خىتاي ئافغانىستاننى مۇقىملاشتۇرۇش ھەمكارلىقى بەدىلىگە ئامېرىكىدىن سۈركىلىشنى ئازايتىشنى، ئاتالمىش شىنجاڭ مەركەزلىك شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى قايتا چەكلەشنى تەلەپ قىلدى

خىتاي ئافغانىستاننى مۇقىملاشتۇرۇش ھەمكارلىقى بەدىلىگە ئامېرىكىدىن سۈركىلىشنى ئازايتىشنى، ئاتالمىش شىنجاڭ مەركەزلىك شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى قايتا چەكلەشنى تەلەپ قىلدى

 

 

ھىندىستاندا تارقىتىلىدىغان ئېنگىلىزچە  «ھىندۇ» (The Hindu) گېزىتىنىڭ 17-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرى

تەرجىمىدە: ئىدىقۇت

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 17-ئاۋغۇست

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، سابىق ترامىپ ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى چەكلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارىدا قوش بىسلىق ئۆلچەم قوللاندى دەپ تەكىتلىدى.

17-ئاۋغۇست تالىبان كابۇلدا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كىيىن، خىتاي ئامېرىكىدىن ئافغانىستاننى مۇقىملىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن بولىدىغان ھەمكارلىق بەدىلىگە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنى ئازايتىشنى، شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى قايتا چەكلەشنى تەلەپ قىلدى.

يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا ياردىمىدىكى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ چۆكۈشى ۋە پرېزىدېنت ئەشرەف غەنىنىڭ دۆلىتىنى تاشلاپ قېچىشىدىن كىيىن، تالىبان كابۇلغا كىردى ۋە تامامەن كونترول ئاستىغا ئالدى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئۇرۇشتا ۋەيران بۇلغان بىر دۆلەتنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان 20 يىللىق ھەرىكىتى تۇيۇقسىز ئاخىرلاشتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلېنكىن سەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ تالىبانلارنىڭ تۇيۇقسىز ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىنكى ئافغانىستاننىڭ  نۆۋەتتىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان  ۋەزىيىتى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ باردى.

تېلېفون كۆرۈشىشىدىن كىيىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى : تېلېفون سۆھبىتىدە بىلېنكىن، خىتاينىڭ ئافغانىستان مەسىلىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن دوھا يېغىنغا قاتناشقانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى ۋە ئافغانىستاندىكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىي باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى تىلغا  ئالدى.
 يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكىلىق بىر دىپلومات خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئافغانىستان مەسىلىسىدە خىتاينىڭ مۇھىم  رول بار ئىكەنلىكنى تەكىتلەپ، تالىبان ئاشقۇنلۇقتىن ۋاز كەچكەن يېڭى بىر بۆسۈشنى ئېلان قىلىشى، ھوقۇقنىڭ تەرتىپلىك بىر شەكىلدە ئايلىنىشىنى ساقلىغان ۋە ھەممە ساھەنى ئوز ئىچىگە ئالغان بىر ھۆكۈمەت قۇرۇشى كېرەكلىكنى بىلدۈردى.
 
ۋاڭ يى ئوز نۆۋىتىدە خىتاي ۋە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسى ھەمكارلىقىدىكى توسالغۇلارنى ۋە خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىنى تۈگىتىش توغرىسىدا سۆز قىلدى.

ۋاڭ يى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ تېزدىن چېكىنىشىنى كەسكىن تەنقىد قىلىپ : » ۋاشىنگتون ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش، قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتىش، تىنچلىق ۋە قايتا قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىجابىي رول ئوينىشى كېرەك» دېدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلېنكىنگە: سابىق ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ئۈستىدىكى چەكلەشنى قارارنى  بىكار قىلىش مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللىنىلغان دەپ كۆرسەتكەن.

شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى خىتاي ئىشغالىيىتىدىكى شەرقى تۈركىستان (ئاتالمىش شىنجاڭ) دا 10 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ياشايدىغان بۇ رايوننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئىزچىل  ھالدا شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى بازا تەشكىلاتىنىڭ تارمىقى دەپ  كۆرسىتىپ كەلگەن.

شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ب د ت خەۋپسىزلىكى كېڭىشى بازا تەشكىلاتىنى جازالاش كومىتېتى تەرىپىدىن 2002-يىلى تېررورلۇق تەشكىلات تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. 

سابىق ترامپ ھۆكۈمىتى 2020-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق ئەيىبلەشلىرى ئارقىسىدا، بۇ گۇرۇپپىنى ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈۋەتكەن.

ئامېرىكا جۇڭگونىڭ شىنجاڭدىكى بىخەتەرلىك ھەرىكىتىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىدى.

ئامېرىكا يەنە خىتاي كوممۇنىست دۆلىتىنىڭ شياڭگاڭ ھۆكۈمىتىگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىشى ، تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزغا بولغان كونتروللۇقىنىڭ كۈچىيىشى، تەيۋەننى ئۆتكۈزۈۋېلىش تەھدىتى ۋە  شۇنداقلا سودىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەردە خىتايغا قاتتىق سىياسەت قوللاندى. ئامېرىكا يەنە خىتاي ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىكى بىئوخىمىيە تەجرىبىخانىسىدىن تارقالغان دېگەن گۇمان ئۈستىدە، خىتاي ۋىرۇسنىڭ ئەسلى چىقىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ تېپىش ئۈچۈن خىتاينى ماسلىشىشقا چاقىردى.

خىتاي يەنە شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئافغانىستان ئارقىلىق خىتايغا قارشى ھەرىكەت ئىلىپ بارماسلىقى ئۈچۈن، تالىباندىن بۇنىڭغا كاپالەت بېرىش تەلىپىدە چىڭ تۇرغان.

ئالدىنقى ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلغان سىياسىي كومىسسىيە باشلىقى موللا ئابدۇل غەنى بارادار باشچىلىقىدىكى تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن بولغان سۆھبەتتە، شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئافغانىستاننى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدىلەرنى قىلغان.

ب د ت نىڭ يېقىنقى دوكلاتىغا قارىغاندا، تالىبانلارنىڭ ھەربىي ئىلگىرىلىشى ئارىسىدا شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە تەۋە يۈزلىگەن قوراللىقلار، ئافغانىستاندا توپلىنىۋاتقان ئىكەن.

ئۇيغۇرىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان ، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاندىن باشقا ئافغانىستان ، پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر بىلەن چېگرىلىنىدۇ. 

ئەسلى مەنبە:

https://www.thehindu.com/news/international/china-asks-us-to-lower-frictions-ban-xinjiang-based-etim-in-return-for-cooperation-to-stabilise-afghanistan/article35957906.ece

Uyghur Reporter

Next Post

ئاقساراي: تالىبان پۇقرالارغا «بىخەتەر كارىدور» ئېچىپ بېرىشقا قوشۇلدى

چا ئاۋغۇست 18 , 2021
تالىبانلار پۇقرالارغا «بىخەتەر كارىدور» ئېچىپ بەرمەكچى...

You May Like