ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
تەييارلىغۇچى: سەبرى
2020-يىلى 2-مارت
باش شىتابى ئاۋسترالىيە پايتەختى كانبېرراغا جايلاشقان «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە سىياسەتلىرى ئىنستىتۇتى» (Australian Strategic Policy Institute) 1-مارت ئېلان قىلغان بىر پارچە تەتقىقات دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەردىن بولغان كىشىلەرنى ئىچكىرىدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ، دۇنياۋى داڭلىق ماركىلارنىڭ زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان.
بۇ دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 80،000 (80مىڭ) ئۇيغۇرنى شەرقى تۈركىستاندىن خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا يۆتكىگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدىكى بەزى كىشىلەر بىۋاستە جازا لاگىرىدىن ئەۋەتىلگەن. ئەمەلىي ساننىڭ بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكى ئېھتىمالغا يېقىن. يۇرتىدىن يىراق يەرلەردىكى زاۋۇتلاردا، بۇ كىشىلەر سىرت بىلەن ئايرىۋېتىلگەن ياتاقلاردا تۇرىدىغان بولۇپ، خىزمەتتىن باشقا ۋاقىتتا سىستېمىلىق ھالدا خىتاي تىلى ۋە ئىدىيىۋى دەرسلەرنى ئوقۇيدىكەن، ئىزچىل نازارەت ئاستىدا ياشايدىكەن، ھەمدە دىنى پائالىيەتلەرنى قىلىشى چەكلىنىدىكەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلار ۋە ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، زاۋۇتلار بۇ ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىشكە مەخسۇس خادىم تەيىنلەيدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچرايدىكەن. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى زاۋۇتلاردا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەمىناتى ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مائاشى خىتاي ئىشچىلارغا قارىغاندا تۆۋەن ئىكەن.
«ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە سىياسەتلىرى ئىنستىتۇتى» نىڭ بۇ دوكلاتىدا ئوچۇق ئېلان قىلىنغان ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى، سۇنئىي ھەمراھ رەسىملىرى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەر ئىشلىتىلگەن بولۇپ، 2017-يىلىدىن ئېتىبارەن، خىتاينىڭ 9 ئۆلكىسىدىكى 27 زاۋۇتقا شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگىرىدىن ئىشچى يۆتكەپ كىلىنگەنلىكىنى دەلىللىگەن. بۇ زاۋۇتلار كەم دېگەندە 83 دۇنياۋى داڭلىق ماركىنىڭ سانائەت زەنجىرى ئۈچۈن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، تېخنىكا ، كىيىم-كېچەك ۋە ماشىنىسازلىق قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. بۇ 83 خەلقئارالىق شىركەتلەر نايك، ئادىداس، Zara ، Gap ، BMW، فولكىسۋاگېن، ئالما، سامسۇڭ، سونىي… قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
بۇ دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ چەكلىمىسىز ھالدا زاۋۇتلارغا كىرىپ، ئىشچىلارنى خورلاش ياكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋەقەلىرىنى تەكشۈرۈشىگە يول قۇيۇشقا چاقىرىق قىلىنغان.
مەنبە: ئامېرىكا ئاۋازى، BBC ،ASPI