ئامېرىكىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك، دىن ۋە ئائىلىنى مۇھىم دەپ قاراش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن. پومپيو: بۇ ھەر قانداق تاشقى دۈشمەندىن خەتەرلىك
تۇرسۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 28-مارت
«ۋولت سچرىت» ژۇرنىلى ۋە »نورد» شىركىتى بىرلىكتە ئىلىپ بارغان راي سىناشتا، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى مۇھىم دەپ قارايدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ نىسبىتى 1998-يىلدىكى70%دىن 2023-يىلى 38%كە تۆۋەنلىگەن، دىن مۇھىم دەپ قارايدىغانلار62%دىن 39 پىرسەنتكە، پەرزەنتلىك بولۇش مۇھىم دەپ قارايدىغانلار 59%دىن 30 %كە تۆۋەنلىگەن.
سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيو بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:« بىز خىتاينى بىر تەرەپ قىلالايمىز، ئەمما مۇنداق يۈزلىنىش ھەر قانداق تاشقى دۈشمەندىن كۆپ خەتەرلىك. بىز ئامېرىكىنى بۈيۈك قىلىدىغان بۇ قىممەت قاراشلىرىمىزنىڭ يوقىلىشىنى ھەل قىلالايدىغان لېدىرلارغا موھتاج»