ئامېرىكا قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدۇ.

ئۆزبېكىستان ۋە ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىغا قازاقىستانمۇ قېتىلدى. ئامېرىكا قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەتلىرى، شەخسىي كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا مەبلەغ سېلىش ھاۋالە شىركىتىنى قۇردى. شىركەتنىڭ سالغان مەبلىغىنىڭ تەسىرىدە، شەخسىي كارخانىلار 5 يىل ئىچىدىلا 1 مىليارد دوللار كىرىم قىلدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتىدۇ. سۈپەتلىك ئۇل ئەسلىھە، ئىشلەپچىقىرىشقا ياردەم ۋە سۈپەتلىك پۇل-مۇئامىلە مەبلىغى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

تەجەللى ئابدۇلمەلىك
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ، 2021- يىلى 1- فېۋرال

 

ئۆزبېكىستان ۋە ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىغا قازاقىستانمۇ قېتىلدى. ئامېرىكا قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەتلىرى، شەخسىي كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا مەبلەغ سېلىش ھاۋالە شىركىتىنى قۇردى. شىركەتنىڭ سالغان مەبلىغىنىڭ تەسىرىدە، شەخسىي كارخانىلار 5 يىل ئىچىدىلا 1 مىليارد دوللار كىرىم قىلدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتىدۇ. سۈپەتلىك ئۇل ئەسلىھە، ئىشلەپچىقىرىشقا ياردەم ۋە سۈپەتلىك پۇل-مۇئامىلە مەبلىغى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

 

12- يانۋار قازاقىستان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى، ئامېرىكىنىڭ ئىرىگەيشىن (Irrigation) دەپ ئاتىلىدىغان سۇغىرىش سىستېمىسى شىركىتى بىلەن قازاقىستاندىكى كۇستو گۇرۇھى (Kusto Group) ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاندى. بۇ مەبلەغ بىلەن ئامېرىكا قازاقىستاندا سۇغىرىش ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەسلىھە زاۋۇتىدىن 1000 يۈرۈش قۇرىدۇر.

 

بۇ مەبلەغ سېلىشنىڭ مەقسىتى قازاقىستاننىڭ سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. ئامېرىكا پەن – تېخنىكا، ئېنېرگىيە ۋە سانائەتكە مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتىپ، 2050- يىلغىچە قازاقىستاننىڭ دۇنيادا ئىقتىسادىي ئەڭ تەرەققىي قىلغان ئالدىنقى 30 دۆلەتنىڭ ئىچىگە كىرىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

 

بۇ تاشقى سىياسەت ھەرىكىتى پرېزىدېنت جو بايدىننىڭ تۇنجى مۇھىم ھەرىكىتى بولۇپ قالىدۇ. ئامېرىكا ھازىر ئافغانىستاندىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەردىمۇ مەبلەغ سېلىش ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىماقتا.

 

پايدىلىنىلغان مەنبە: دىپلومات خەۋەر تورى (The Diplomat)

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئامېرىكىنىڭ يېڭى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائەت سىياسىتى

چا فېۋرال 3 , 2021
1) پرېزىدېنت ترامپنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە TSMC ئارىزونادا 5 نامومېتىر (nm) لىق مىكرو ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشنى، شۇنداقلا كەلگۇسىدىكى يېڭى تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

You May Like