىدە قانۇنلۇق ئىش بېجىرىشنى قولغا كەلتۈرۈش؛  كىرگەن كىرىمنىڭ %10 ى ئارقىلىق «ئايخان فوندى» تەسىس قىلىپ ئانا تىل ئوقۇتۇشىنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىش؛  ئىشسىزلىق ئېغىرلاشقان شارائىتتا بىر قىسىم كىشىلەرنى خىزمەت پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش.

پىلاننىڭ نىشانلىرى: 1. ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشىنى ھەپتە ئاخىرىدىكى كۇرستىن باشلاپ، تۈركىيەنىڭ مائارىپ سىستېمىسىغا ماسلاشقان يەسلى مائارىپىغا تەرەققىي قىلدۇرۇش. 2. مەركەزدە «بالىلار كۇتۇپخانىسى» قۇرۇپ بالىلارنى ئۆز تىلىدىكى ئوقۇشلۇقلار بىلەن خالىغان ۋاقتىدا ئۇچرىشالايدىغان شارائىتقا ئىگە قىلىش.

 3.«ئايخان فوندى» بىلەن ئانا تىل ئوقۇتۇشىنىڭ چىقىمىنى قامداپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىنىمۇ تەسىس قىلغۇدەك ھالەتكە يېتىش. 4. يۇقىرى سەۋىيەدىكى چەتئەل تىل تەربىيىلەش مەركىزى قۇرۇپ چىقىش. 5. ئەسەرلەرنىڭ كەسپىي تەھرىرلەر تەرىپىدىن سۈپەتلىك تەييارلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش.

تۇنجى يىلى ئۈچۈن تەخمىنەن كېتەرلىك خىراجەت: ئايرىم خامچوت شەكلىدە سۇنۇلىدۇ.

ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنلار: فارابى تەلىم-تەربىيە، مەدەنىيەت ۋە ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتى

ياردەمچى مەنبەلەر: 1. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىلىرى 2. تۈركىيە مىللىي مائارىپ نازارىتى

خەتەرلەر: چەتئەل تىلى كۇرسلىرى ۋە نەشرىياتتىن كىرىدىغان كىرىملەرنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن كىرىم چىقىمنى قاپلىيالماسلىق.

پىلاننىڭ نەتىجە كۆرسەتكۈچى: 1. 5- 12 ياشقىچە ئۆلچەم بىلەن قوبۇل قىلىنغان بالىلارنىڭ قۇرامىغا يەتكەندە ئۇيغۇر تىلىدا ئەدەبىي سەۋىيەدە ئوقۇپ-يازالايدىغان ھالەتكە يېتەلىشى؛ 2. بالىلارنىڭ ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇشى؛ 3. بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن يېزىقچىلىق، تارىخ، مىللىي سەنئەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاھىدە ئىقتىدار ئىگىلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشى؛ 4. مەركىزىمىزنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن قۇرۇلىدىغان ئوخشاش مەركەزلەرنى باشقۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ۋارسلارنىڭ تەربىيەلىنىپ چىقىشى.

 

مەنبە:

https://www.facebook.com/100001237315757/posts/2398709623513591?sfns=mo

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

تېننسى شتاتى ئىپتار پائالىيتىدە ئۇيغۇر مەسلىسى تونۇشتۇرۇلدى

سە ماي 21 , 2019
ئەزىز سۇلايمان ئەپەندىم ئۆزى تۇرىۋاتقان شەھەر مېمفىستە(تېنىسى شىتاتى) ئۆتكۈزۈلگەن 13-قېتىملىق ئىتىقاد گىرەلشمە سۆھبىتى ئىپتار پائالىيىتىدە قىسقا لىكسىيە سۆزلەپ ئۆزنىڭ ھىكايىسى ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئىپتارغا كەلگەن خىرىستىيان، يەھۇدى ۋە مۇسۇلمان ئاھالىسىگە تونۇشتۇردى.

You May Like