ئەنگلىيە باش ۋەزىرى: خىتاي ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىدىكى «ئالتۇن دەۋر» ئاياغلاشتى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى: خىتاي ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىدىكى «ئالتۇن دەۋر» ئاياغلاشتى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى: خىتاي ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىدىكى «ئالتۇن دەۋر» ئاياغلاشتى
يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى29-نويابىر

«فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باش ۋەزىر رىشى سۇناك  28-نويابىر دۈشەنبە كۈنى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن سودا ساھەسىدىكىلەرنىڭ يىغىلىشىدا سۆزگە چىقىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئەنگلىيە قىممەت قارىشى ۋە مەنپەئەتىگە سىستېمىلىق رىقابەت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. ئىلگىرى ئۇ ئەنگلىيەنىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتى توغرىسىدا توختالغاندا، ئەنگلىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىدىكى ئاتالمىش «ئالتۇن مۇناسىۋەت» دەۋرىنىڭ كەلمەسكە كەتكەنلىكىنى، تاشقى سودا ئارقىلىق خىتاي جەمئىيىتى ۋە سىياسىي قۇرۇلمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش پىلانىنىڭ خام خىيال ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدى.

ئۇ تۈنۈگۈنكى سۆزىدە مۇنداق دېگەن: « بىزنىڭ تەھلىل قىلىشىمىزچە، خىتاي نۆۋەتتە ئەنگلىيە قىممەت قارىشى ۋە مەنپەئەتىنىڭ سىستېمىلىق رىقابەتچىسىگە ئايلاندى، خىتايدىكى مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى بىلەن بۇ رىقابەت تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى مۇمكىن…ئەمما خىتاينىڭ دۇنيا ئىشلىرىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى يەنى دۇنيا ئىقتىسادى، كىلىمات ئۆزگىرىش قاتارلىق ساھەلەردە ناھايىتى ھالقىلىق ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايمىز… بىز تاشقى دىپلوماتىيە سىياسىتىمىز بىلەن بۇ كەسكىن رىقابەتنى ياخشى باشقۇرۇپ كېتىشىمىز كېرەك».

ئالدىنقى ھەپتە خىتاي ساقچى دائىرىلىرى شاڭخەيدىكى نامايىشنى باستۇرۇش جەريانىدا ئەنگلىيە مۇخبىرىنى ئۇرۇپ قولغا ئالغاندىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ يىرىكلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئوت كەتكەن مەھەللىنىڭ ئۇيغۇرچە نامى تېپىلدى

سە نويابىر 29 , 2022
ئوت كەتكەن مەھەللىنىڭ ئۇيغۇرچە نامى تېپىلدى

You May Like