ئامېرىكا ئاۋازى: سان فرانسىسكو شەھىرى ساقچىلارنىڭ چىراي تۇنۇش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشىنى چەكلىدى

كالىفورنىيە شتاتىنىڭ سان فرانسىسكو شەھىرى ئامېرىكىدىكى ساقچىلارنىڭ چىراي تۇنۇش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشىنى چەكلىگەن تۇنجى شەھەر بولدى.

ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 15- ماي

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-05-15

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

كالىفورنىيە شتاتىنىڭ سان فرانسىسكو شەھىرى ئامېرىكىدىكى ساقچىلارنىڭ چىراي تۇنۇش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشىنى چەكلىگەن تۇنجى شەھەر بولدى.

شەھەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى سەيشەنبە كۈنى 8 قوللاش بېلىتى، 1 قارشى بىلەت نەتىجىسىدە بۇ مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنى ماقۇللىدى. بۇ مەنئى قىلىش بۇيرۇقى مەزمۇنى كەڭرى بولغان قانۇن لاھىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇ قانۇن لاھىيىسىگە كۆرە سان فرانسىسكودىكى ھەرقايسى ئورگانلار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش  كومىتېتىنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كىيىن، ئاندىن چىراي تونۇش تېخنىكىسىغا ئېرىشەلەيدىكەن ۋە ياكى داۋاملىق ئىشلىتەلەيدىكەن.

سان فرانسىسكو نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئارون پېسكىن ( Aaron Peskin) مۇنۇلارنى بىلدۈردى :« بىز بىخەتەرلىك دۆلىتى بولمىساقمۇ جەمئىيىتىمىزنى قوغدايدىغان نۇرغۇن تەدبىرلەر بار. بىزنىڭ نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر ساقچىلىرىمىز بار، بىراق بىز ساقچى دۆلىتىدە ياشاشنى خالىمايمىز. بۇ قانۇن مۇشۇ تەڭپۇڭلۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.»

بۇ قانۇن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ چىراي تونۇش تېخنىكىسى ئىشلىتىشىنى چەكلەيدۇ، لېكىن شەخسلەر، شىركەتلەر ۋەياكى فېدېرال ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل تېخنىكىنى ئىشلىتىشىنى مەنئى قىلمايدۇ.

سان فرانسىسكودىكى نەچچە مەيدان كەسكىن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، شەخسىيەت ھوقۇقى تەشەببۇسچىلىرى بىلەن جامائەت بىخەتەرلىكىنى قوللىغۇچىلار ئارىسىدا جىددىي مۇنازىرىلەر بولدى. سان فرانسىسكو پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان  شەھەر بولۇپ، Twitter، Uber، Airbnb نىڭ باش شىتابى جايلاشقان يەر.

بۇ مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنى قوللىغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چىراي تۇنۇش تېخنىكىسىدا كەمچىلىكلەر مەۋجۇت بولۇپلا قالماستىن، بۇ يەنە پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىكەن. قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ قارىشىچە ساقچىلارنىڭ پەن – تېخنىكىنىڭ ياردىمىدە جىنايەتچىلەرنى تۇتۇشى كېرەك ئىكەن.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.  

 

مەنبەسى:

https://www.voachinese.com/a/us-facial-recognition-20199515/4918640.html

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى بىرلەشمە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ .

پە ماي 16 , 2019
2019-يىلى 9-ئاينىڭ 7- ۋە 8-كۈنلىرى ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىكەن.

You May Like