ۋىرجىنىيە شىتاتىنىڭ فەيرفاكسىدا جايلاشقان مېھرىبان ئانا مەكتىپى پروگرامما دىرېكتورى ئىرادە كاشغەرى يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئەزەربەيجان مەدەنىيەت كۆرىكى» پائالىيىتىدە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇردى، 7-ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىپەك يولى يارمەنكىسىنى تونۇشتۇردى.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 2-ئېيۇن سۇرىيە سىرتقى ئىشلار منستىرى ئاسائاد شايبانى دۈشەنبە كۈنى ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ ختاي بىلەن «ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق» قۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ختاي ھۆكۈمىتى  ئاغدۇرۇلغان ھۆكۈمران بەشار ئاسادنىڭ مۇھىم قوللىغۇچىسى ئىدى. سۈرىيە تاشقى ئ‍شلار مسنتىرلىكىنىڭ  باياناتىدا، سۈرىيەگە ۋاكالىتەن بىخەتەرلىك كېڭىشى يېغىنىغا قاتنىشۋاتقان  شايبانىنىڭ نيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شتابىدا ختاينىڭ بىرلەشكەن […]

نەبىجان تۇرسۇن ئۆز تارىخبنى بىلمىگەن مىللەتنىڭ كېلەچى غۇۋا بولىدۇ! تارىخ تەرەققىيات ئەينىكى ! تارىخ ئۆتكەن ۋەقەلەرنىڭ قۇرۇق خاتىرىسى ئەمەس، بەلكى كېلەچەكنىڭ يول كۆرسەتكۈچى ماياكى ! تارىخ ئۆتمۈشنىڭ ئەپسانە -چۆچەكلىرى ئەمەس، بەلكى بېسىپ ئۆتۈلگەن قەھرىمانلىق مۇساپىلىرىنىڭ ھەقىقى ئۆچمەس ئىز تامغىلىرى ! تارىخ يىغا-زارى، نالە-پەرياد ۋە بىچارىلىك مۇڭى بىلەن تولغان ئاجىزلارنىڭ كۆز […]

مەنبەسى: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ مىيونخېندا چاقىرىلغان 3-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ۋە ئۇيغۇر ياشلار كېڭىشى يېڭى ئەھدىلەر بىلەن غەلبىلىك ئاياغلاشقان. بۇ كېڭەشگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈكى، ھەققانىيىتى، ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ مۇھاپىزە قىلىنىشى ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان ئورتاق كۈرەشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، 22 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن 150 دىن ئارتۇق قاتناشقۇچى، […]

مېھرىبان ئانا ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى بىلەن ۋىرگىنىيە ئادەمىيەت ئىشلىرى فوندى ھەمكارلىشىپ، فايرفاكستا تۇنجى نۆۋەتلىك يىپەك يولى يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. مەزكۇر يەرمەنكە مۇزىكا، يېمەك-ئىچمەك، ناخشا-ئۇسۇل، گۈزەل سەنئەت، مۇكاپاتلىق چەك ۋە ئويۇن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 29-ماي يازغۇچى ۋە تىلشۇناس ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە بېغشلانغان يېڭى كىتابى «ئۇلار نىمە دەيدۇ» ماينىڭ ئاخىرىدا نەشر قىلىنغان. كىتاپ مۇھاجىرەتتە پەرقلىق يېزىق ئىشلىتىۋاتقان ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر كونا يېزىقى ۋە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا نەشىر قىلىنغان. بۇ يېزىق سەۋەپلىك ئۇيغۇر پەرزەنتلەردە پەرقلىق كىملىك، پەرقلىق ئەدەبىيات، تىل […]

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، شوڭقار تەييارلىدى 29-ماي ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ماركو رۇبىئو 28-ماي مۇنداق ئېلان قىلدى: ئامېرىكا خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋىزىلىرىنى بىكار قىلىدۇ. بۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى بىلەن ئالاقىسى بار ياكى ئالاھىدە ساھەلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىدا 277 مىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىسى بار بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكىدىكى بارلىق چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ […]

