ئامېرىكا «ئۇيغۇر ئ‍نسان ھەقلىرى سياستى ھەرىكىتى» قانۇنىنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز.

ئۇيغۇر مىللىتى يىللاردىن بىرى كۇتكەن تارىخى كۇن يېتىپ كەلدى،ئامېرىكا پىرەزدىنتى دونالد تىرامپ «ئۇيغۇر ئ‍نسان ھەقلىرى سياسىتى ھەرىكىتى»گە ئىمزا قويدى. بۇ لايىھە بۇگۇن رەسمى قانۇنغا ئايلاندى.

ئامېرىكا «ئۇيغۇر ئ‍نسان ھەقلىرى سياستى ھەرىكىتى» قانۇنىنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز.

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى.17-ئىيۇن

 

ئۇيغۇر مىللىتى يىللاردىن بىرى كۇتكەن تارىخى كۇن يېتىپ كەلدى،ئامېرىكا پىرەزدىنتى دونالد تىرامپ «ئۇيغۇر ئ‍نسان ھەقلىرى سياسىتى ھەرىكىتى»گە ئىمزا قويدى. بۇ لايىھە بۇگۇن رەسمى قانۇنغا ئايلاندى.

 

بۇ -ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ۋەتىنى -شەرقى تۈركستان (ئۇيغۇرستان)دىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا بارلىق ئىزىلگۇچى خەلقلەرنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرى ۋە ئاھۇ-زارىنىڭ بەدىلىگە كەلگەن نەتىجە، شۇنداقلا ئ‍ۇيغۇرلار ئۇچۇن كۇچ چىقارغان تاراتقۇلار، تەتقىقاتچىلار، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، پائالىيەتچىلەر ، گۇۋاھلىق بەرگۇچىلەرنىڭ تىرىشچانلىق نەتىجىسى.

 

بۇ ئۇيغۇر ئاۋازىنىڭ دۇنياغا ئاڭلانغانلىقىنىڭ ئسپاتى،ئۇيغۇر مەسلىسنىڭ خەلقئارالىق مەسلىگە ئايلىنىشى ئۇچۇن يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىشىدۇر.

 

بىز ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەزكۇر قانۇن لايىھەسنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن چەكسز خوشال بولدۇق ۋە بۇ قانۇن ئۇچۇن كۇچ چىقارغان بارلىق كىشلەر ئۇچۇن مىننەتدارلىق بىلدۇرىمىز.شۇنداقلا ئ‍نسانى ھوقۇق،دىموكراتىيە،ئەركىنلىك ئۇچۇن قوغدىغۇچى بولۇپ كەلگەن ئامېرىكا ھۆكۇمىتى ۋە خەلقى ئۇچۇن چەكسز مىننەتدارلىق بىلدۇرىمىز.كەلگۇسىدە ئامېرىكا ھۆكۇمىتى ۋە خەلقى شۇنى بىلىپ قالىسلەر،سلەر ھەقىقەتەن توغرا قىلدىڭلار،ئادالەت،توغرىلىق،ئ‍نسانىيلىق ،تىچلىق ئۇچۇن توغرا قارار چىقاردىڭلار،تىچلىقپەرۋەر ،مەدەنىيەتلىك ۋە دوستانە ئۇيغۇر خەلقى -سلەرگە چوقۇم لايىقىدا سۆيگۇ ۋە ھۇرمەت بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ.

 

خىتتاي ھۆكۇمىتىگە،سلەر زوراۋانلىق ۋە قورال كۇچىگە ئىشنىپ، تار مىللەتچىلىك ۋە ئىرقچىلىق سياستى نەتىجىسدە، ئ‍نسانىيەت مەدەنىيتگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان بىر خەلقنى يوقاتماقچى بولدۇڭلار.كۆرۇپ تۇرۇپسلەركى،دۇنيا سلەرنىڭ ئەپتى-بەشرىڭلارنى بىلىپ يەتتى،ماھىيتىڭلارنى تونۇپ يەتتى،سلەر ئۇيغۇر خەلقىنى يوقىتالمايسلەر،ئادالەت ھامان زۇلۇم ئۇستىدىن غەلبە قىلىدۇ.سلەر تارىخنىڭ خاتا تەرىپىدە تۇرۇپ قالدىڭلار.

 

ئۇيغۇر خەلقى نۆۋەتتە ناھايت ئىغىر كۇنلەرنى باشتىن كەچۇرمەكتە.ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كۇلپەتلەردىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇشى- پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆر ۋەتىنى بىلەنلا ئ‍شقا ئاشىدۇ.

 

ئالدىمىزدا مۇشەققەت كۇنلەر ناھايتى كۆپ.بىز قىرىنداشلىرىمىزنىڭ داۋاملىق تىرىشچانلىق قىلىشنى،ئىزچىل ھەرىكەت قىلىشنى،بىرلىك ،مېھىرى-مۇھەببەت ۋە ھەمكارلىق ئاساسدا تىرىشچانلىق قىلىشنى ئۇمىد قىلىمىز.

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

تۈركىيەدىكى 100 ئادۇكات ب د ت غا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئەرز سۇندى

شە ئىيۇن 20 , 2020
سەدەف 2020-6-20 ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاسلىملاتسىيە ۋە قىرغىنچىلىق خەلىقئارا جەمىيەتتە ئۆزلۈكسىز باش تىما بۇلۇپ كەلدى. تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان ئادۋۇكاتلىق جەمئىيەتلىرىگە ئەزا بولغان، ھەرقايسى ۋىلايەت شەھەرلەردىكى 100 ئادۇكات، ئادۇكات فارۇق كەلەشتىمۇرنىڭ يىتەكچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى كۈنسىرى ئېشىۋاتقان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىققا بولغان نارازىلىقىنى قانۇنىي ئۇسۇللار بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر […]

You May Like