ئۇكرائىنا ئۇرۇشى :
ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى رۇسىيە ۋە پۇتىنغا ئەڭ كەسكىن ئىقتىسادى جازا قوللىنىشتا بىردەكلىككە كېلەلمىدى.
تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغاندىن كىيىن ، 24-فېۋرال سەھەردە ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدىن ۋە ياۋروپا رەھبەرلىرى يېغىن ئاچقان. يېغىندا ياۋروپا رەھبەرلىرىدىن گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە باشلىقلىرى ئۆزىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ئىقتىسادى مەنپەئەتىنى ئويلىشىپ رۇسىيەنى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سستىمىسدىن قوغلاپ چىقىرىشقا قارشى تۇرغان.ئەگەر روسيەنى بۇ سستمىدىن قوغلاپ چىقارسا، روسيە ئۇچۇن غايەت زور ئىقتسادى زەربە بولاتتى. كۇزەتكۇچىلەر بۇ قارارغا بىرلىككە كىلىشكە ۋاقىت كىتىدۇ ، ئەمما ئۇنىڭغىچە ئۇكرائىنا يېقىلىدۇ دەپ قارىماقتا.
بىر ئايدىن بىرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا روسيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلسا زور ئېقتسادى ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ دەپ تەھدىت سىلىۋاتقان ئىدى.
پىرەزدىنىت بايدىن روسيە پىرەزدىنتى پۇتىنغا ئىقتسادى جازا يۇرگۇزۇش ھەققىدىكى نىمىشقا ھازىر يۇرگۇزمەيسلەر، نىمە ساقلايسلەر دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بىرەلمىدى.