ئاۋسترالىيە تەتقىقات مەركىزى: ب د ت دوكلاتى ختتاينىڭ ئىنكار قىلىشغا، دۇنيانىڭ سۈكۈت قىلىشغا ئىمكان قويمىدى؛

ئاۋسترالىيە تەتقىقات مەركىزى: ب د ت دوكلاتى ختتاينىڭ ئىنكار قىلىشغا، دۇنيانىڭ سۈكۈت قىلىشغا ئىمكان قويمىدى؛

ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى باياناتى دۇنيادا داۋاملىىق كۈچلۈك تەسر قوزغىماقتا.

 ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى باياناتى دۇنيادا داۋاملىق كۈچلۈك تەسىر قوزغىماقتا

ئامېرىكا، گېرمانىيە، كانادا، ياپونىيە ،ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر مەزكۇر دوكلات ھەققىدە كۈچلۈك قوللاش سادالىرىنى ئېلان قىلدى.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ كۆپ ئىلمى ماقالە ئورگانلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتلىرى ب د ت دوكلاتىنىڭ مۇھىم پاكىتى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن.

مەزكۇر ئورگان  د د ت دوكلاتى ھەققىدە: « ب د ت دوكلاتى خىتاينىڭ ئىنكار قىلىشىغا، دۇنيانىڭ سۈكۈت قىلىشىغا ئىمكان قويمىدى» ناملىق دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتنىڭ ئەھمىيىتىنى،كەمچىلىكىنى، ئېلان قىلىنىش مۇساپىسىنى مۇھاكىمە قىلغان شۇنداقلا ئەمدىكى جىددىي مەسىلىنىڭ مەزكۇر دوكلاتنى ئىشلىتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېخىمۇ خەلقئارالاشتۇرۇش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىسى خىتاي ۋىكى شۈ ،خىتاي مىللىتىدىن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دۆلەت دۈشمىنى دەپ جاكارلانغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئىسپاتى بولغان تۇنجى خەلقئارالىق ئەڭ نوپۇزلۇق دوكلات «ئۇيغۇرلار سېتىلماقتا » ناملىق دوكلاتنىڭ ئاساسلىق ئاپتورى، ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى تەتقىقاتچىسى.ئۇ تېۋىتتردا مۇنداق يازغان:

https://twitter.com/xu_xiuzhong/status/1565877897667088384?s=20&t=X1RI4PGoeAkZ2B7FRaBnew

ب د ت نىڭ شىنجاڭدىكى زۇلۇملار ھەققىدىكى دوكلاتى ناھايىتى ئۇزۇن كېچىككەن، شۇنداقلا بەزى تەرەپلەردە كۈچسىز بىر دوكلات. بىراق ئۇنىڭ ئېلان قىلىنىشى تۆت يىلدىن بىرى مەزكۇر مەسىلىنى تونۇتۇش ئۈچۈن يىللاردىن بىرى كۈچ چىقارغان زۇلۇمنىڭ قۇربانلىرى، ئالىملار، مۇخبىرلار ۋە ھوقۇق ھىمايىچىلىرى ئۈچۈن تەبرىكلەشكە ئەرزىيدىغان ئىجابىي تەرەققىيات.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ ب د ت دوكلاتى ھەققىدىكى ماقالىسى:

https://www.aspistrategist.org.au/un-uyghur-report-leaves-no-room-for-denial-and-no-excuse-for-inaction/

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

قازاقىستان پرېزىدېنتى دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى ئېلان قىلدى ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى

يە سېنتەبىر 4 , 2022
قازاقىستان پرېزىدېنتى دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى ئېلان قىلدى ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى

You May Like