ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،14-فېۋرال مۇئاۋىن پرېزىدېنت جەي دى ۋانس گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىخەتەرلىك يىغىنىغا قاتناشقان ياۋروپا ئىتتىپاقداشلىرىنى «ئىچكى تەھدىت»تىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەلقنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى ھەددىدىن زىيادە سەنسور (نازارەت ) قىلىۋاتقانلىقى ۋە «تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان كۆچمەنلىك» مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. «مېنىڭ ياۋروپا ھەققىدە ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم رۇسىيە ئەمەس، خىتاي ئەمەس، ياكى […]
پرېزىدېنت دونالد ترامپ روسىيە رەھبىرى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى «تېزلىك » باشلاشقا كېلىشىكەن. بىر يېرىم سائەت داۋام قىلغان «ئۈنۈملۈك» سۆھبەتتە، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى توختىتىش، يېقىن شەرق، ئېنېرگېتىكا، سۈنئىي ئىدراك، دوللار ۋە باشقا مەسىلىلەرنىمۇ مۇھاكىمە قىلدۇق.» «پات ئارىدا مەن پۇتىن بىلەن كۆرۈشىمەن»دىگەن. ترامپنىڭ زىېلنىسكىدىن بۇرۇن […]
15-فېۋرال، ئۇيغۇر ئاگنىېتلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىقى ۋە بېسىمى نەتىجىسىدە، ماراكەش ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىدرس ھەسەن ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىن ئۆمەر قانات ۋە لوئىسالار ئۇنى ئايرودرومدا كۈتۈۋالدى. ماراكەش ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن كېيىن ئالغان بۇ قارارى، ماراكەش-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. […]
فرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون پەيشەنبە كۈنى سۈرىيەنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى يىغىندا سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى شۇ رايوندىكى رادىكال گۇرۇھلارغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاق بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىردى. ماكروننىڭ بۇ باياناتى ئامېرىكىنىڭ بۇ رايونغا بولغان مەجبۇرىيىتى ھەققىدىكى مۇقىمسىزلىق ئەھۋالى ئاستىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارىژدا ياۋروپا ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پەيشەنبە كۈنىدىكى يىغىن، بەششار […]
گېرمانىيە، 14-فېۋرال، 2025. «بىز مۇستەھكەم بولغان ، داۋام قىلىدىغا تىنچلىق خالايمىز. بىر قانچە يىلدىن كېيىن شەرقىي ياۋروپاغا توقۇنۇش ئېلىپ كېلىدىغان تىنچلىقنى ئەمەس» دېدى ۋانس. زېلېنسكىينىڭ ئىشىنىشىچە، رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىغا خاتىمە بېرەلەيدىغان كىشى پرېزىدېنت ترامپتۇر. زېلېنسكىي ئامېرىكا رەھبىرى بىلەن ئومۇمىي پىلاننى مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىنلا ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشكە ماقۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. «تىنچلىق […]
ئۇيغۇر ئاگنىتلىقى،15-فېۋرال ختاي سابىق باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ پېنسىيەگە چىققان مۇخبىرى گۇ ۋەنمىڭنىڭ ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا شاڭخەي سوتى تەرىپىدىن «جېدەل-ماجىرا چىقىرىش» جىنايىتى بىلەن بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، ئارقىدىنلا شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن پېنسىيە مۇئامىلىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى يېقىندا ئاشكارىلاندى. […]
ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي شەنبە كۈنى (15-فېۋرال) ياۋروپانىڭ «ئامېرىكىنىڭ ياۋروپاغا تەھدىت شەكىللەندۈرگەن مەسىلىلەردە ياۋروپاغا ‹ياق› دېيىش ئېھتىماللىقىنى» نەزەردىن ساقىت قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياۋروپانى ئۆزىنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى قۇرۇشقا چاقىردى. زېلېنسكىي ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدىكى نۇتقىدا يۇقىرىقىلارنى بىلدۈردى. ئۇ رۇسىيەدىن كەلگەن داۋاملىق تەھدىت ۋە ئامېرىكىنىڭ قوللىشىدىكى مۇقىمسىزلىق ئالدىدا، ياۋروپانىڭ مۇداپىئەدە «ئۆزىگە تايىنىشى كېرەكلىكى»نى تەكىتلىدى. […]
17-فېۋرال، 2025. يېقىن شەرق رايونىغا سەپىرى دائىرىسىدە رۇبىيو 17-فېۋرال كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ باردى. ئىسرائىلىيە-حاماس ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرغاندا، تەرەپلەر غەززە تەقدىرىگە ئائىت تالاش-تارتىشلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. ئامېرىكىنىڭ باش دىپلوماتى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋەلىئەھد شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سالمان بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى […]
قەشقەردە تۇغۇلغان ئۇيغۇر شائىرە مېھرىنىسا ئىسمايىل 2025-يىلى 17-فېۋرالدا كېسەل سەۋەبىدىن گېرمانىيەدە ۋاپات بولدى. مېھرىنىسا ئىسمايىل 1985-يىلى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپ، تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى -(شىنجاڭ) تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا پروگرامما رېژىسسورى بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئۇ يەردە «چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر» قاتارلىق مۇھىم پروگراممىلارنى پىلانلاپ، تۈرلۈك ئەدەبىيات سورۇنلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان ۋە […]
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 18-فېۋرال خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى دۇبلىندا ئىرېلاندىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغان بولۇپ، بۇ پۇرسەتتە ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەر ھۆكۈمەتتىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى. ئىرېلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى ئىرېلاندىيە باش مىنىستىرى مايكېل مارتىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئۇچرىشىش […]
