ئامرىكا باش ئەلچىخانىسىدىن بىر ھەيئەت، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيتىنىڭ قەيسەرىيدىكى ئىشخانىسىغا زىيارەتكە باردى

2_ئاينىڭ 19_ كۈنى، ئامرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى سىياسىي ئىشلار مەسئۇلى ماركوس ماندوژانا ، ئاخبارات باياناتچىسى مارك كامېرون ۋە ب د ت سىياسىي ئىشلار مەسلەھەتچىسى فىلىز كانۋېيدىن تەركىپ تاپقان بىر گۇرۇپپا قەيسىرىيدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت- ھەمكارلىق جەمىيتىدە ئىككى سائەتكە يېقىن سۆھبەتتە بولدى.

سەدەف

 

2020-2-25

 

2_ئاينىڭ 19_ كۈنى، ئامرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى سىياسىي ئىشلار مەسئۇلى ماركوس ماندوژانا ، ئاخبارات باياناتچىسى مارك كامېرون ۋە ب د ت سىياسىي ئىشلار مەسلەھەتچىسى فىلىز كانۋېيدىن تەركىپ تاپقان بىر گۇرۇپپا قەيسىرىيدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت- ھەمكارلىق جەمىيتىدە ئىككى سائەتكە يېقىن سۆھبەتتە بولدى. مىھمانلارنى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت – ھەمكارلىق جەمىيتىنىڭ باشلىقى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىس رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى كۈتىۋالدى.

 

 


ئىككى سائەت داۋاملاشقان بۇ سۆھبەتتە، سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئەلچىخانا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېئو نىڭ ئىككى ھەپتە ئىلگىركى قازاقىستان زىيارىتىدە، خىتايدىن قېچىپ چىققان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇساپىرلارغا دۇنيانىڭ ئىگە چىقىشى كېرەكلىكى ھەققىدە قىلغان چاقىرىقىغا ۋە شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۈلۈپ كىلۋاتقانلىقىغا بولغان رەھمىتىنى بىلدۈردى.

 

شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە ۋە ئامرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ سەمىمىي ھەمكارلىقى ۋە كۆڭۈل بۈلىشى بىلەن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى يەنە ب د ت نىڭ PKK, PYG, DEAŞ, FETÖۋە سۈرىيەدىكى PYD, YPG تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىغا بەرگەن ياردىمىنىڭ تۈركىيە _ئامرىكا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە سەلبى تەسىر بەرگەنلىگىنى، ۋە سەۋەپتىن تۈركىيەنىڭ خىتاي ۋە رۇسيە بىلەن ئىتتىپاق بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئامرىكا ئەلچىخانىسى ھەيئىتىنىڭ بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتنى زىيارەت قىلىشى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
بۇ قېتىمقى زىيارەت تۈركىيە خەلىقئارا خەۋەرلەر قانىلىدا مەخسۇس خەۋەر قىلىندى.
تۈركىيە ۋەتەن پارتىيسى باشلىقى دوغو پىرىنچەك بۇ قېتىمقىى زىيارەتنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتىغا قىلغان زىيارىتى ھەققىدە ئايدىنلىق گېزىتىدە «ئامرىكا بۈيۈك ئەلچىلىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى كۈشكۈرتىشى» دەپ ماقالە ئېلان قىلدى.
پىرىنجەك ماقالىسىدە سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئامېرىكىغا رەھمەت ئېيتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامرىكىنىڭ ئويۇنى ئىكەنلىكىنى يازدى.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئامېرىكا ئاۋازى: كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى كورونا ۋىروسىنىڭ شىنجاڭدىكى (ش ت) «قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى» دا تارقىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا

پە فېۋرال 27 , 2020
چارشەنبە كۈنى، ۋاشىنگىتونغا جايلاشقان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» ئاگاھلاندۇرۇپ، شىنجاڭدىكى (ش ت) «قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى» نىڭ ناچار تازىلىق ئەھۋالى، كورونا ۋىروسىنىڭ تارقىلىشىنى تېزلەشتۈرۈپ، <ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك> دېگەندەك ئىش بولىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

You May Like