فرانسىيە رادىئوسى، 2020-10-01
تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020-10-02
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 30-سىنتەبىر بېلەت تاشلاپ، 253 بېلەتنىڭ قوللىشى، 163 بېلەتنىڭ قارشى تۇرۇشى، 15 بېلەتنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن «2020- يىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھۋالىنى ئاشكارىلاش قانۇنى» (Uyghur Forced Labor Disclosure Act of 2020) نى ماقۇللىدى. بۇ قانۇن لايىھىسى ئامېرىكىدا بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى مەسىلىسى، يەرلىك سودا پائالىيەتلىرىنىڭ كونكرېت ئۇچۇرلىرى ۋە ئىمپورت قىلىنغان تاۋار ياكى ماتېرىياللارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك قىلغۇچىلار لاگېرلىرىغا تەۋە ياكى ئەمەسلىكى قاتارلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شەرقىي تۈركىستان-ت.) غا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
22- سىنتەبىر ئاۋام پالاتاسى «ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (Uyghur Forced Labor Prevention Act) نى 406 بېلەتنىڭ قوللىشى، 3 بېلەتنىڭ قارشى تۇرۇشىدەك يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن ماقۇللىغان ئىدى.
تەپسىلىي مەزمۇنىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
https://www.rfi.fr/cn/%E5%9B%BD%E9%99%85/20200930-%E7%BE%8E%E5%9B%BD%E4%BC%9A%E4%BC%97%E8%AE%AE%E9%99%A2%E9%80%9A%E8%BF%87-%E5%BC%BA%E8%BF%AB%E7%BB%B4%E5%90%BE%E5%B0%94%E4%BA%BA%E5%8A%B3%E5%8A%A8%E6%8A%AB%E9%9C%B2%E6%B3%95