ئانادولۇ ئاگېنتلىقى: كانادا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دەپ ئاتاش توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىدۇ

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى: كانادا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دەپ ئاتاش توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىدۇ

بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 19- فېۋرال

 

كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى 18- فېۋرال كانادا پارلامېنتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېلان قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ سۇندى.

 

بۇ تەكلىپ مۇزاكىرە قىلىنغان ۋە ئۇنىڭ ئۆتۈش پۇرسىتى بولغان بولسىمۇ، بۇ تەكلىپكە بېلەت تاشلاش دۈشەنبە كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلمايدىغان بولدى.

 

ئۆكتىچى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ تاشقى ئىشلار تەقرىزچىسى مايكېل چۇڭ (Michael Chong) مۇنداق دېدى: «گەرچە بېيجىڭ بۇ خورلاش قىلمىشىنى كەسكىن ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقى شۈبھىسىز.»

 

بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى خىتاي ھۆكۈمىتى جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرماقتا، گۇۋاھچىلار ئۆزلىرىنىڭ جىنسىي زوراۋانلىققا، جىسمانىي خورلىنىشقا، تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرىگە ئۇچرىغانلىقى ۋە ئۈزلۈكسىز نازارەت قىلىنىدىغانلىقىنى دوكلات قىلدى.

 

چۇڭ پەيشەنبە كۈنى مۇنداق دېدى: «ئىسپات ئېنىق، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ، كانادا مەسئۇلىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى كېرەك. بىز رەھبەرلىك رولىمىزنى جارى قىلدۇرىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ چوقۇم مەيدانىمىز بولۇشى كېرەك.»

 

باشقا سىياسى پارتىيەلەر – بلوك كۈېبېكويىس (The bloc Quebecois)، يېشىل ۋە يېڭى دېموكراتچىلار (Green and New Democrats) پارتىيىسى بۇ تەكلىپنى قوللىدى.

 

ئەگەر ئۇلار كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىگە قوشۇلۇپ، قوللاپ بېلەت تاشلىسا، تەكلىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ، چۈنكى باش مىنىستىر ترۇدو ئاز سانلىق لىبېرال ھۆكۈمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

 

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارك گارنوۋ (Marc Garneau) پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ خورلىنىشى «كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ كانادانىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ رەسمىي قوللىشىغا ئېرىشمەي تۇرۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاتالغۇسىنى قوللىنىشنى خالىمىدى.

 

مارك گارنوۋ باشقا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنى لاگېرلارغا ئەۋەتىپ، بۇ دەپسەندىچىلىكلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ۋە قايتا دوكلات قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

ترۇدونىڭ ئۆزى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى «ئىنتايىن ئادالەتسىزلىك» ئاتالغۇسى بىلەن ئاتىغان.

 

ترۇدو شۇنداق دېگەن بولسىمۇ، لىبېرال پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئاۋام پالاتا كومىتېتى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈپ، بۇنىڭ 1948- يىلدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسىدا بايان قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئېنىقلىمىسىغا ماس كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 

مەنبە:
https://www.aa.com.tr/en/americas/canada-debates-labeling-chinas-uighur-abuse-genocide/2149949#

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

مىللەت نۆۋىتىنىڭ تەسىرى قەيەردىن كەلگەن؟

يە فېۋرال 21 , 2021
مىللەت نۆۋىتىنىڭ تەسىرى قەيەردىن كەلگەن؟

You May Like