ئامېرىكا بىر ھەپتىدە 4 دانە نامەلۇم ئۇچار جىسىمنى ئېتىپ چۈشۈردى، خىتاي ئامېرىكا ئاسمىنىدا خالىغانچە ئوينىماقتا
تۇرسۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 14-فېۋرال
يەكشەنبە كۈنى پرېزىدېنت بايدىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇپ يۈرگەن يەنە بىر نامەلۇم ئۇچار جىسىم ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلدى.
ئامېرىكا ئۇچقۇچىلىرى ئۆتكەن ھەپتە كانادا ۋە ئالياسكا ئاسمىنىدا ئۇچۇپ يۈرگەن ئىككى نامەلۇم شارچىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن ئىدى.
ئۆتكەن ھەپتىنىڭ بېشىدا، خىتاينىڭ مونتانا ھاۋا بوشلۇقىدا نەچچە كۈنلەپ لەيلەپ يۈرگەن جاسۇسلۇق شارچىسى ئاخىرى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنىدى.
نۆۋەتتە چوڭ تاراتقۇلار بىردەك ئامېرىكا جامائىتىنىڭ سوئالىنى سورىماقتا :« بىز زادى نېمە كۈن كۆرۈۋاتىمىز؟»
خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى يىلسېرى كۈچىيىپ، ئاخىرى ھاۋا بوشلۇقىنى قالايمىقان قىلىشقا قەدەر سوزۇلغان.