ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 11-ئاپرىل ختاي تاشقى ئىشلار منسترلىكى باياناتچىسى بۈگۈن بايانات ئىلان قىلىپ: «بىز (ختاي)پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تولۇق ھوقۇقلۇق ئەزا مۇستەقىل دۆلەت بولۇشنى قەتئى قوللايمىز.» دىدى. 2023-يىلى ئېيۇن ئېيىدا ختاي دۆلەت رەئىسى شى جىن پىڭ ئەرەب دىپلوماتلار بىلەن كۆرۈشكەندە، «ختاي پەلەستىننىڭ دۆلەت بولۇش ئارزۇسنى قەتئى قوللايدۇ.»دەپ ئىلان قىلغان. 2024-يىلى يانۋاردا […]

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى مەخسۇس خەۋىرى: ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرى ئەزەلدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆزگىچە تەم، رەڭ ۋە قۇۋۋەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر بولمىغان خەلقلەرنىڭ ئالاھىدە ياقتۇرۇپ ئ‍ستىمال قىلىشى ۋە تەۋسيە قىلىشغا سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە. نيۇيورك شەھىرىنىڭ كېۋىنس ( Queens) رايونىغا جايلاشقان ئۇيغۇر لەغمەنخانىسى ( Uyghur Lagman House) 2024-يىلى روزى ھييتنى ئۆزىنىڭ رەسمى تېجارەت باشلاش […]

تۇرغۇنجان تەييارلىدى، 8-ئاپرىل ئامېرىكا سملىق تېلىۋىزىيەسىنىڭ 8-ئاپرىلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىنا پىرەزدىنتى زېلىنىسكى يەكشەنبە كۈنى يەرلىك تېلىۋىزىيە زىيارىتىدە مۇنداق دىگەن: نۆۋەتتە ئۇكرائىنا ناھايتى ھالقىلىق پەيتتە تۇرىۋاتىدۇ، ئەگەر ئامېرىكا ئۇكرائ‍ىناغا بىرىدىغان قورال ۋە ماددى ئەشيا ياردىمىنى تەستىقلىمىسا، ئۇكرائىنا ئۇرۇشتا يېڭىلىدۇ، ئەگەر ئۇكرائىنا ئۇرۇشتا يېڭىلسا، باشقا دۆلەتلەر روسيەنىڭ كىيېنكى ھۇجۇم نشانى بولىدۇ.» ئامېرىكا […]

(مەزكۇر خەۋەرنى ئاينۇرە ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۈچۈن ۋۋل سچرىت ژۇرنىلىنىڭ مەزكۇر تېمىدىكى خەۋىرىنى ئاساس قىلىپ كۆپ خىل مەنبەلەردىن تەرجىمە ئاساسدا تەييارلىدى.) ئىستانبۇل – تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيىسى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيسى دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىنى كونترول قىلىپ ، يەنە باشقا شەھەرلەردە ھاكىمىيەت بېشىغا چىقتى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ […]

ئۇيغۇر تايمىزنىڭ ئىنگىلىزچە ئىلان قىلغان تەپسلى خەۋىرىدە، ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئىلان قىلغان بىر دوكلاتى ھەققىدە توختالغان. ختاينىڭ شنجاڭ خەۋەرلىرىدە دىيشچە، ختاي ئاتالمىش شنجاڭدا 2 مىلىيون 476 مىڭ شركەتنى قانۇنلۇق ئەنگە ئالغان.دوكلاتتا مەزكۇر تېجارەت ئىگىلىرىنىڭ مىللەت تەۋەلىكى تىلغا ئىلىنمىغان. ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىلان قىلغان 2021-يىلى ئىلان قىلىنغان دوكلاتتا، ختاينىڭ ئۇيغۇر […]

بۈگۈن موسكىۋادا يۈز بەرگەن پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىش قانلىق ۋەقەسنىڭ ئىجراچىسنى روسيە دائىرلىرى تېخىچە بايقىيالمىغان بىر چاغدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنى دائ‍شىچلار ( ئىنگىلىز تىلىدا ئسلامى دۆلەت -Islamic State) قىلغان دىگەن ئ‍ۇچۇرنى ئاشكارا ئىلان قىلدى. ئامېرىكا ئۆتكەن ئايدىلا روسيەنى موسكىۋادا تېرورلۇق ۋەقەسى يۈز بىرىشى مۇمكىن دەپ ئاگاھلاندۇرغان بولسمۇ، روسيە تەرەپ بۇنى ئامېرىكىنىڭ […]

