ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتپاقى، كانادا ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق 30 دۆلەت بىرلا ۋاقتتا ئۇيغۇرلار سەۋەبلىك تۆت خىتاي ئەمەلدارىغا جازا ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتپاقى، كانادا ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق 30 دۆلەت بىرلا ۋاقتتا ئۇيغۇرلار سەۋەبلىك تۆت خىتاي ئەمەلدارىغا جازا ئېلان قىلدى.

ئۇيغۇرىئان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 22-مارت

 

جۇخەيلۇن، ۋاڭ مىڭشەن، چىن مىڭگو، ۋاڭ جۇنجىڭ قاتارلىق ئەمەلدارلار ئۇيغۇرلارنى زور ساندا قاماش، خورلاش، دىنىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ياۋروپاغا كىرىش، مال – مۈلكىنى توڭلىتىش قاتارلىق جازالارغا دۇچ كەلدى. بۇ 30 دۆلەتنىڭ جازا ئېلان قىلىشى تارىختا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتايغا ئەڭ كەسكىن بىر مەيدان ئىپادىلىگەن ۋە بىرلەشكەن تارىخىي ۋەقە بولۇپ ھسابلىنىدۇ.

 

ياۋروپا ئىتتپاقىغا ئەزا 27 دۆلەت يەنە خىتاينىڭ شىنجاڭ بېڭتۇۋەننى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، مەھسۇلات سېتىۋىلىشنى چەكلىدى.

 

ئامېرىكا تاشقى ئ‍ىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكىن مۇنداق دېدى: «ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان بىرلەشمە جازا ئارقىلىق بىز خىتايدىكى ئاجىز ئاممىغا قارىتىلغان بارلىق باستۇرۇشلارغا مەسئۇل كىشلەرگە كەسكىن سىگنال بەرمەكچىمىز.»

 

ئەنگىلىيە تاشقى ئ‍شلار مىنىستىرى: «بۇ كەسكىن دىپلوماتىيەدۇر.» دېدى. جازاغا ئۇچرىغان گوللاندىيە پارلامېنىت ئەزاسى سجورمان مۇنداق دېدى: «شۇنچىلىك ئېغىر دەرىجىدە ئ‍ىنسان ھەقلىرى باستۇرۇشى بار تۇرۇقلۇق، مەن سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمەن. ياۋروپالىق خىزمەتداشلىرىمغا ئىلھام بىرىپ قوياي: سۈكۈتنى بۇزۇپ، دەس تۇرۇڭلار!»

 

خىتاي جاۋابەن تەتقىقاتچى ئادرىيان زىنر، گوللاندىيە، گىرمانىيە، فرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 كىشگە جازا ئېلان قىلدى، ئەمما كونكرېت جازا مەزمۇنى تېخى ئاشكارىلانمىدى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئ‍ستانبۇلدىكى خۇشيار راڭپىزىچىلىقى مەسئۇلى مەھمۇتجان ئىنايەت تۇتقۇن قىلىنغان.

پە مارت 25 , 2021
ئ‍ستانبۇلدىكى خۇشيار راڭپىزىچىلىقى مەسئۇلى مەھمۇتجان ئىنايەت تۇتقۇن قىلىنغان.

You May Like