ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى
سەدەف
2020-1-24
شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتۇش شەھىرىدىن چىقىپ ئوتتۇرا ئاسىيادا تىجارەت قىلۋاتقان مەلۇم بىر ئۇيغۇر، ئۇستاز ھەبىبۇللا كۈسەنىگە، ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئەڭ داڭلىق دىنى ئالىملىرىدىن بىرى بولغان نۇر قارى ھاجىنىڭ، ھىچ سەۋەپسىزلا 20 يىللىق كىسىلىپ، خىتاينىڭ تۈرمىسىدە ئېغىر جىسمانىي ۋە روھى ئازاپ تارتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنى مۇناسىۋەتلىك ئىنسان ھەقلىرى كومتىتى ۋە مۇخپىرلارغا يەتكۈزۈپ قۇيىشىنى ئېيتقان.

ئاتۇش شەھىرىدىكى داڭلىق ئالىم، ئۇستاز نۇر قارى ھاجى, 55 ياش ئەتراپىدا. ئاتۇش شەھەر سۇنتاغ يېزا ياقىۋاغ كەنت 6_ ئەترەتتىن. ئاتۇشنىڭ داڭلىق دىنى ئالىملىرىنىڭ بىرى، جامائەت ئەربابى. ئىمام بۇلۇپ ، 20 يىللىق كېسىلىپ ،ئاتۇش ئاغۇ يېزىسى سايدىكى بىر تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان بۇلۇپ ،سايدىكى بۇ تۈرمىدە يەنە نەچچە مىڭ بىگۇناھ ئاتۇش خەلقى ئېغىر جىسمانىي جازاغا ئۇچراۋىتىپتۇ.
ئاتۇشلۇق قىرىنداشلاردىن نۇرىقارىھاجىمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، تالىپ بۇرادەرلىرى ياكى يۇرت يىقىنلىرى بولسا نۇرىقارىھاجىم ئۈچۈن ئاشكارا گۇۋاھلىق بىرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز!