ئامېرىكا 2020-يىللىق پىرىزدىنىتلىق سايلىمىغا ھازىرغا قەدەر 22 نامزات ئۆزىنى كۆرسەتتى.

2020-يىللىق پىرزىدىنتلىق سايلىمى تارىختىن بىرىقى ئۆزىنى پىرىزدىنتىلىققا كۆرسەتكەن شەخسلەر بىر قەدەر كۆپ بولغان سايلام بولۇپ قالىدۇ.دىموكراتلار پارتىيسدىنلا 20 نەپەر كشى ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى،تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

2019-يىلى 25-ئاپرىل،ۋاشنگىتون.

2020-يىللىق پىرزىدىنتلىق سايلىمى تارىختىن بىرىقى ئۆزىنى پىرىزدىنتىلىققا كۆرسەتكەن شەخسلەر بىر قەدەر كۆپ بولغان سايلام بولۇپ قالىدۇ.دىموكراتلار پارتىيسدىنلا 20 نەپەر كشى ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسدىن پىرزىدىنت تىرامپ ئۆزىنى داۋاملىق نامزاتلىققا كۆرستىدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن بولۇپ،كۇچلۇك نامزات ھسابلىنىدۇ،ئۇنىڭغا پارتىيە ئىچىدىن يېقىندا بىر رىقابەتچى چىقتى:ماسساچۇستىس شتاتىنىڭ سابىق باشلىقى،ۋىلىيام ۋىلد مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە سايلام رىقابىتىنى ئىلان قىلدى.

دىموكراتچىلار ئىچىدە ئەڭ كۇچلۇك رىقابەتچىلەر ئوبامانىڭ مۇئاۋىنى،سابىق مۇئ‍اۋىن پىرزدىنت جوۋ بايدىن،كېڭەش پالاتا ئەزاسى بىرنى ساندىرىس،كالىفورنىيەلىك قارا تەنلىك پارلامىنىت ئەزاسى كامالە ھارىس قاتارلىقلار بار،دىموكراتچىلار نامزاتلىرى ئىچىدە ختتاي پۇشتىدىن بولغان ئاندىرۋ ياڭ مۇ بار.

ئۇنىڭدىن باشقا ھىندستان پۇشتىدىن بولغان ھىندى دىنى مۇرتى،ئاۋام پالاتا ئەزاسى ،ئ‍سپانلار ئەۋلادىدى بولغان جۇلىيان كاستىرو بولۇپ،ئۇ ئوباما دەۋرىدە ئولتۇراق ئۆي منستىرى بولغان ،كىين شەھەر باشلىقى بولغان.

37 ياشقا كىرگەن،ئىلگىرى خارۋاردنى پۇتتۇرگەن،ئامېرىكا ئارمىيېسدە ۋەزىپە ئۆتىگەن،ئىندىئانا شتاتىدا شەھەر باشلىقى بولغان پىتىر بۇتىگەگمۇ ئالاھىدە دىققەت تارتىدۇ،ئۇ پىرىزدىنت نامزاتلىرى ئىچىدىكى تۇنجى گاي نامزاتتۇر.

قارا تەنلىك كېڭەش پالاتا ئەزاسى كورى بۇكىرمۇ بويتاق نامزات بولۇپ،ئۇنىڭ ئۆتكۇر پىكرى ،ئالاھىدە نۇتۇق ماھارىتى سايلىغۇچىلارنى ئۆزىگە تارتماقتا.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

دىن ۋە بىلىم مۇناسىۋىتى

جۈ ئاپرېل 26 , 2019
دىن ۋە بىلىم مۇناسىۋىتى تېمىسى بۈگۈنمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا تەپەككۇر تارىخىنىڭ قىزىق تېمىلىرىدىن بىرى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ تېما بىلىم، پەلسەپە ۋە دىنىي ئىلىملەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭلا ئەمەس جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلماقتا

You May Like