ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى
تەييارلىغۇچى: سايئوغلى
2019-6-13
ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئاكتىپ پائالىيەتچى تۇمارىس ئالماس خانىمنىڭ بىلدۈرشىچە 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ، UHRP ، ۋە UAA نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيىسى»گە پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئىشىكىنى چىكىپ بۇ ئىشقا ساھىپ چىقىشقا چاقىرىق قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. پائالىيەتكە قاتناشقان چەتئەللىك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك كۆزلىرىگە ياش ئالغان . ھەربىر ئۇيغۇرغا بىر يەرلىك ھەمرا بولۇپ ، ھەربىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ جازا لاگىرلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرۇغۇچى ئىكەنلىكىنى كۆز يىشى بىلەن بايان قىلىشقان . ئالدى كەينى بولۇپ 50 دىن ئارتۇق پارلامىت ئەزالىرىنىڭ ئىشىكى چىكىلگەن . پىدائىلار بىركۈن تاماق يىمەي ، 5 بىنانىڭ ئوتتۇرسىدا يۈگۈرەپ يۈرۈپ ھەممەيلەن ۋەزىپىسىنى غەلبىلىك تاماملىغان .
بۇ ھەقتە ئۆمەر قانات ئەپەندىممۇ بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى .