ئاتا-ئانىسدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى «خىتتاي» كىملىكى بىلەن تىزىملانماقتا!

ختتاي كوممۇنست پارتىيسى ش ئۇ ئا ر ( ش ت ) سېكىتارى چىن چۋەنگونىڭ رايوندىكى باستۇرۇش سياسىتىنى ناھايتى ئاشكارا ۋە قاراتمىلىق ھالدا پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى باستۇرۇش،يوقتىشنى نشان قىلغانلىقىنىڭ يەنە بىر مۇھىم پاكىتى ئاشكارىلاندى: ئاتا-ئانىسى لاگىرلارغا سولانغان بالىلار، ئاتا -ئانىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن بالىلار ، ياكى ئاتا -ئانىسى چەتئەللەردە قالغان ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ مىللى كىملىكى «خىتتاي» كىملىكى بىلەن تىزىملىنىپ ،يېتىمخانىلەرگە ئىلىپ بېرىلماقتا

  ئۇيغۇر ئاگىېنتلىقى خەۋىرى.2018-يىلى 30-ئاۋغۇست .ۋاشىنگىتون.  

  ختتاي كوممۇنست پارتىيسى ش ئۇ ئا ر ( ش  ت ) سېكىتارى چىن چۋەنگونىڭ رايوندىكى باستۇرۇش سياسىتىنى ناھايتى ئاشكارا ۋە  قاراتمىلىق ھالدا پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى باستۇرۇش،يوقتىشنى نشان قىلغانلىقىنىڭ يەنە بىر مۇھىم پاكىتى ئاشكارىلاندى: ئاتا-ئانىسى لاگىرلارغا سولانغان بالىلار، ئاتا -ئانىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن بالىلار ، ياكى ئاتا -ئانىسى چەتئەللەردە قالغان ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ مىللى كىملىكى «خىتتاي» كىملىكى بىلەن تىزىملىنىپ ،يېتىمخانىلەرگە ئىلىپ بېرىلماقتا. ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ ياپونىيەدىكى ئوقۇرمەنلىرىدىن بىرى ،ئىلخەت ئارقىلىق ئۇچۇر بىرىپ،ئۆزىنىڭ يېقىندا ۋەتەندىكى ۋ پ ن (VPN) ئارقىلىق تورغا چىققان دوسلاردىن بۇ خەۋەرنى ئالغانلىقىنى يەتكۈزگەن.ئۇچۇردا دېيىلىشچە،ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر بالىلىرى «خىتتاي » دەپ تىزىمغا ئىلىنىپ خىتتاي دائىرىلىرى باشقۇرۇشىدىكى ئۇيغۇرلار يوق يەسلى ،مەكتەپلەرگە بىرىلىدۇ،ئۇ يەردە ئۇلار پۈتۈنلەي خىتتاي بولۇپ يېتشىپ چېقىشقا مەجبۇرلىنىدۇ.ئاتا-ئانا،تارىخ،مەدەنىيەت،تىل ،دىنى-ئىتىقات،مىللى كىيم،مىللى يىمەك دىگەنلەردىن ھىچقانداق ئەسەر بولمايدۇ،ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ بىچارىلەرنى خىتتاي مىللىتى پۇتۇنلەي خىتتاي دەپ خىتتايلار بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلمايدۇ. ئەكسچە ،ئۇلارنى خىتتايلار بوزەك قىلىدۇ،ئۇلاردىن ئۆزىنىڭ مىللىتىگە قارشى پايدىلىنىدۇ. بۇ خەۋەرگە نسبەتەن ئامېرىكىدىكى ئسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر كۆزەتكۇچى كۆزقارشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:  دىمەك خىتتاي ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسنى قايتا ئۇلارنى تاپالمايدىغان