ئامېرىكا ئاۋازى: ئامېرىكا خىتاينى «شىنجاڭدا (ش ت) ئۈچ مىليونغا يېقىن مۇسۇلمانلارنى جازا لاگېرىغا قامىغان بولىشى مۇمكىن »دەپ ئەيىبلىدى

ئامېرىكا جۈمە كۈنى خىتاينى شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) بىر مىليوندىن كۆپ، بەلكى ئۈچ مىليونغا يېقىن ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى «جازا لاگېرىغا» قامىغان دەپ ئەيىبلىدى. بۇ ئامېرىكىنىڭ ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) يۈرگۈزۈۋاتقان ھازىرقى ۋەزىيىتىگە قارتا ئوتتۇرىغا قويغان ئەڭ قاتتىق ئەيىپلىشىدۇر.

ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 4- ماي

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سايئوغلى

كوررېكتور: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-05-05

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

ئامېرىكا جۈمە كۈنى خىتاينى شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) بىر مىليوندىن كۆپ، بەلكى ئۈچ مىليونغا يېقىن ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى «جازا لاگېرىغا» قامىغان دەپ ئەيىبلىدى. بۇ ئامېرىكىنىڭ ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) يۈرگۈزۈۋاتقان ھازىرقى ۋەزىيىتىگە قارتا ئوتتۇرىغا قويغان ئەڭ قاتتىق ئەيىپلىشىدۇر.

جۈمە كۈنى (5-ئاينىڭ 3-كۈنى) ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا ھىندى – تىنچ ئوكيان رايونى بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل خادىم، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى راندال شىرىۋىر (Randall Schriver)مۇخبىرلارنىڭ «نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئۇيغۇرلارنى قامىغان يىرىنى « جازا لاگېرى » دەپ ئاتايسىز» دېگەن سوئالىغا مۇنداق جاۋاپ بەردى :- بىزنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئۇيەردە بىر مىليوندىن كۆپ، بەلكى سانى ئۈچ مىليونغا يېتىدىغان كىشىلەر قاماققا ئىلىنغان، بۇ توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارە ئورۇنلاردا ئىپادىلىگەن سۆزلىرى ئۇيەرنى «جازا لاگېرى» دەپ ئاتاشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق بولغان ئاتالغۇ ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلماقتا.

بۇندىن ئىلگىرى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا ئەيپلىگۈچىلەر خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قامىغان ئورۇننى «جازا لاگېرى» دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا ئۇيەرنى كىشىلەردىكى دىنى ئاشقۇنلۇق ۋە مىللى بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنى تۈگىتىپ، كىشىلەرگە تەربىيىلىنىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن قۇرۇلغان مەكتەپ دەپ داۋراڭ سىلىپ كەلگەن ئىدى.

بىراق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئەيىپلىگۈچىلەر بولسا خىتاينىڭ بۇ چۈشەندۈرۈشلىرىنىڭ پەقەت پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. چۈنكى كىشىلەر مەجبۇرى چاقىرتىپ ئەكىلىپ ياكى تۇتۇپ ئىلىپ كېلىنىپ، كەلگەندىن كىيىن ئۆزى خالىغانچە ئۇيەردىن چىقىپ كېتەلمەيدىغان بىر ئورۇننىڭ ھەرگىزمۇ مەكتەپ بولالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. يەنە كېلىپ ئۇيەرگە قامالغانلارنىڭ ئارىسىدا 80 ياشتىن ھالقىغان ئاجىز، ياشانغانلارنىڭمۇ بارلىقىنى، يەنە باشقا ھەر ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەتتا پىراففىسورلارنىڭمۇ بارلىقىنى، بۇلارنىڭ ئۇ ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەكتىپى » دە قانداق تۈردىكى تەربىيىلەشنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھىچ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيو پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) مۇسۇلمانلارنى قامىغان ئورۇننى « قايتا تەربىيىلەش لاگېرى » دېگەن ئاتالغۇ بىلەن ئاتىغان ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ كىشىگە 1930-يىللاردىكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە ناتسىسلىرىنىڭ يەھۇدى ۋە سىگانلارغا ئېلىپ بارغان زور كۆلەملىك زىيانكەشلىكىنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بىرى شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئازسانلىق مىللەتلەرگە قارىتا گىن توپلاش ۋە چىراي تونۇتۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن پۈتۈن دۆلەتنىڭ ھەر يېرىدە 24 سائەت كۆزىتىشنى يۈرگۈزىۋاتىدۇ. يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ بالىلىرىغا دىننى ماتېرىياللارنى بېرىشى ۋە بالىلىرىغا ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى قويۇشىمۇ چەكلىمىگە ۋە جازالاشلارغا ئۇچراپ كەلمەكتە.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. 

 

مەنبە:

https://www.voachinese.com/a/china-put-likely-3-million-muslims-in-conentration-camps/4903679.html

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

نيچە (Nietzche) ، گىتلېر ۋە بىز

يە ماي 5 , 2019
بۇ يازمىدا ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلىمى پروفېسسورى ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق ئەپەندىنىڭ پىدائىيلار تورىدا ئېلىپ بارغان سۆھبىتى، ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ ئۇنىڭغا قارتا يازغان يازمىسى ۋە بۇنىڭدىن باشلانغان تالاش - تارتىشلار مۇلاھىزە قىلىنىدۇ.

You May Like