ئامېرىكا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا چېتىشلىق خىتاينىڭ 20 ج خ ئورگىنى ۋە 8 شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ 28 ج خ ئورگىنى ۋە تېخنىكا شىركەتلىرىنى سودا قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. بۇ ئورگان ۋە شىركەتلەر شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن چېتىشلىق دەپ قارىلىپ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.

تەييارلىغۇچى: سەبرى

2019-يىلى 8-ئۆكتەبىر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ 28 ج خ ئورگىنى ۋە  تېخنىكا شىركەتلىرىنى سودا قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. بۇ ئورگان ۋە شىركەتلەر شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن چېتىشلىق دەپ قارىلىپ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكىنىڭ ھۆججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ۋە قارمىقىدىكى 19 ئورگان، ھەمدە خەيكاڭ ۋېيشى تېخنولوگىيە شىركىتى (海康威视)، داخۇا تېخنولوگىيە شىركىتى (大华科技)، كېدا شۈنفېي شىركىتى (科大讯飞)، كۇاڭشى تېخنولوگىيە شىركىتى (旷视科技)، مېييا بەيكې ئۇچۇر تېخنىكا شىركىتى(美亚柏科)، يىشىن تېخنولوگىيە شىركىتى(溢鑫科技) ۋە يىتۇ تېخنولوگىيە شىركىتى (依图科技) قاتارلىق 8 شىركەت بۇ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روس (Wilbur Ross) باياناتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە سودا مىنىستىرلىكى خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ.»

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قارا تىزىملىككە ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ تارمىقىدىكى ئوبلاستلىق ۋە شەھەرلىك ج خ ئورگانلىرى، ھەمدە شىنجاڭ ساقچى ئىنىستىتۇتىمۇ كىرگۈزۈلگەن.

ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قارارنىڭ بۇ ھەپتىدىكى سودا كېلىشىمى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىسىز، بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن شىركەت ۋە ئورگانلارنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرى بىلەن سودا قىلىشى چەكلىنىدىكەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى ئىلگىرى خىتاينىڭ خۇۋا ۋېي شىركىتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن باغلىنىشى بولغان 100 دىن ئارتۇق شىركەتنى سودا قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئىدى. 

خاڭجوۋ خەيكاڭ ۋېيشى تېخنولوگىيە شىركىتىنىڭ بازار قىممىتى 42 مىليارد دوللار بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىلىرى ياساش شېركىتى دەپ قارىلىدۇ. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 8-ئايدا خەۋەر قىلىشىچە، خەيكاڭ ۋېيشى شىركىتىنىڭ يىللىق كېرىمى 7 مىليارد دوللار بولۇپ، كىرىمىنىڭ ئۈچتىن بېرى چەتئەلدىن كىلىدىكەن.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ۋە مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىدە شەرقىي تۈركىستان جىلۋەلىرى

سە ئۆكتەبىر 8 , 2019
يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلدىغان تۈرۈك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ۋە مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى بۇ يىل 10_3_كۈندىن 6_كۈنگىچە ئىستانبول ئاتا تۈرك ئايدورۇمدا ئۆتكۈزۈلدى.

You May Like