ئامىستىردام مەيدانىدا ئىستىقلال كۈنىمىزنى خاتىرەلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكچى

يالغۇز كىشلىك نامايىش قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن چەتئەلىكلەرنىڭ ئەڭ دىققىتنى تارتقان مەسلە خىتاي تاجاۋۇزچلىللىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قېرغىنچىلقىدىن بىلەن بىرگە مۇقەددەس زىمىنىمىزنىڭ ختايلار تەرپىدىن بېسۋېلنىپ مۇستەملىكى نامى چىقىپ تۇردىغان شىنجاڭ دىگەن زىمىنغا ئۆزگەرتىلگەنلىكى دەلىل-ئىسپاتلىق خەرىتىلەر بىلەن قايىل قىلارلىق چۈشەندۈرۈش مۇھىم.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى
2019-10-21

 

يالغۇز كىشلىك نامايىش قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن چەتئەلىكلەرنىڭ ئەڭ دىققىتنى تارتقان مەسلە خىتاي تاجاۋۇزچلىللىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قېرغىنچىلقىدىن بىلەن بىرگە مۇقەددەس زىمىنىمىزنىڭ ختايلار تەرپىدىن بېسۋېلنىپ مۇستەملىكى نامى چىقىپ تۇردىغان شىنجاڭ دىگەن زىمىنغا ئۆزگەرتىلگەنلىكى دەلىل-ئىسپاتلىق خەرىتىلەر بىلەن قايىل قىلارلىق چۈشەندۈرۈش مۇھىم.

 

يىللاردىن بۇيان يېقىنقى زامان تارىخقىمىزدا قۇرۇلغان مىللى مۇستەقىللىق داۋايىمىزنىڭ مەشئەلى بولغان بۇ ئىككى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى چەتئەللەردە ھەرقايسى شەكىلدە خاتېرلىنىپ كەلمەكتە، ئەمما بۇ خاتېرلەش پەقەت ئۈزىمىزنىڭ ئىچكى قىسىمدىلا يەنى ئۇيغۇرلار ئارسىدىلا بۇلۇپ كەلمەكتە. تۈركىيە دۆلەتلىرىدە تۈرۈكلەر بىلەن بىرلىكتە خاتېرلەنگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا ئاساسى جەھەتتىن ئۇيغۇرلار بىلەنلا يېپىق شەكىلدە بۇلۇپ كەلمەكتە.مەن يالغۇز كىشلىك نامايىش قىلىش جەريانىدا ئامىستېردامدا بىزگە ئوخشاش مۇستەملىكىدە قالغان مىللەتلەرنىڭ نۇرغۇنلىغان پائالىيەتلىرىنى كۆرەلەيسىز. ئۇلارنىڭ تۈرلۈك خاتېرلەش ۋە ئەسلىمە خارەكتېرلىك پائالىيەتلىرى ئۇلارنىڭ مىللىي مەدەنىيتىگە مۇناسۋەتلىك تۈرلۈك سەنئەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلغاچقا ساياھەتچىلەرنى ۋە كۆرگۈچىلەرنى تېىخمۇ جەلىپ قىلىدۇ ۋە ھاياجانغا سالىدۇ.

 

چۈنكى بىز شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ قېرغىنچىلىقنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى خەلىقلىرىگە ئاڭلىتىش، پارلامىنتتا كۈن تەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ يىتەكلىچلىكدە ھەرخىل شەكىلدە نامايىشلار ئورۇنلاشتۇرلىۋاتىدۇ ۋە دىپلۇماتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئابدۇرىھىم غىنى بۇ يىل شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتېرلەش كۈننى ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئاممىۋى شەكىلد، تۆت خىل تىلدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئاڭلىتىش، ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيتىمىزگە ئائىت رەسىملەر كۆرگەزمىسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىگە تەشۋىق قىلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.

 

بۇ پائالىيەتنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن گوللاندىيە ئىچى-سىرتىدىكى تەشكىلات ۋە قېرىنداشلارنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشىغا، ياردەمدەمدە بولشىغا شۇنداقلا مىللىي سازلىرىمىزنى چالالايدىغان، سەنئەت ئارقىلىق ئىستىتىك زوق ئاتا قىلالاىيدىغان قېرىندشلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى بىلەن روياپقا چقىدۇ.

