ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنى خۇا ۋېينىڭ تېلېگراف ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتمەسلىككە دەۋەت قىلدى

ۋال كوچىسى گېزىتى تورىنىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىگە ئالاھىدە بىر تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، پائالىيەتنىڭ مەقسىتى بۇ دۆلەتلەرنىڭ سىمسىز خەۋەرلىشىش ۋە تور بىلەن تەمىنلىگۈچىلىرىنى خىتاينىڭ خۇا ۋېي تېخنىكا شىركىتى ئىشلەپچىقارغان تېلېگراف ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتمەسلىككە قايىل قىلىش ئىكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەھۋالدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

فرانسىيە ئاۋازى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 23-نويابىر

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

تەھرىر: مەنزىل

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-11-23

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

ۋال كوچىسى گېزىتى تورىنىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىگە ئالاھىدە بىر تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، پائالىيەتنىڭ مەقسىتى بۇ دۆلەتلەرنىڭ سىمسىز خەۋەرلىشىش  ۋە تور بىلەن تەمىنلىگۈچىلىرىنى خىتاينىڭ خۇا ۋېي تېخنىكا شىركىتى ئىشلەپچىقارغان تېلېگراف ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتمەسلىككە قايىل قىلىش ئىكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەھۋالدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەرباب مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئاللىبۇرۇن خۇا ۋېي ئۈسكۈنىلىرىنى كەڭ كۆلەملىك ئىشلىتىۋاتقان گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە تېلېگراف شىركىتى مەسئۇللىرىغا قىسقا دوكلات بېرىپ، ئۆزلىرى كۆرۈپ يەتكەن تور بىخەتەرلىكى خەۋپلىرىنى چۈشەندۈرگەن .

بەزى خەۋەردار ئەربابلار ئامېرىكىنىڭمۇ خىتاي ئىشلەپچىقارغان ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن دۆلەتلەرگە تېلېگراف تەرەققىياتى ساھەسىدە مالىيە ياردەم پۇلى بېرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر مەسىلە خىتاينىڭ تېلېگراف ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىۋاتقان گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ بولۇشى ئىكەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىقىنىڭ شەخسىي سۈنئىي ھەمراھ تېلېگراف تورى بار بولۇپ، ئالاھىدە سەزگۈر ئاخباراتلارنى بىرتەرەپ قىلىشقا ئىشلىتىدۇ. بىراق، نۇرغۇنلىغان ھەربىي ئەسلىھەلەر كۆپلىگەن ئاخباراتلىرىنى سودا تور يولى ئارقىلىق يوللايدۇ.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەگەر خەۋەر راست بولسا ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ترامپ ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ۋە ھەربىي ئىشلار ساھەسىدىكى كەسكىن ھالىتىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

خۇا ۋېي نۆۋەتتە %22  بازار ئۈلۈشى بىلەن خەلقئارا تېلېگراف بازىرىدا يېتەكلىگۈچى ئۇرۇننى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، فىنلاندىيەنىڭ نوكىيا شىركىتى ۋە شىۋېتسىيەنىڭ ئېرېكسون شىركىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %13 ۋە %11 بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلەيدۇ. خۇا ۋېي يەنە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېلېگراف ئۈسكۈنىسى ئىشلەپچىقارغۇچى دەپ نام ئالغان بولۇپ، ئەقلىي تېلېفون، روتېر، كوممۇتاتور، ئاساسىي پونكىت قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى 145 دۆلەتتىكى 500 تېلېگراف شىركىتىدە ئىشلىتىلمەكتە.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالماشتۇرغۇدەك باشقا ئىشەنچلىك لايىھە بولمىغاچقا، نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ۋاشىنگتوننىڭ تەكلىپىگە قانچىلىك دەرىجىدە ئاۋاز قۇشۇشى نامەلۇم ئىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جۈمە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە ئەھۋالدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، بىراق، پىرىنىسپ سۈپىتىدە، خىتاي تەرەپنىڭ خىتاي كارخانىلىرىنى چەتئەلدە يەرلىكنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلغان ئاساستا مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىزچىل ئىلھاملاندۇرۇدىغانلىقىنى،  شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ خىتاي كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشى ئۈچۈن ئادىل ۋە كۆزلىگەندەك سۇپا بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتەلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە: http://cn.rfi.fr/美洲/20181123-美国疑劝盟国避免用华为电信设备?ref=tw_i

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

مەمەت توختى: كاناداغا كۆچمەن بولۇشقا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى ئون مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

شە نويابىر 24 , 2018
10- نويابىر گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھرىدە شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ئۆتكۈزۈلگەنىدى. كېڭەش ئاخىرىدا، تۈركىيەنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان ئىقتىسادى كىرزىسى ۋە تۈركىيە -خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا پايدىسىز ۋەزىيەت كۆزدە تۇتۇلۇپ، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۈچ مىڭ ئۇيغۇرنى كاناداغا يۆتكەش قارارى ئېلىنغان ئىدى.

You May Like