ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېو ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشتى

مېھرىگۈل تۇرسۇن خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) جازا لاگىرىدىكى قىيناش ۋە ئۇرۇشلاردىن ئامان قالغۇچى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « مەن سولانغان كامىردىلا توققۇز ئايال ئۆلۈپ كەتتى.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 27- مارت

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-03-28

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

مېھرىگۈل تۇرسۇن خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) جازا لاگىرىدىكى قىيناش ۋە ئۇرۇشلاردىن ئامان قالغۇچى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « مەن سولانغان كامىردىلا توققۇز ئايال ئۆلۈپ كەتتى.»

26 – مارت مېھرىگۈل ۋە باشقا ئائىلىسىدىكىلەر جازا لاگېرلىرىغا سولانغان ۋە ياكى تۈرمىگە قامالغان ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېوغا (Mike Pompeo) كەچۈرمىشلىرى ئېيتتى.

خىتاينىڭ غەربىدىكى جازا لاگىرلىرى خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك، كۈلتۈرەل، دىنىي ۋە تىل كىملىكلىرىنى باشتۇرۇشتىكى چوڭ ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى. 2017 – يىلى ئاپرېلدىن ئىتىبارەن 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق، ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار جازا لاگېرلىرىغا سولانغان.

 – 2018يىلى فېۋرالدا ئانىسى تۇتقۇن قىلىنغاندىن تا ھازىرغىچە خەۋەر ئالالمايۋاتقان فىرقەت جەۋدەت مۇنداق دېدى: « مەن ئانامنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكىنىمۇ بىلمەيمەن. » خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا، كىشىلەرنىڭ ئۇرۇلىدىغانلىقى، قىيىن-قىستاققا ئېلىنىدىغانلىقى، ئىسلام دىنىنى رەت قىلىشقا ۋە خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىنى يادلاشقا زورلىنىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

ئارافات ئەركىن 2015 – يىلىدىن بېرى يوقاپ كەتكەن، ئاتا-ئانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 ئۇرۇق تۇققىنىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. 2015 -يىلى ئامېرىكا ئوقۇشقا كەلگەن ئارافات مۇنداق دېدى : « مەن سۈكۈت قىلدىم. مەن سىياسەتتىن يىراق تۇردۇم. لېكىن، شۇنداقتىمۇ ئاتا-ئانام تۇتقۇن قىلىندى. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە « ئاۋارىچىلىق كېلىشىدىن ئەنسىرەپ»، ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گۈلچېھرە خوجا 2001- يىلى شىنجاڭدىن (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئايرىلىپ ئامېرىكىدا مۇخبىرلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ 24 تۇققىنى قولغا ئېلىنغان.

 

گۈلچېھرە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەۋەر قىلىشى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتتى.

مېھرىگۈل خىتايدىكى جازا لاگىرىدا باشتىن كەچۈرگەنلىرىنى دۇنياغا ئاڭلاتقانلىقى سەۋەبلىك، ئۇنىڭ قارىشىچە خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى بولغان كىشىلەر تەرىپىدىن ئامېرىكىدا بىر قانچە قېتىم ئاۋارە قىلىنغان.

بۇ كۆرۈشۈشتىن كېيىنكى بىر باياناتتا، پومپېو ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي زۇلمىغا قارشى سۆز قىلىشتەك باتۇرلىقىنى ماختىدى ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئىسلام ۋە باشقا دىنلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى تۈگىتىشتە ياردەمدە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

 – 26مارت كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، پومپېو شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) توغرىلىق بىر سۇئالغا جاۋاب بېرىپ، « بۇ خىل كىشىلىك ھوقۇققا زۇلۇم قىلىش قىلمىشى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان» دېدى.

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « بىز خىتاينى قايىل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز، بۇ ئىنتايىن ناچار قىلمىش، چوقۇم توختىتىلىشى كېرەك.»

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. 

مەنبە:

https://share.america.gov/pompeo-meets-with-uighurs/

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

خىتاي ئۈچۈن ئىشلەشكە ئىشپيۇن بولۇش شەرت ئەمەس ، دۆت بولسىلا يىتەرلىك

جۈ مارت 29 , 2019
بىلمەك - بىلشنى بىلمەكتۇر، بىلمەك- قانداق بىلشنى بىلمەكتۇر، بىلمەك - ئۆزىنى بىلمەكتۇر، سەن ئۆزۈڭنىڭ قانداقلىقىنى بىلمسەڭ بۇ قانداق بىلمەكتۇر؟!

You May Like