 

پائالىيەتنىڭ قىسىقچە ئەھۋالى
1.بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئاۋال ئون ئۇيغۇر بەشتىن ئىككى گۇرۇپپا بۇلۇپ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقى كۈتۈرۈپ ماڭىدۇ. دۆلەت شېئىرىمىزنىڭ ئوقۇلىشى بىلەنلا ھەممەيلەن ئوڭ قۇلۇمىزنى كۆكسىمىزگە قۇيۇپ دۆلەت شېئىرىغا ئەگىشىپ ئوقۇيدۇ.

 

  1. قىسىقچە قىلىپ ئىككى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇرلۇش تارىخىنى ئىنگىلىز، ئەرەپ، تۈرۈك، روس تىللىرىدا ھەر بىر تىلدا بەش مىنىتۇتتىن ئاڭلىتىلىدۇ.
  2. مەيدانغا ئېكىران قۇيۇش ئىمكانىتى بولسا ئىنگىلىزتىلدا ئىشلەنگەن شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيتىنى ئاڭلاتقان قىسىقچە فىلىم قۇيۇپ بىرىش.
  3. مىللىي سازچىللىرىمىز ئورۇنلىغان ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىللرىدىن چېلىپ ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلىش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى تۇنۇشتۇرۇش
  4. 1-ۋە 2-قېتىملىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيتىگە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى زىيارەت قىلىشقا ساياھەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىش (ئىمكانىيتىمىز يار بەرسە بۇ كۈرنىشلەرنى كۈرۋاتقان بىر قانچە چەتئەلىكلەرنى زىيارەت قىلىپ ئۇلارنى شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھىس قىلغانلىرىنى ئورتاقلىشىش)
  5. ئائىللەردە پىشۇرۇپ كىلىنگەن ئۇيغۇر ساڭزىسى، پىچىنە-پىرەنىك قاتارلىق تاتلىق تۇرۇمغا ساياھەتچىلەرنىڭ تېتىپ بېقىشىغا تەكلىپ قىلىش، ئىمكانىيەت بولسا خاتىرە سۈپتىدە خاتىرە بويۇمى تارقىتىش.

 

شەرقي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى ئەنئەنىۋىي خاتىرەلەشتىن خەلقئالەمگە ئاشكارا خاتىرەلەش، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگىرلارنى قۇرۇشنىڭ ئەسلى سەۋەبى مۇستەملىكە قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرۈش تولىمۇ مۇھىم ۋە تەخىرسىز چاقىرىقلارنىڭ بىرىدۇر.

 

شۇ ۋەجىدىن، ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى نامىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى يىرىدىكى قىرىنداشلارنىڭ ئىستىقلال كۈنىمىزنى، ھۆرلۈك شۇئارىمىزنى، مۇستەملىكە تارىخىمىزنى خەلقئالەمگە ئاڭلىتىش نۆۋەتتە ئۆزىمىزگە يادلىتىشتىن بەكرەك مۇھىمدۇر. ئابدۇرىھىم غىنى چاقىرغان ئامىستىردام دام مەيدانىدا ئىستىقلال كۈنىمىزنى خاتىرەلەش پائالىيىتىگە ئەتراپتىكى قىرىنداشلارنى ھەر جەھەتتىن ياردەمدە بولۇشقا، ھەسسە قوشۇشقا چاقىرىمىز.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

مالاي مىنىستىر ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغان مالايلارنى رادىكال دېگەن مالايسىيالىق خىتاينى ئىرقچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

دۈ ئۆكتەبىر 21 , 2019
مالايسىيانىڭ ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى سەييىد سادىق سەييىد ئابدۇراخمان (Syed Saddiq Syed Abdul Rahman) مالايسىيالىق خىتاي يازغۇچى چيۇ گۇاڭياۋ نىڭ (丘光耀) ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن ئەھۋالىغا ھېسداشلىق قىلغان مالايلارنى «رادىكاللار» دەپ سۈپەتلىشىدىن غەزەپلەندى.

You May Like