ئامېرىكا ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى مەجبۇرىي ئىشلەتكەن خىتاي شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تۇتۇپ قالدى

2019-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 5 دۆلەتتىن ئىمپورت قىلىنغان مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغۇچىلار ئىشلىگەن دەپ قارىغان مەھسۇلاتلارنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە شەرقى تۈركىستانغا جايلاشقان خىتاي شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىمۇ بار.

تەييارلىغۇچى: سەبرى

2019-يىلى 3-ئۆكتەبىر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 5 دۆلەتتىن ئىمپورت قىلىنغان  مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغۇچىلار ئىشلىگەن دەپ قارىغان مەھسۇلاتلارنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە شەرقى تۈركىستانغا جايلاشقان خىتاي شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىمۇ بار.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (U.S. Customs and Border Protection) ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي، برازىلىيە، كونگو، مالايسىيا ۋە زىمبابۋې قاتارلىق بەش دۆلەتتىن ئىمپورت قىلىنغان كىيىم -كېچەك، ئالتۇن ۋە ئالماس قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى تۇتۇپ قالغان. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئەمەلدارى برېندا سىمىتنىڭ (Brenda Smith)دېيىشىچە، ئۇنىڭ ئىدارىسى بۇ مەھسۇلاتلارنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن پورتتا تۇتۇپ قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« بۇ ھەرىكەتنىڭ بېرىدىغان ئۇچۇرى شۇكى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ھەمكارلىشالايدىغان بىر نۇقتا بولسا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا ياق دېيىش.»

«خوتەن تەيدا كىيىم-كېچەك شىركىتى» دىكى ئۇيغۇر» ئىشچىلار».

مەھسۇلاتلىرى تۇتۇپ قىلىنغان شىركەتلەر ئارىسىدا، شەرقى تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھىرىگە جايلاشقان خىتاي شىركىتى- «خوتەن تەيدا كىيىم-كېچەك شىركىتى» (和田泰达服装公司) مۇ بار. بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇلتۇر، ئامېرىكىنىڭ بىر تەنتەربىيە كىيىملىرى شىركىتى «خوتەن تەيدا كىيىم-كىچەك شىركىتى»دىن مەھسۇلات ئىمپورت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. بۇ خىتاي شىركىتى ئىلگىرى ئاتالمىش «قايتا تەربىيىلەش مەركىزى»گە (جازا لاگىرى) قامالغان كىشىلەرنى ئىشقا ئالغانلىقىنى ئىتراپ قىلغان.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىدا خوڭكوڭ ۋەزىيتى تېخىمۇ كەسكىنلەشتى

پە ئۆكتەبىر 3 , 2019
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 1-ئۆكتەبىر، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى خوڭكوڭلۇقلار «دۆلەت بايرىمى ئەمەس، دۆلەت ھەيۋىسنى كۆرسىتىش كۈنى »دىگەن تىمىدا نامايىش قىلماقچى بولغان. ئەمما خوڭكوڭ ساقچى تەرەپ توسقۇنلۇق قىلغان. خوڭكۇڭلۇقلار ئالتە رايۇندا بىر ۋاقىتتا تەڭ نامايىش ئۇرۇنلاشتۇرغان.

You May Like