ئۇيغۇر شەيخ- ئەلى ئەكبەر داموللامنىڭ تالىبانغا سۆزلىگەن خىتابى كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى

ئۇيغۇر شەيخ-ئەلى ئەكبەر داموللامنىڭ تالىبانغا سۆزلىگەن خىتابى كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى

ياسىنجان مەمەت  

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 24-ئاۋغۇست

ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرگەندىن كېيىن، تالىبان ئارمىيەسى ئافغانىستان پايتەختى كابۇلنى ناھايىتى تىزلا ئىشغال قىلدى. دۇنيانىڭ تالىبانغا بولغان مەيدانى ئاساسەن تالىبانغا گۇمان ۋە ئۇمىتسزلىكتە ئىپادىلەنسە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى كۆپ قىسىم غەرب دۆلەتلىرى تالىبانغا بولغان گۇمانىنى ۋە غەزىپىنى ئىپادىلىسە، بىر قىسىم مۇسۇلمانلار ئاممىسى تالىباننىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا قايتقانلىقىدىن خۇشاللىقىنى ئىپادىلىدى.مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تالىباننىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا قايتىپ كەلگەنلىكىگە قارىتا  تەبىئىيلا ئىككى ئېقىمغا ئايرىلغان بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر «تالىبان -ئىسلام ئەقىدىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان تەشكىلات، خىتاي -ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا تالىبان خىتاي بىلەن بىرلەشمەيدۇ » دەپ قارىدى.
يەنە بىر قىسىم كىشىلەر:«تالىبان خىتاي بىلەن بىرلىشىشكە ۋەدە قىلدى، تالىبان ئافغانىستان مەنپەئەتى ئۈچۈن خىتاينى تاللايدۇ، بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خېيىمخەتەر» دەپ قارىدى.

بۇ خىل مۇنازىرە داۋامىدا،تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىنى ئالىم ئەلى ئەكبەر داموللام سوسيال مېدىئا ئارقىلىق تالىبانغا رەسمىي شەكىلدە خىتاب قىلدى. مەزكۇر خىتاب -ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكەت ساھەسىدە تالىبانغا ئوچۇق ھالدا ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلىگەن تۇنجى ۋە رەسمىي سىياسىي خاراكتېرلىك چاقىرىق بولۇپ، ئەلى ئەكبەر داموللام ئاق تون ۋە سەللە بىلەن ئەرەب تىلىدا خىتاب قىلغان. ئۇ سۆزىدە تالىباننىڭ ھۆكۈمەتكە قايتىپ كېلىشنى تەبرىكلىگەن ۋە ئۇلارنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىرغان. ئۇ مۇنداق دېگەن «ئەي تالىبان، بىز سىلەرنىڭ قوشناڭلار ، خىتاي ئەمەس، بىز سىلەرنىڭ ئىسلامدىكى قېرىندىشىڭلار، خىتاي بولسا ئىسلامنى ياخشى كۆرمەيدۇ ». مەزكۇر نۇتۇق تارقالغاندىن كىيىن 23-ئاۋغۇست تېۋىتتردا زور كۆلەمدە تارقالغان، ئۇيغۇر سۆزى بويىچە ئىزدەش رامسكىدا، ئۇيغۇر شەيخ دېگەن ئىنگلىزچە سۆز بىرىنچى بولغان. 100 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلگەن.
ھىندىستانلىق گېنېرال مايور سۇرەندىرا پونىرا ئەلى ئەكبەر داموللامنىڭ ۋىدىئوسنى ئورتاقلاشقان بولۇپ، مۇنداق دېگەن : » ئۇيغۇر شەيخ  تالىبانغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەي تالىبان، سىلەرنىڭ قوشناڭلار بىز، خىتاي ئەمەس! بىز سىلەرنىڭ ئىسلامدىكى قېرىندىشىڭلار، خىتاي بولسا ئىسلامنى ياخشى كۆرمەيدۇ » «. مەزكۇر ۋىدىئو ئاستىغا يەنە يۈزلىگەن چەتئەللىك ۋە  ھىندىستانلىقلار ، تۋېتتېر ئىسمىنى ئايدىڭلاشتۇرغان شەخسلەر ئىنكاس يازغان، بەزىلىرى ئۇيغۇرلارنى قوللىغان،بەزىلىرى خىتايلارنى تەنقىد قىلغان.

ئەلى ئەكبەر داموللام ئىنتېرنېت دۇنياسىدا ئۇيغۇر شەيخ دەپ ئاتالغان تۇنجى ئۇيغۇر دىنى ئۆلىماسى بولۇپ قالدى.

Uyghur Reporter

Next Post

7- نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر ئۆمىكى سايلىمىنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى

سە ئاۋغۇست 24 , 2021
24- ئاۋغۇست دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7- نۆۋەتلىك ۋەكىللەر سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىندى…

You May Like