ئامېرىكا مېدىياسى خۇاۋېي شىرىكىتىنىڭ يەنە بىر سىرىنى ئاچتى

فىرانسىيە رادىئو -تېلۋىزىيەسىنىڭ 26-چىسلا بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئامېرىكا مېدىياسى خۇاۋېينىڭ خىتاي ھۆكىمىتى تەرىپىدىن زور مىقداردا تۇلۇقلىما ياردەم پۇلى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئاشكارلىدى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

سايئوغلى

 

2019-12-26

 

فىرانسىيە رادىئو -تېلۋىزىيەسىنىڭ 26-چىسلا بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئامېرىكا مېدىياسى خۇاۋېينىڭ خىتاي ھۆكىمىتى تەرىپىدىن زور مىقداردا تۇلۇقلىما ياردەم پۇلى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئاشكارلىدى.
خۇاۋېي شىركىتنىڭ قۇرغۇچىسى رېن جىڭفېي بۇ يىل ئىپادە بىلدرۈپ: خۇاۋېي دۆلەتنىڭ ھېچقانداق ياردىمىگە تايانمايدۇ دىگەن ئىدى. ئەمما ئامېرىكا مېدىياسى خۇاۋېينىڭ قۇرۇلغان 20يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم ئالاھىدە مەسھۇلاتلارغا تۇلۇقلىما ياردەم بېرىش سىياسىتىدىن پايدىلنىپ خەلىقئارادا خۇاۋېي مەسھۇلاتلىرنى %30گىچە ئېتىبار باھادا ساتقان.
خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ بىر قىسىم شىركەتلەرنى قوللاش سىياسىتى ئامېرىكا -خىتاي سودا ئۇرۇشىدىكى تارتىشىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىدۇر.ھۆكۈمەتنىڭ تۇلۇقلىما ياردەم پۇلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سودا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دەسلەپكى مۇزاكىرە تېمىسىدۇر. ۋال سىترت كوچىسى (华尔街日报) كۈندىلىك گېزىتىنىڭ 25 -چىسلا ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ خۇاۋېينىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە بەرگەن تۇلۇقلىما ياردەم پۇلى 75مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
ۋال سىترت كوچىسى گېزىتىنىڭ دوكىلاتىدا: بۇ زور مىقداردىكى ياردەم پۇلىنىڭ 46مىليارد ئامېرىكا دوللىرى دۆلەت بانكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك قەرزى ئىكەن. 2008-يىلدىن 2018-يىلغىچە خىتاي ھۆكىمىتى يۇقىرى پەن -تېخنىكىنى قوللاش نامىدا خۇاۋېينىڭ 25مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بېجىنى كەچۈرۈم قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا خۇاۋېي شىركىتى 1مىليارد 600يۈز مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى تۇلۇقلىما ياردەمگە ۋە 2مىليارد لاھىيە ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن.
دوكىلاتتا يەنە مۇنداق دىيىلگەن، يۇقىرى پەن-تېخنىكىغا ياردەم بېرىش خىتاينىڭلا سىياسىتى ئەمەس، ئەمما خۇۋا باشقا رەقىپلىرىگە قارىغاندا ئالاھىدە كۆپ ياردەمگە ئېرىشكەن. 2014-يىلدىن 2018-يىلغىچە خۇاۋېي فىلاندىيە نوكىئا (芬兰诺基亚)شىركىتىگە قارىغاندا 17ھەسسىدىن كۆپ ياردەمگە ئېرىشكەن. ئەمما خۇاۋېينىڭ دوكىلاتىدا پەقەت 1مىليار 600مىليۇن ياردەم پۇلى ئالغانلىقى ئېلان قىلىنغان.
خىتاي تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىق بانكىلار خۇاۋېينىڭ خەلىقئارا رىقابەتتە يېڭىپ چىقىشى ئۈچۈن %3لىك تۈۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بەرگەن.
خۇاۋېي بۇنىڭدىن باشقا يەر-زېمىن ئىتىبار باھا سىياسىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، گۇۋاڭدۇڭ دۇڭۋەن قاتارلىق رايۇنلاردا 10نەچچە پارچە يەرنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشتىن پايدىلنىپ ئالاھىدە ئەرزان سېتىۋالغان. بۇنىڭدىن 2مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تىجەپ قالغان.

 

مەنبەسى : فىرانسىيە رادىئو -تېلۋىزىيەسى

UT-Uyghur Reporter 16

Next Post

غەززەدىكى مۇسۇلمانلار ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىش قىلدى

پە دېكابىر 26 , 2019
26- دىكابىر ئەرەبچە «ئاخىرقى خەۋەر » ئاگىنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەلەستىن غەززە رايونىدىكى دىنىي ئىشلار ۋازارىتى ۋە پەلەستىن ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا شەرقىي تۈركىستاندا چەكتىن ئاشقان زۇلۇم تارتىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ھىمايە قىلىش، خىتاينىڭ ماللىرىنى بايقۇت قىلىش توغرىسىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.

You May Like