قىلىۋەتمەكچى،بالىلارنىمۇ قايتا ئۇيغۇرلۇققا قايتالمايدىغان قىلماقچى. ئۇچۇردا دېيىشلىچە،ختتاي دائىرىلىرى باشلانغۇچ ،يەسلى مائارىپىدا ختتاي تىلى مائارىپنى تەلتۆكۈس ئومۇملاشتۇرۇش،ئۇيغۇر تىلىنى بىكار قىلىش بىلەن بولدى قىلماي ،مەكتەپلەردە پۈتۈنلەي قىزىل كوممۇنىزىم مائارىپى ،ختتاي مىللى مەدەنىيتى ئارقىلىق كىچىك پەرزەنتلەرنى تەلتۆكۈس غەلىتە بىر گۇرۇپپا ئنسانلارغا ئايلاندۇرماقچى بولغان ،كىچىككىنە پەرزەنتلەرنى «تېرروچىلارغا قەتئى كۆرەش قىلىدىغان جەڭچى بولۇش» قا قەسەم قىلدۇرغان. بۇنىڭدىن نەچچە ئايلار بۇرۇن ئاشكارىلانغان خەۋەرلەردە ،خىتتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنى ختتايچە ناخشا،ختتايچە ئۇسۇل ئويناشقا مەجبۇرلىغان.ختتايچە كىيملەرنى كەيدۇرۇلۇپ،كۇڭزىغا باش ئۇرۇشقا مەجبۇرلانغان.ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ھەر كۈنى «بىز جۇڭخۋا مىللىتى (ختتاي مىللىتى)،كوممۇنىزىم ئىز باسارى ،بىز ۋەتەننى قوغدايمىز،تىرورچىلارغا، بۆلگۈنچىلەرگە قارشى تۇرىمىز ،ئۇلۇغ داھى شى جىن پىڭ بىزنىڭ يولباشچىمىز » دىگەن قەسەملەر بىلەن دەرس باشلايدىكەن.ئۇيغۇر ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇيغۇرچە مۇھىتتىن ئايرىلىپ ،ئۇيغۇرلارغا ئۆچ قىلىنغان،ئاتا-ئانسدىن ،مىللىتىدىن يىرگىنىدىغان ،ئۇلارغا قارشى مەيداندا كۆرەش قىلىدىغان يېڭى بىر ئەۋلات ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۇسىى كىشنى چۆچىتىدۇ. بۇ قېتىم خىتتاي دەپ تېزىمغا ئىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلەر ئاساسەن تولۇقسزغا تېخى چىقمىغان 12 ياشتىن كىچىك بالىلار بولۇپ ،تەخمىنەن 300-500 مىڭغىچە ئۇيغۇر بالىسى 3 مىلىيوندىن كۆپ لاگىردىكى ئاتا-ئانسىدىن ئايرىلغاندىن كىين مىللى كىملىكىدىن مەجبۇرى تارتىپ ئىلىنىپ ،خىتتاي مىللىتى ئىچىگە سىڭدۇرۇلۇش سياسىتنىڭ نشانى بولماقتا ئىكەن.     مەزكۇر خەۋەر ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئەپەندى ئارقىلىق «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى خەلقئارا ئاخباراتچىلار كۇلۇبى»دىكى ئەللىك بەش نەپەر داڭلىق تاراتقۇلار ژۇرنالستلىرى ،ئاكادىمىكلار ،ئنسان ھوقۇق تەشكىلات تەتقىقاتچىلىرىغا يەتكۈزۈلدى .

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

ئەنگىلىيە تاراتقۇسى: خىتاي ئافغانىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇۋاتىدۇ!

جۈ ئاۋغۇست 31 , 2018
خىتاي ئافغانىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇۋاتىدۇ: خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى تەسىرىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ئۆز دۆلىتىنىڭ سىرتىدا ئارمىيە تۇرغۇزىۋاتقانلىقى مەلۇم مۇخبىر بەن فارمەرنىڭ 29 ‫-‬ ئاۋغۇست ئىسلامئ‍ابادتىن بەرگەن خەۋىرى

You May Like