ئامېرىكا تەيۋەن بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ.

بايدىن ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىنى ئەڭ ئىنچىكە نۇقتىدىن باشلىدى. تەيۋەن مەسىلىسى بولسا خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى مۇھىم نۇقتىسى ۋە قىزىل سىزىقى.

تەجەللى ئابدۇلمەلىك
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 24- يانۋار

 

بايدىن ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىنى ئەڭ ئىنچىكە نۇقتىدىن باشلىدى. تەيۋەن مەسىلىسى بولسا خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى مۇھىم نۇقتىسى ۋە قىزىل سىزىقى.

 

ئامېرىكا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوشنىلىرىنى قورقۇتۇشقا ئۇرۇنۇشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

 

بىز بېيجىڭنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي، دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي بېسىمنى توختىتىشىنى ۋە تەيۋەننىڭ دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلانغان ۋەكىللىرى بىلەن ئەھمىيەتلىك سۆھبەتلىشىشنى تەلەپ قىلىمىز. بىز دوستلار ۋە ئىتتىپاقداشلار بىلەن بىرلىشىپ، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىش، بىخەتەرلىك ۋە قىممەت قارىشىمىزنى ئىلگىرى سۈرىمىز، بۇ دېموكراتىك تەيۋەن بىلەن بولغان ئالاقىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دۆلەت ھالقىغان مەسىلىلەرنىڭ تىنچ ھەل قىلىنىشىنى داۋاملىق تەشەببۇس قىلىدۇ، بۇ تەيۋەندىكى كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى ۋە مەنپەئەتىگە ماس كېلىدۇ. ئامېرىكا «ئۈچ ئۇقتۇرۇش»، «تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنى» ۋە «ئالتە كاپالەت» دە بايان قىلىنغان ئۇزۇن يىللىق ۋەدىسىنى ساقلاپ كەلدى. بىز تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغدىيالايدىغان يېتەرلىك ئىقتىدارىنى ساقلىشىغا داۋاملىق ياردەم قىلىمىز. بىزنىڭ تەيۋەنگە بەرگەن ۋەدىمىز مۇستەھكەم بولۇپ، تەيۋەن بوغۇزى ۋە رايون ئىچىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىمىز.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

«غەربىي فرانسىيە» گېزىتى «كابۇلدىكى ھەقىقىي خىتاي جاسۇسلىرى ۋە ساختا ئۇيغۇر تېررورىستلىرى» ناملىق ئوبزور ئېلان قىلدى

دۈ يانۋار 25 , 2021
(پارىژ خەۋىرى) 2021- يىلى 24- يانۋار فرانسىيەدىكى ئوقۇرمەنلىرى بىر قەدەر كۆپ بولغان «غەربىي فرانسىيە» گېزىتى ئۆزىنىڭ تور بەت سەھىپىسىدە «كابۇلدىكى ھەقىيقى خىتاي جاسۇسلىرى ۋە ساختا ئۇيغۇر تېررورىستلىرى» تېمىسىدا ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلدى.

You May Like