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 26-ماي گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلىۋاتقان 3 – نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پشقەدەملەردىن بولغان، قۇرۇلتاي قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ئەركىن ئالپتېكىن ۋە قازاقستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن بولغان قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىلەرگە شەرەپنامە تەقدىم قىلدى ۋە تون كەيدۈردى.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى-ئۇيغۇر تايمىز خەۋىرى، 26-ماي ختاينىڭ خەلق تورى خەۋەر قىلىشىچە،  5-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئايرودۇرۇم گۇرۇھى ئىلى غۇلجا خەلقئارا ئايروپورتى غۇلجىدىن ئالمۇتاغا بارىدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى رەسمىي ئاچقان. قازاقىستان «فېيشى» ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئالمۇتادىن غۇلجىغا قاتنايدىغان خەلقئارا قەرەللىك يولۇچى تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچتى. ختاينىڭ بىلدۈرىشچە،  بۇ غۇلجا بىلەن ئالمۇتا ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش […]

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى / ئۇيغۇر تايمىز خەۋىرى, 20-ماي مىيۇنخېن، گېرمانىيە – ئەنگىلىيە سوت دەۋاسىدىن كەلگەن يېڭى دەلىللەر گېرمانىيەنىڭ فىنتېك گىگانتى Wirecard نىڭ قاچاق سابىق باشقۇرغۇچىسى ۋە گۇمانلىق رۇسىيە جاسۇسى Jan Marsalek نىڭ خىتاي نامىدا مىيۇنخېندىكى ئۇيغۇرلارنى كۈزىتىشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ تەشۋىشلىك ئاشكارىلاش، گىرمانىيە مىللىي ۋە خەلقئارالىق تېلېۋىزىيە خەۋەر مۇلازىمىتى tagesschau.de […]

ئۇيغۇر ۋاقتى گېزىتى خەۋىرى ئۈرۈمچى، 12-ماي – خىتاي ھۆكۈمىتى 12-ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىملىق خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ مىنىستىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى. بۇ يىغىنغا خىتاي مائارىپ مىنىستىرى خۇاي جىنپېڭ ۋە شىنجاڭ پارتكوم شۇجىسى ما شىڭرۇي قاتناشتى. يىغىنغا قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان مائارىپ مىنىستىرلىرى ۋە نۇرغۇن مەسئۇللار قاتناشتى. بۇ يىغىن خىتاينىڭ […]

دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېندا ئۆتكۈزۈلگەن «كوپېنھاگېن دېموكراتىيە زىرۋىسى» ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى  ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدىن توغراق تەييارلىدى 2025-05-14 مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېندا ئۆتكۈزۈلگەن« كوپېنھاگېن دېموكراتىيە باشلىقلار يىغىنى» غا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، قۇرۇلتايغا ۋاكالىتەن، ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى رۆشەن ئابباس، قۇرۇلتاي فوندى رەئىسى غەيۇر قۇربان، قۇرۇلتاي قانۇنچىلىق كومىتېتى سابىق […]

ئ‍نسان ھەقلىرى ئاخباراتى (Human Rights Press) خەۋىرى, 16-ماي «خەلقنىڭ ھايات قېلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مال-مۈلۈكلەر يا تۈگەپ كەتتى ياكى كېلىدىغان ھەپتىلەردە تۈگەپ كېتىشى كۈتۈلمەكتە… پۈتكۈل نوپۇس يۇقىرى دەرىجىلىك كەسكىن ئوزۇق-تۈلۈك بىخەتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلمەكتە» دېدى ب د ت نىڭ بىرلەشتۈرۈلگەن ئوزۇق-تۈلۈك بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى تەسنىپلاش (IPC) سۇپىسى. IPC نىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا، […]

جاميسون لي گرىرنىڭ تەرجىمھالى جاميسون لي گرىر ( 1980-يىلى تۇغۇلغان) ئامېرىكىلىق ئادۋوكات ۋە سابىق ھاۋا ئارمىيە ئوفىتسېرى بولۇپ، 2025-يىلى فېۋرالدىن باشلاپ دونالد ترامپنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق پرېزىدېنتلىك مەزگىلىدە 20-نۆۋەتلىك ئامېرىكا سودا ۋەكىلى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولغان گرىر، بۇنىڭدىن ئىلگىرى 2017-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە ترامپنىڭ تۇنجى قېتىملىق ھۆكۈمىتىدە ئامېرىكا سودا ۋەكىلىنىڭ […]

