پارتلاتقۇچ: ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ئالاقىدار ئالىي مەخپىي ھۆججەتلىرى ئاشكارىلىنىپ كەتتى، ئىچكى جاسۇسلار ئامېرىكىغا ئېغىر زىيان سالماقتا

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 10-ئاپرېل

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ئائىت ئىنتايىن يۇقىرى مەخپىي ھۆججەتلەر توپى تورغا تارقىتىلغان بولۇپ، خەۋەر قىلىنىشىچە بۇ ھۆججەتلەر رۇسىيەگە پايدىلىق ۋە ئۇكرائىنا ۋە ئامېرىكىغا زىيانلىق ئىكەن. بۇ ھۆججەتلەردە ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە ئارمىيەسى ھەققىدىكى ئۇچۇر توپلاش ئۇسۇلى، ئۇكرائىنانىڭ مەخپىي ھەربىي بازىلىرى ۋە ئاجىزلىقلىرى، ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ئۇسۇللىرى، ئۇكرائىنانىڭ ھۇجۇم پىلانى، رۇسىيە ئارمىيەسى ھەققىدىكى نازۇك ئۇچۇرلار خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بۇ مەخپىيەتلىك ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە ھۆكۈمەت ئىچىدىكى ئىشەنچ كرىزىسنى يۇقىرى پەللىگە چىقاردى. جاسۇسلۇق ۋە ئىشەنچ كرىزىسى ئامېرىكىغا ئېغىر زىيانلارنى ئىلىپ كەلمەكتە. CNN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئۇچۇرلار ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيەسى شۇنداقلا ھۆكۈمىتىنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئۇسۇلى ھەققىدىكى گۇمانلار ئېغىرلاشماقتا ئىكەن.

مۇھىمى، مەزكۇر ئاشكارىلاش ھەرىكىتى رۇسىيە ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇچۇر ئىگىلەش يولىنى توسۇپ قويۇشتىن باشقا، ئۇكرائىنانىڭ پىلانى ۋە ئاجىزلىقىغا ھۇجۇم قىلىشنى تېزلەتكەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مىسىر رۇسىيەگە 40 مىڭ دانە راكېتا بومبىسى ياردەم قىلغان

سە ئاپرېل 11 , 2023
ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مىسىر رۇسىيەگە 40 مىڭ دانە راكېتا بومبىسى ياردەم قىلغان

You May Like