وللاندىيە باش مىنستىرى رۇتس ختاينى زىيارەت قىلىش جەريانىدا بېجىڭ ئۇنېۋرستىتىدا نۇتۇق سۆزلىدى ۋە پەخىرلىنىش ئىلكىدە ئۆز تارتىم سۈرەتكە چۈشتى. ئۇ جاللات شى جىن پىڭ ۋە ۋاڭ يې بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېقتسادى ۋە مەدەنى تېمىلارنى چۆرىدىگەن ھالدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياۋروپادا ختايغا قارشى ئويغىنىش ئاستا -ئاستا بىخلىنىۋاتقان پەيتتە گوللاندىيەنىڭ […]

رويتىرىسنىڭ خەۋەر قىلىشچە، پاكستان ساقچىلىرىنىڭ مۇخبىرلارغا ئىلان قىلغان خەۋىرىدە، پاكستاننىڭ غەربى شمالىدا سۇ توسمىسدا ئ‍شلەيدىغان 6 نەپەر ختاي ئىنجىنىر ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمىغا ئۆچراپ ئۆلگەن. بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە، پاكستاندا ختاي ھۆكۈمەت دائىرلىرى ياكى شركەتلىرىگە قارىتىلغان ئۈچىنچى قېتىملىق چوڭ ھۇجۇم بولۇپ، ئۆتكەن ئىككى قېتىملىقى ختاي مىلياردلاپ دوللار مەبلەغ سالغان بالۇجستاندا، […]

يېقىندا ختاي تاشقى ئ‍شلار منستىرلىكى لىن جىيىەننى 34-نۆۋەتلىك تاشقى ئ‍شلار منسترلىكى باياناتچىسى قىلىپ تەيىنلىدى. لىن جىيەن، مىللىتى ختاي، ئەر، 46 ياش، باياناتچى ۋەزىپىسگە تەيىنلىنىشتىن بۇرۇن ختاي تاشقى ئ‍شلار منسترلىكى ئاخبارات بۆلۈم باشلىقى بولغان، ياۋروپا ئشلىرى مەسئۇلى ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن، پولشا ۋە دانىيەدە دىپلومات بولغان. ختاي تاشقى ئ‍شلار منسترلىكى باياناتچىسى ختايدا ئەڭ […]

تۇرغۇنجان تەييارلىدى ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشچە، موسكىۋادا يۈز بەرگەن تېياتىرخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ھازىرغىچە 137 ئادەم ئۆلگەن.بۇ ۋەقەنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىپلەنگەن 11 كىشى قولغا ئىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ 4 نەپىرى 25-مارت يەرلىك رايونلۇق سوتقا چىققان. سوتچى ئاخباراتچىلارنى سوتنىڭ پەقەت ئاز بىر قسمىغا قاتناشتۇرغان، سەۋەبى: گۇماندالارنىڭ ئەھۋالى قارىغۇسز ۋە […]

سەئۇدى ئەرەبستان رىياد شەھىرىدە تۇغۇلغان 27 ياشلىق مودىل ۋە تور چولپىنى رۇمى ئەلقەھتانى سەئۇدى ئەرەبستانغا ۋەكىل بولۇپ،2024-يىللىق دۇنيا گۈزىلى مۇسابىقىسگە قاتنىشىدۇ. سەئۇدى ئەرەبستان ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن كىنو-فىلىم، سەنئەت، تەنتەربىيە ساھەسگە غايەت زور مەبلەغ سلىپ، غەرپچە يېڭى شەھەرلەرنى قۇرۇپ چىقتى، كۆپ قېتىم دۇنياۋى مۇسابىقىلەر ۋە يەرمەنكىلەرنى ئۇيۇشتۇردى. […]

زىخرۇللا (خەلق ساداسى سەھىپىسى-ئوقۇرمەنلەرنىڭ تۈرلۈك مەسللەردىكى ئوخشمىغان كۆز-قارىشغا بىرىلگەن ئ‍ورۇن بولۇپ، پىكىرلەر ئ‍وقۇرمەن ئاپتورغا مەنسۇپتۇر.) بىر ھەپتىدىن بېرى بىر تۈرك مۇخبىرنىڭ سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلىرى تورلارنى قاپلىدى. ئۇ سۆزىدە « تۈركىيەنىڭ قولى بىلەن سۈرىيەگە ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ لاگىرلىرىنى ھەققانىيلاشتۇرۇپ قويغان»لىقىنى ئىلگىرى سۈردى. مۇخبىرىنىڭ مەقسىتى بەزىلەر دېگەندەك، مەيلى ئاق پارتىيەنى سېسىتىش […]

تولۇقلىنىۋاتقان جىددى خەۋەر: نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، روسيە پايتەختى موسكىۋادىكى چوڭ تياتىرخانا شۇ يەر ۋاقتى 22-مارت كەچتە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، نۆۋەتتە 40 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن. ئۇكرائىنا پىرەزدىنتى بۇ ۋەقە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ھىچقانداق ئالاقىسنىڭ يوقلۇقىنى، ئۇكرائىنانىڭ مەقسدى روسيە خەلقىدە ئەمەس بەلكى تاجاۋۇزچى روسيە ئارمېيسنى ۋەيران قىلشتا ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۆتكەن […]

ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 21-مارت ختاي كونتىرۇللۇقى ئاستىدىكى خوڭكوڭ پارلامنىتى پۇقرالارنىڭ ختاي ھاكىمىيتىگە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ««دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش نىزامى لايىھەسى»نى ماقۇللىدى.  3-ئاينىڭ 19-كۈنى خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق قانۇن كېڭىشى 89 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى، 0 ئاۋازنىڭ ۋاز كېچىشى، 0 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن «دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش نىزامى لايىھەسى»نى ئۈچىنچى قېتىم […]

تۈركىيە ئانادولۇ ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا سى ئەن ئەن ئاگېنىتلىقى، ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، خاماسنىڭ لىدىرى ئ‍سمايىل خانىيا بىلەن ختاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئ‍شلىرى ئالاھىدە ئەلچىسى ۋاڭ كېجىيەن قاتارنىڭ دوھا شەھىرىدە كۆرۈشۈپ، پىكىر ئالماشتۇرغان.ختاي ھۆكۈمىتى تاشقى ئ‍شلار منستىرلىكى بايانات ئىلان قىلىپ، مەزكۇر كۆرۈشۈشنى جەزىملەشتۈرگەن. تۈركىيە ئانادولۇ ئاگېنىتلىقىنىڭ بىلدۈرىشچە، بۇ ئاشكارە ئىلان قىلىنغان تۇنجى […]

ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 18-مارت ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 15-مارت ئىلان قىلغان Liam Scott ئىمزاسدىكى «شنجاڭدىن يىراق جايدا، ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيتىنى تېرىك ساقلىماقتا»ناملىق ماقالىسدە، گىرمانىيەنىڭ مۇنىخ (بەزىلەر ميۇنىخ دەپ ئ‍شلىتىدۇ)شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيتىنى ساقلاش تىرىشچانلىقى ئالاھىدە خەۋەر قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىدە، بۇ شەھەردىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىۋى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن سالامەت ھاشىم (Salamet Hashim) […]

ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 15-مارت ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشدىكى ئامېرىكا دىموكراتىيە فوندى جەمئىيتى 14-مارت كۈنى ۋاشنگىتوندىكى باش شتابى يېغىن زالىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ختاي ھاكىمىيتىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سياسىتىدىكى رەزىللىكلىرى يورۇتۇپ بىرىلگەن «ختاينىڭ ئەركىنلىك قىلتىقى»ناملىق كىتاۋى ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت يېغىنى ئ‍ۆتكۈزگەن. يېغىندا ئالدى بىلەن ئامېرىكا دىموكراتىيە فوندى جەمئىيتى رەئىسى […]

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى تەھرىراتى ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، تىك توك -ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق تەشۋىقات قورالى بولۇپ، مىليارد ئىنسانلارغا ختايغا پايدىلىق ئۇچۇر تارقىتىدۇ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ، ختايغا قارشى مەزمۇنلارنى چەكلەيدۇ، ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىنى تەنقىد قىلىدىغان مەزمۇنلارغا كەڭرى يەر بېرىدۇ.مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلايدۇ.تىك توك جىنايەتچى ۋە تاجاۋۇزچى ختاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن غايەت […]

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ماقۇللىغان يېڭى قانۇن لايىھەسىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ روسيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا قارشى 300 مىلىيون دوللارلىق ياردەم بىرىدۇ. بۇ قارار لايىھەسىگە بىر قسم جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى ئەزالىرى قارشى چىقىپ كەلمەكتە. ئۇكرائىنا 2 يىلدىن بىرى روسيەگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ كەلمەكتە،ئۇكرائىنا ئارمىيسنىڭ ئىرادىسى، غەرپنىڭ ھەربى ياردىمى بىلەن، پۇتىننىڭ ئۇكرائىنانى بىر ھەپتىدە ئ‍شغال […]

دۆلەت مەجلىسى: تىك توكنى چەكلەيمىز. تىرامپ: تىك توكنى چەكلەش خاتا ئەركىنجان، 12-مارت، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمەت قاتلىمىدا، تىك-توكنى ئەيىپلەش ۋە چەكلەش قىزغىنلىقى تىرامپ دەۋرىگە سوزۇلىدۇ. ئەمما تېخىچە چەكلەپ بولالىغىنى يوق. تىك توكنىڭ پۇقرالار ئارسىدىكى ئ‍شلىتىشچانلىقى يۇقىرى.ئامېرىكىدا 170 مىلىيوندىن ئارتۇق ئامېرىكىلىقلار تىك-توكنى ئاكتىپ ئ‍شلىتىدۇ. مىلىيونلىغان ئامېرىكىلىقلار ئاساسلىق ئېقتسادى كېرىم يارىتىش ياكى […]