يېقىندا تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە تۇرۇشلۇق، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئىسىملىك شەخس ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەيىپلەشلەر ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە زور غۇلغۇلا قوزغىدى. تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر پىكىر بايان قىلماقتا ۋە تاراتقۇلار خەۋەر قىلماقتا. جامائەت بۆلۈنمەكتە، كەلگۈسىمىزدىن ئۈمىدسىزلەنمەكتە. ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغاندەك 2023-يىلى سەلىم پاشادىكى ئوقۇ ئۇيغۇر مەكتىپىدىمۇ بىغۇبار ئۇيغۇر قىزلىرىغا […]
قىسقا خەۋەر: ختاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە،2 -ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىن بىلەن مالايسىيا ئارىسىدا تۇنجى مۇنتىزىم خەلقئارالىق ئايروپىلان قاتنىشى باشلىنىدۇ. CZ5065/6 نومۇرلۇق ئايروپىلان ھەر دۈشەنبە ۋە شەنبە كۈنلىرى ئۈرۈمچى-گۇاڭجوۋ-كۇئالالۇمپۇر ئارىسىدا قاتنايدۇ. بېرىش سەپىرى ئۈرۈمچىدىن 10:45 تە باشلىنىپ، كۇئالالۇمپۇرغا 21:50 دە يېتىپ بارىدۇ. قايتىش سەپىرى كۇئالالۇمپۇردىن 8:05 تە باشلىنىپ، ئۈرۈمچىگە 20:55 […]
مەخسۇس ئوبزورچىمىز ئسيان ماقالىسى، 9-فېۋرال ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدا تونۇلغان شائىرلىرىدىن بىرى بولغان مەدىنەي باۋۇدۇننىڭ شېئىرلىرى ئۇيغۇر ياش مۇزىكانىتلار تەرىپىدىن ناخشا قىلىپ ئىيتىلغاندىن كىيىن.كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى.مەدىنەي باۋۇدۇن قەلەمگە ئالغان «سېغىندىم» ناملىق شېئىر قازاقىستاندىكى تونۇلغان مۇزىكانت ئېليار مۇشۇروف تەرەپدىن نوتىغا سېلىنىپ، ئۇيغۇر تېياتىرىنىڭ سابىق سەنئەتكارى، ياش ۋە تونۇلغان ناخشىچى شەھمۇراد باھاموف تەرەپدىن ئىجرا […]
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 31-يانۋار ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى-تايلاند تۈرمىسىدىكى مەھبۇس ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ كۆپ تىرىشچانلىق قىلغان ئورگانلاردىن بىرىدۇر. نۆۋەتتە ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن فىرانسىيەنىڭ ياۋروپارلامېنىتغا ئەۋەتكەن پارلامېنىت ئەزالىرى تايلاندىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىشنى ياۋروپا پارلامېنتىغا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئالدىدا تۇرماقتا. مەزكۇر ئىنستىتۇت دەسلەپتە، «تايلاند 10 يىلدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان 48 […]
ترامپ يېڭى پرېزىدېنتلىقىنىڭ تۇنجى قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويدى
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 29-يانۋار 28-يانۋار ئاق سارايدا پىرەزدىنت تىرامپنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى تۇنجى قېتىم ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنى ئۆتكۈزدى. كارولىنا لىۋايتب (Karoline Leavitt ) 27 ياش، يېڭى ھامپىشر شتاتىدىن، ئۇ ۋە ئائىلىسى كۈچلۈك كاتولىك دىنى مۇخلىسى بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى كاتولىك مەكتىۋىدە ئوقۇغان. ئۇ ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنىدا بوينىغا ئېسۋالغان كىرسىت بەلگىسى […]
خىتاينىڭ يېڭى سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسى (DeepSeek) تېخنىكا ساھەسىدە مۇھىم ئورۇن تۇتقۇچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ئىقتىدارى، تەرەققىيات مەبلىغى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى ئامېرىكىنىڭ OpenAI ۋە Claude قاتارلىق شىركەتلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئەمما، مۇستەقىل تەكشۈرۈشلەر بۇ سىستېمىنىڭ جاۋابلىرىدا، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەرەپبازلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە […]
شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئامېرىكا ئاقساراي بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا پىرەزدىنتى ترامپ شۇ كۈنى بىر تۈرلۈك مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ جەنۇبىي چېگرا ئارقىلىق ئامېرىكىغا كىرىشىنى توستى. ترامپ دۆلەت زېمىن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مەھكىمىسگە بارلىق زۆرۈر ھەرىكەتلەرنى قوللىنىپ، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي چېگراسىدىن قانۇنسىز كىرگەن چەت […]
ختاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقستان بىلەن ختاي داۋاملىق مۇناسۋىتىنى كۈچەيتىدۇ قازاقىستان پىرەزدىنتى توقايېف 22-چېسىلا مۇنداق بىلدۈردى: قازاقىستان-ختاي ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، ختاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قازاقىستان دىپلوماتىيەسىدىكى ئالدىنقى يۆنىلىش، بىز ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشنى خالايمىز. توقايېف […]
ئامېرىكا پىرەزدىنتى ترامپ 1-ئاينىڭ 23-كۈنى دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2025-يىللىق يىغىنىدا سىنلىق سۆز قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقارمىغان مەھسۇلاتلار «نەچچە يۈز مىليارد ئامېرىكا دوللىرى، ھەتتا نەچچە تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى» تاموژنا بېجىغا دۇچ كېلىدۇ. ترامپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ دۇنيادىكى كارخانىلارغا بېرىدىغان ئۇچۇرۇم شۇكى، <ئامېرىكىغا كېلىپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش> كېرەك، بولمىسا جەزمەن ئوخشاش بولمىغان […]