ئامىستىردامدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى داغدۇغىلىق خاتىرەلەندى

16- نويابىر، ئامىستىردامنىڭ سوغۇق شاماللىرىمۇ گوللاندىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ جۇمھۇرىيەت بايرىمى خاتىرە كۈنىدىكى قىزغىن كەيپىياتىنى سوۋۇتالمىدى. بۇ كۈن 1933 ۋە 1944 – يىلىدىكى مۇستەقىللىق كۈنىمىز خاتىرەسىگە ئابدۇرىھىم غىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى پائالىيەت بولۇپ، ئابدۇرىھىم قىسقىغىنە بىر ئاي ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان ئىككى مىڭ يىللىق تارىخىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان تارىخىي مەنبە، خەرىتە، لاگىرلار، تۇتۇلغان زىيالىيلار، خەلقئارا خەۋەرلەر، سانلىق مەلۇماتلار كىرىشتۈرۈلگەن لوزۇنكىلارنى باستۇرۇپ، تەرتىپ بويىچە تىزىپ تەييار قىلغان ئىدى.

تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقىتىۋاتقان ئۆسمۈر بالىلار، چىدىر تىكىشكە ياردەملىشىۋاتقان ياش بالىلار، ئۆيلىرىدىن ھەرخىل مىزىلىك پىشۇرۇقلارنى ئىلىپ كەلگەن خانىملار، دۇتار، تەمبۇر چىلىۋاتقان ئەخمەتجان پىدائىيلار، بودەك نەسىردىن ئەپەندى- تاي ھاجىم، ياشا ئۇيغۇر ياشلار تەشكىلاتىدىكى ياشلار، پائالىيەتكە مەدەت بىرىش ئۈچۈن كەلگەن پىشقەدەملەر مەيداننىڭ قاق ئوتتۇرىسىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى پائالىيىتىگە داخىل بولماقتا ئىدى.  ئابدۇرىھىم غىنى يالغۇز جىنىغا بۇ پائالىيەت كۈن تەرتىپىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىدىتلىق بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلىۋاتاتتى. گوللاندىيەدىكى مىدىيا قاناللىرىدىن ئۇيغۇر رادىئو تىلۋىزىيەسى، ئۇيغۇر ساداسى، پىدائىي ئىكرانى ھەممىسى نەق مەيدان ۋىدىيوغا ئالدى.  چەتئەللىك مۇخبىرلارمۇ ھەر تەرەپتىن سۈرەتكە ئالماقتا ئىدى. 

چۈش بولغاندا پائالىيەت شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلىنىپ، ئۇيغۇرچە، ئىنگىلىزچە، گوللاندچە تىللاردا ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىق تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى. ئاندىن ئۆمەر بەگئالى ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان قىسقىچە قىلىپ تەسىرلىك سۆزلىدى. ئۇندىن كىيىن زىيارەتچىلەرگە مىللىي مەدەنىيىتىمىز، تارىخىمىز ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتىمىزنى تونۇشتۇرۇش باشلاندى. زىيارەتچىلەر ئارىسىدا سىز بىلمەيدىغان ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلار، مۇخبىرلار، ياكى ئۇيغۇرنى بىلمەيدىغان چەتئەللىكلەر كىلىپ كىتىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ياخشى تىلەكلىرى، ياردەمسۆيەرلىكى سىزنى ھەم تەسىرلەندۈرەتتى ھەم قىلىۋاتقان ئىشىڭىزدىن مەمنۇن قىلاتتى.  

ئارىلىقتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەپەندى ئالدىراشلىقىغا قارىماستىن ئاتايىتەن كىلىپ، نامايىشتىكىلەر بىلەن بىر-بىرلەپ كۆرۈشۈپ چىقتى.ئۇ نۇتۇق سۆزى قىلىپ ئابدۇرىھىم غىنىنىڭ جاسارىتىنى ماختاپ، قوللاپ قۇۋۋەتلەشكە چاقىردى. 

ھاۋا سوغۇق ۋە كۈن بالدۇر كەچ بولغاچ پائالىيەتمۇ 4 سائەت قەدەر داۋاملىشىپ، غەلبىلىك ئاياغلاشتى.  كىشىلەر كەچتە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئوچۇق سۆھبەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن قايتىشتى. 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

شەرقىي تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيى قۇرۇلدى

سە نويابىر 19 , 2019
12- نويابىر، جۇمھۇرىيەت بايرىمىمىز خاتىرە كۈنىدە، گوللاندىيە، گىرمانىيە، بىلگىيە، شىۋىتسىيە، ئامرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئاۋانگارت ياشلار ۋەكىللىرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن نورۋىگىيە ياشلىرىنىڭ ساھىپخانلىقىدا شەرقىي تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيى قۇرۇلدى. ياشلار قۇرۇلتىيى مەزكۇر بەش دۆلەتتىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلارنىڭ فىدىرال بىرلىكى بولۇپ، ئاۋىستىرالىيەدە تۇرۇشلۇق دىليار مۇساباي باش كاتىپلىققا سايلاندى.

You May Like