ئەنقەرەدە «خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى قۇرۇپ چىققان يېڭى خىتاي ئىمپېرىيەسى ۋە ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن خىتاي تەھدىتى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئەنقەرەدە «خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى قۇرۇپ چىققان يېڭى خىتاي ئىمپېرىيەسى ۋە ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن خىتاي تەھدىتى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

 ئەنقەرەدە «خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى قۇرۇپ چىققان يېڭى خىتاي ئىمپېرىيەسى ۋە ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن خىتاي تەھدىتى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تور بېتى 

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىنىڭ ھەمكارلىقىدا، 30-ئىيۇن پەيشەنبە كۈنى كەچتە ئەنقەرەدە پارلامېنت ئەزالىرى، مۇخبىرلار، ئاكادېمىكلار، يازغۇچىلار ۋە تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان 60 كە يېقىن كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى قۇرۇپ چىققان يېڭى خىتاي ئىمپېرىيەسى ۋە ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن خىتاي تەھدىتى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

پروفېسسور ئەركىن ئەمەت ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ يىغىندا، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى باندىت بېشى ماۋ زېدوڭنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىغا قارشى سىياسەتلىرى» توغرىسىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ رەئىسى، دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى «يېڭى خىتاي ئىمپېرىيەسى ۋە ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن خىتاي تەھدىتى» تېمىسىدا، يىلتىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت ئەلى چاكسۇ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. 

ئىككى سائەت داۋاملاشقان بۇ يىغىن ئاخىرىدا سوئال-جاۋابلار بىلەن ئاخىرلاشتى. پارلامېنت ئەزالىرى ، تەشكىلات مەسئۇللىرى، سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى، ئاكادېمىكلار ۋە ژۇرنالىستلاردىن تەركىب تاپقان يىغىنغا قاتناشقانلار فاشىست شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى 101 ياشلىق خىتاي كوممۇنىست پارتىيە باشقۇرۇۋاتقان خىتاينىڭ يالغۇز تۈرك مىللەتلىرىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تەھدىت بولۇۋاتقانلىقىنى چۇڭقۇر ھېس قىلدى ۋە  شەرقىي تۈركىستاننىڭ تېزدىن مۇستەقىل بىر دۆلەتكە ئايلىنىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات!
خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈشنى توختات!
خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ئىشغال قىلغان شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە خوڭكوڭدىن چىقىپ كەت!
خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى گۇمران بولۇشى كېرەك!
فاشىست شى جىنپىڭ تەختىڭدىن چۈشۈپ كەت!
فاشىست شى جىنپىڭ ، فاشىست خىتاي!

ئەسلى مەنبە ئۇلىنىشى:
https://www.akademiye.org/ug/?p=167053

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

بېلگىيەدە ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 13_يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

شە ئىيۇل 2 , 2022
بۈگۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى برۈكسېلدە ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 13.يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

You May Like