ئايالىمغا خەت

قىزىمنىڭ ئاپىسى، مېنى ئەپۇ قىلىڭ!
ھازىر سىزنى ئايالىم دەپ چاقىرىدىغان ھېچبىر قانۇنىي ھوقۇقۇم يوق، يۈزۈممۇ يوق!
مەن سىزنىڭ نۆۋەتتىكى بارلىق كۆڭۈلسىز تەقدىرىڭىزنىڭ باش سەۋەبكارى.

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

 

قىزىمنىڭ ئاپىسى، مېنى ئەپۇ قىلىڭ!

ھازىر سىزنى ئايالىم دەپ چاقىرىدىغان ھېچبىر قانۇنىي ھوقۇقۇم يوق، يۈزۈممۇ يوق!

مەن سىزنىڭ نۆۋەتتىكى بارلىق كۆڭۈلسىز تەقدىرىڭىزنىڭ باش سەۋەبكارى.

مەن ھاياتىڭىزغا خوشاللىق، ئىززەت، خاتىرجەملىك ۋە بەخت ئېلىپ كېلىشىم

كېرەك ئىدى.

ئەكسچە، مەن سىزگە تۈگىمەس ئازاب، ھەسرەت ئېلىپ كەلدىم.

ۋەتەندە سىزگە ياخشى ئەر بولالمىغىنىمنى ئاز دەپ، چەتئەلدە سىزگە مىڭلاپ جاپا سالدىم.

ئائىلىڭىز، خىزمىتىڭىزگە تۈگىمەس بالايى قازا ياغدۇرغان گۇناھكار بولدۇم.

سىزنى تالاي قېتىم سوراق، قورقۇنچ، ۋەھىمىگە گىرىپتار قىلدىم.

سىزنى كىشلەر قورقۇپ قارايدىغان، نېرى قاچىدىغان ئىنسانغا ئايلاندۇرۇپ قويدۇم.

سىزنىڭ ئازابلىرىڭىزنى، سىز ئۇچرىغان مۇئامىلىلەرنى مەن تەسەۋۇر قىلالمايمەن.

بۇ سەۋەبتىن مەن ھەركۈنى مىڭ رەت ئۆلىمەن، مىڭ رەت تىرىلىمەن.

 

مەن ئەركىن دۇنيادا راھەت بىلەن ئەمەس، ئۆكۈنۈش ۋە ھەسرەت بىلەن ياشىدىم:

سىز ۋە تۇغقانلىرىمنىڭ مەن سەۋەبلىك ئۇچرىغان دىشۋارچىلىقلىرى ئۈچۈن، باشقىلاردەك نورمال، خاتىرجەم ۋە خوشال ياشيالمايمەن …

ئارزۇيۇم — نېسىپ بولسا، قىزىم ئۈچىمىز جەم بولالىساق، كېيىنكى ھاياتىمدا سىزنى بار ۋۇجۇدۇم بىلەن قوغدىيالسام، خاتىرجەم قىلالىسام، ئازابلاردىن خالاس قىلالىسام دەپ دۇئا قىلىمەن.

ھۆرىيەت!

مەن بۇ بەش يىلدا ۋەتەنسىزلىك، يالغۇزلۇق، غېرىبلىقنىڭ دەردىنى بەك كۆك تارتتىم. كېسەل بولدۇم، ئاغرىدىم. ئىچكى، تاشقى دەردلەر مېنى بەك ھالسىراتتى. چارچىغاندا ھال – مۇڭ بولىدىغان سىردىشم يوق چاغلاردا تۇرمۇش قۇرۇشنى ئويلىدىم، چۈنكى بىز قاچان كۆرۈشىمىز بىلمەيمىز، ئەمما سىزنىڭ مۇناسۋىتىمىزنى ئۈزۈشكە مەجبۇرىي بولغاندا «تۇرمۇشىڭىزنى قايتا باشلاڭ» دېگەن سۆزىڭىزنى تېخىچە ئىجرا قىلمىدىم.

مەن ئۇيغۇر بىلەن ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشتىم، ئىزدەندىم. ئەمما ئەتراپىمدىكى باشقىلار تونۇشتۇرغان ئۇيغۇر قىزلىرى ھەممىسى مېنى سىياسەتچى دەپ يىراقلاشتى … غۇرۇرۇم  نەچچە رەت سۈنئىي ئۇسۇلدا سۇندۇرۇلدى، مەن غۇرۇرۇمنى يەرگە ئۇرىدىغان ھېچكىمگە مۇھتاج ئەمەس.

ئەگەر مېنىڭ چەتئەللىك بىلەن تۇرمۇش قۇرغانلىقىمنى ئاڭلىسىڭىز، مەندىن نەپرەتلەنمەڭ.

 

ياراتقۇچىمىزدىن سىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن. قىزىمىز سىزگە ئامانەت، قىزىمىز ئۈچۈن بولسمۇ بەك غەيرەت قىلىڭ! ھەر قانداق خورلۇققا چىداڭ! باشقا ئامالىمىز يوق.

ئۆتۈنۈپ قالاي! سالامەت تۇرۇڭ، ئۇنىڭ سىزدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق.

 

سىزنىڭ مۇھەببەتلىك ئاچچىقىڭىزنى يىلتىز قىلغان، كەم ئۇچرايدىغان ئەستايىدىللىق، مەسئۇلىيەتچان ۋە كۆيۈمچان خاراكتېرىڭىز ئىنسانلارغا قارايدىغان ئەينىكىمگە ئايلانغان بولسا، ۋۇجۇدىڭىز ئەقىدەمدە گۈزەللىك ۋە مۇھەببەتنىڭ  ئۆلچىمى بولۇپ ئورناپتۇ!!!

UT-Uyghur Reporter 2

Next Post

ئۇنتۇلماس جىنايەت: ئوتتۇرا ئاسيادىكى بەش تۈركى جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرى بېجىڭنىڭ ئولىمپىك مۇراسمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

پە يانۋار 27 , 2022
ئوتتۇرا ئاسيادىكى بەش دۆلەت ختتاينىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ ئ‍ولىمپىك يېغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ختتاي تاشقى ئ‍شلار منستىرلىكى بۇنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

You May Like