تەييارلىغۇچى : توغراق  مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە پورتۇگالىيەنىڭ مادېرا شەھرىدە، «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» يەنى «ئۇ ن پ» نىڭ يىغىنى چاقىرىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تېمىسى«ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» بولغان. بۇ يىغىنغا، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن «ۋاكالەتسىز مىللەتلەرتەشكىلاتى»نىڭ رەئىسلىك ھەيئەت ئەزاسىدىن بىرى بولغان دۇنيا ئۇيغۇرقۇرۇلتىيىدىن رەئىس تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، سابىق رەئىس دولقۇن ئەيسا،مۇئاۋىن رەئىسى […]

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئ‍ۈچۈن توغراق تەييارلىغان، 13-ماي 9-ماي كۈنى، تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى «مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى»، ئىستانبۇل ئەدلىيە مەھكىمىسى، ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسى بىرلىكتە ھەركەت ئېلىپ بېرىپ، خىتاي پۇقراسى بولغان 7 نەپەر جاسۇسلۇق جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقان.   تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى، ساقچى ، ئەدلىيە ۋە ژاندارما ماسلىشىپ ئېلىپ بارغان بۇ ھەرىكەتتە تۈركىيەنىڭ رەقەملىك […]

12-ئاپرېل، 2025 ئۇيغۇر تەتقىقاتى توغرىسىدىكى كەڭ كۆلەملىك تەتقىقاتلىرى بىلەن تونۇلغان دانىيەلىك ئانتروپولوگ، دوكتور رۇنە ستېنبېرگ، ئىلگىرى بۇ دۆلەتكە كۆپ قېتىم بېرىپ كەلگەن بولسىمۇ، 12-ئاپرېلدا قازاقىستانغا كىرىشتىن چەكلەندى. گلوبال ۋويسېسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ۋەقە قىرغىزىستان بىلەن قازاقىستان ئارىسىدىكى قورداي-دوستلۇق قۇرۇقلۇق چېگرا ئۆتكىلىدە يۈز بەرگەن. ستېنبېرگنىڭ ئېيتىشىچە، قازاق چېگرا خادىملىرى چەكلەش سەۋەبى […]

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى تەرجىمە خەۋىرىجەنۋە، 2025-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى بۈگۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ختاي ئوتتۇرىسىدا يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە دۇنيا ئىقتىسادىنى لەرزىگە سالغان سودا ئۇرۇشىنى پەسەيتىشكە قارىتىلغان مۇھىم سودا كېلىشىمى ئېلان قىلىندى. جەنۋەدە ئىككى كۈن داۋاملاشقان مۇزاكىرەدىن كېيىن، ھەر ئىككى دۆلەت ئۆزئارا يۇقىرى باج كېسىمىنى 90 كۈنلۈك ۋاقىتلىق پەسەيتىشكە قوشۇلدى. […]

قايتا يېزىلغان تېكىست: سالام ئەزىز پىدائى قېرىنداشلار، ھەممىڭلارنىڭ تېنىڭلارغا سالامەتلىك ۋە ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئەڭ قىيىن چاغلاردا ۋەتەن-خەلقىمىزنىڭ ئاۋازى بولۇشتەك مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدۇ. بۇ ۋەزىپىنى داۋاملاشتۇرۇش ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك مۇھىم بولۇپ باقمىغان. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازى بوغۇلغان، خاتا ۋە زىيانلىق شاۋقۇن-سۈرەنلەر ۋە […]

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 12-ماي خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تەنتەربىيە ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر ياشلىرىنى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا تاللاپ ئەۋەتىدىكەن. بۇ بىرلا ۋاقىتتا خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈلمەيۋاتقان پۇتبول ساھەسىدىكى تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئىنكار قىلغۇسىز كۈچى ۋە رولىنى كۆرسىتىدۇ. 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، ختاي تەنتەربىيە باش ئىدارىسى […]