ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ خىتايغا قارشى خىزمەت گۇرۇپپىسى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇشى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ خىتايغا قارشى خىزمەت گۇرۇپپىسى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇشى

تەجەللى ئابدۇلمەلىك
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 12- فېۋرال

 

2- فېۋرال ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى خىتايغا قارشى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ پات يېقىندا قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 

بۇ قارار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرى، پروگراممىلىرى ۋە جەريانلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن باھالايدۇ. ھەمدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنى خىتاي مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم ئىشلار ۋە قارار نۇقتىلىرى ھەققىدە مەسلىھەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 

خىزمەت گۇرۇپپىسى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدە ئىشلەيدىغان ئەڭ كۆپ 15 ئادەتتىكى خىزمەتچى ۋە ھەربىي خادىمدىن تەركىب تاپىدۇ. خىزمەت گۇرۇپپىسىغا تۆۋەندىكى ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدۇ:

 

–  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىشخانىسى
–  بىرلەشمە شىتابلار ئىشخانىسى
–  ھەربى مەجبۇريەت ئىشخانىسى
–  ئۇرۇش قىلىش قوماندانلىق شىتابى
–  ئاخبارات (ئىستىخبارات) ئورگىنى

 

خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئالاھىدە مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى دوكتور ئېلى راتنېر بولىدۇ. خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ «sprint» تەتقىقاتى بولۇپ، تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

 

–  ئىستراتېگىيە
–  مەشغۇلات ئۇقۇم قۇرۇلمىسى
–  تېخنىكا ۋە كۈچ قۇرۇلمىسى
–  ئارمىيە ۋە ئارمىيەنى باشقۇرۇش
–  ئاخبارات
–  ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىقى ۋە شېرىكچىلىكى
–  خىتاي بىلەن بولغان مۇداپىئە مۇناسىۋىتى

 

بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى تەۋسىيەلىرىنى ئورگانلار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىگە سۇنىدۇ.

 

خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ تۆت ئايدىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە مۇئاۋىن مىنىستىرغا ئاخىرقى تەكشۈرۈش ۋە تەكلىپلىرىنى سۇنىدۇ.

 

گەرچە مىنىستىرلىك بۇ گۇرۇپپىنىڭ تەۋسىيەلىرىنى پارلامېنت ۋە باشقا ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن مۇزاكىرە قىلسىمۇ، ئەمما ئاخىرقى دوكلاتنى ئاشكارا ئېلان قىلمايدۇ ۋە مۇتلەق مەخپى تۇتۇلىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

دۇنيانىڭ تەنقىدىگە چىدىمىغان خىتاي ب ب سى نى چەكلىدى.

يە فېۋرال 14 , 2021
دۇنيانىڭ تەنقىدىگە چىدىمىغان خىتاي ب ب سى نى چەكلىدى.

You May Like